ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىسۇ ئىچكەندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ؟

سۇ ئىچكەندىن كېيىن قانچىلىك ۋاقىتتا كىچىك تەرەت قىلغۇسى كېلىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئوخشاش بولمىغان گۇرۇپتىكى كىشىلەر سۇ ئىچكەندىن كېيىن سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتى پەرقى

سۇ ئىچكەندىن كېيىن سىيىش ۋاقتى يەككە تەندىكى پەرق ۋە فىزىيولوگىيەلىك ئەھۋالغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. تۆۋەندە بىرقانچە ئوخشىمىغان گۇرۇپتىكى كىشىلەرنىڭ سۇ ئىچكەندىن كېيىنكى كىچىك تەرەت قىستاس ۋاقتى بېرىلدى.

1.نورمال ساغلام كىشىلەر

نورمال ساغلام كىشىلەر سۇ ئىچكەندىن كېيىن تەخمىنەن 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە ئارىلىقتا سۈيدۈك قىستاش ھېس قىلىدۇ. بۇ ۋاقىت دائىرىسى كۆپ خىل ئامىللارغا باغلىق بولۇپ، سۇ ئىچىش مىقدارى، مۇھىت تېمپېراتۇرىسى، شەخسنىڭ مېتابولىزم سۈرئىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئادەتتە، ئادەم بەدىنى بۆرەك ئارقىلىق سۇنى سۈزۈپ، ئارتۇق سۇنى سۈيدۈك شەكلىدە بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ.

 

2.بالىلار

بالىلارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ئىقتىدارى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن، بۆرەكنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭا، بالىلار سۇ ئىچكەندىن كېيىن سۈيدۈكىنى تېخىمۇ تېز ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئادەتتە 20 مىنۇتتىن 30 مىنۇتقىچە سىيىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنىڭ دوۋسىقىنىڭ سىغىمى بىر قەدەر كىچىك بولغاچقا، سىيىش قېتىم سانى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ.

 

3.ياشانغانلار

ياشانغانلارنىڭ بۆرەك ئىقتىدارى ۋە دوۋساق ئىقتىدارى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلاپ كېتىشى مۇمكىن. ياشانغانلار سۇ ئىچكەندىن كېيىن تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن سۈيدۈك ھېس قىلىشى مۇمكىن، ئادەتتە بىر سائەتتىن ئىككى سائەتكىچە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياشانغانلارنىڭ دوۋساقنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىمۇ تۆۋەنلەپ، پات – پات سىيىش ياكى سۈيدۈك تۇتالماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

4.ھامىلىدار ئاياللار

ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىنىڭ بېسىشى ۋە بەدەندىكى ھورمۇن سەۋىيەسىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، سىيىش قېتىم سانى كۆپىيىدۇ. ھامىلدار ئاياللار سۇ ئىچكەندىن كېيىن ئادەتتە 30 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە سۈيدۈك ھېس قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھامىلدار ئاياللارنىڭ دوۋساق سىغىمى بالىياتقۇنىڭ بېسىلىشى بىلەن كىچىكلەپ، تېخىمۇ كۆپ سىيىشكە توغرا كېلىدۇ.

 

5.بىمارلار

بىمارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتى كونكرېت كېسەللىك ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن، دىيابېت كېسىلى بىمارلىرى قان شېكىرى سەۋىيەسىنىڭ داۋالغۇشى تۈپەيلىدىن، پات – پات ئۇسساش ۋە كىچىك تەرەت قىستاش ھېس قىلىشى مۇمكىن. بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ سۈيدۈك چىقىرىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن، سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزۇن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى دورىلارمۇ سىيىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىمارنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سىيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 

سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يەككە تەن پەرقىدىن باشقا، تۆۋەندىكى ئامىللارمۇ سۇ ئىچكەندىن كېيىنكى سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ:

سۇ ئىچىش مىقدارى: كۆپ مىقداردا سۇ ئىستېمال قىلغاندا سۈيدۈك چىقىرىشنى تېزلىتىدۇ.

مۇھىت تېمپېراتۇرىسى: يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مۇھىتتا، ئادەم بەدىنى تەر ئارقىلىق بىر قىسىم سۇ تەركىبىنى چىقىرىپ تاشلايدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۈيدۈك چىقىرىش ئارىلىق ۋاقتى ئۇزىراپ كېتىشى ، سۈيدۈك قېتىم سانى ئازىلىشى مۇمكىن.

يېمەك – ئىچمەك ئادىتى: يۇقىرى تۇزلۇق، يۇقىرى ئاقسىللىق يېمەك – ئىچمەك بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇپ، سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ھەرىكەت مىقدارى: ھەرىكەتتىن كېيىن بەدەن تېخىمۇ كۆپ سۇ ئارقىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولىدۇ، شۇڭا سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلۈشى مۇمكىن.

 

سۇ ئىچكەندىن كېيىنكى سۈيدۈك چىقىرىش ۋاقتى ئادەمگە قاراپ پەرقلىق بولۇپ، كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ پەرقلەرنى چۈشىنىش سۇ ئىچىش ۋە سىيىشنى تېخىمۇ ياخشى باشقۇرۇپ، تەن ساغلاملىقىنى ساقلاشقا پايدىلىق.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-16 / 08:36:35

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ