ئانا سەھىپەئۇيغۇر تېبابەتمەخپىي رىتسىپلاربەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش

بەدەن تەرلەش ۋە بەدەندىكى غەيرى پۇراقنى داۋالاش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سەۋەبى : خىلىتلار سېسىغانلىقتىن ، تېرىنىڭ تەرىپىگە ھەرىكەت قىلغانلىقتىن بولىدۇ . بولۇپمۇ جىددىي ھەركەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ تەرلىگەندە خىلىتلارنىڭ بۇيى زىيادە بولىدۇ .

يەنە جىنسىي ھەركەتتىن كىيىن يۇيۇنۇشنى كېچىكتۈرۈش ، بىلخاسىيەت مۇخالىپ ۋە تىز ماددىنى بەدەننىڭ سىرتقى تەرىپىگە ھەركەتلىنىدىغان نەرسىنى يېيىش مەسىلەن :ھىڭ ، ھۆلبە ، سامساق ، ھىڭ ئۆسۈملۈكىنىڭ يىلتىزى ۋە يۇپۇرمىقى ۋە شۇلارغا ئوخشاشلارنى يېيىش ، مەزكۇر كىسەللىككە سەۋەب بولىدىغان نەرسىلەردىندۇر . مەزكۇر كىسەللىك يۇشۇرۇن تۇرىدىغان جايلار مەسىلەن : قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، ئىككى تاشاقنىڭ ئاستى ۋە شۇلارغا ئوخشاش جايلاردا كۆپرەك پەيدا بولىدۇ . بەزىدە تامام بەدەندىن سېسىق بۇي كېلىدۇ . ئارقا تەرەت ، سۈيدۈك ، تەرلەرنىڭ سېسىق بولۇشى ھەم خىلىتلار سېسىغانلىقتىن بولىدۇ .

داۋالاش :سۈرگە ئارقىلىق بەدەننى تازىلاش ، خىلىتلارنىڭ تىزلىكىنى پەسەيتىش ، مىزاجىنى يۆتكەش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن سۇۋۇتقۇچى شەربەتلەرنى سىركەنجىۋىلنى بېرىش ، مۇناسىپ تاماقلارنى مەسىلەن : چۈجىلەر ، ئۇچار – جانىۋارلارنىڭ گۆشلىرىنى سىركە بىلەن پىشۇرۇپ يېگۈزۈش ، مەزكۇر كىسەللىككە ياردەم بولىدىغان نەرسىلەردىن ساقلىنىش كىرەك . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن قىزىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇش لازىم . ئاس، سېرىقچىچەك ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى سەندەللەرنى ئېزىپ سۇ بىلەن ياكى گۇلاب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش كىرەك .

تۆۋەندىكى دورىلارنى قولتۇق ۋە باشقا بەدبۇي بولغان جايلارغا سۈركەش مەنپەئەت قىلىدۇ . بۇنىڭ ئۇسۇلى :

مۇردارسەڭنى ئاقارتىپ ئاندىن ئۇنى گۇلابقا چىلاپ سايدە قۇرۇتۇپ ، تۇتىيا ، بىر ئاز كاپۇرلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، گۇلابقا ياكى سۇدا ئېزىپ چېپىلىدۇ .

يەنە بىر خىلى :ئاس ، ئاق سەندەل ، پورتىخال پوستى ، مەرزەنجۈش ، قارا رەيھان ، ئۆشنە ، قىزىلگۈل ، سۇمبۇل ،زەمچىلەرنىڭ ھەممىسىنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، يۇمشاق سوقۇپ ، تاسقاپ قولتۇققا سېپىلىدۇ ياكى داكىغا ئوخشاش بىرەر رەختكە ئېلىپ قولتۇققا تۆكۈلىدۇ . تېرىدىكى ئۇششاق تۆشۈكلەرنى قورۇغۇچى ، تېرىنى قېلىنلاشتۇرغۇچى تەرنى توسقۇچى بولغان نەرسىلەرنى سۈركەش ۋە چېپىش مەنپەئەت قىلىدۇ .

مۇردارسەڭنى سۇ بىلەن ئېزىپ چېپىش تىز تەسىر قىلىدۇ .

ئەسكەرتىش: كۆپ سېمىز بولۇش ۋە شورلۇق تەر ئارقىلىق قولتۇق ، يىرىق ، قۇلاقنىڭ ئارقىسى ، ئۇششاق قوللارنىڭ ئارقىسى ياكى پۇتنىڭ ئاستى ، ئەمچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردا بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .

داۋالاش : سۈرگە بېرىش ، بەدەننى ئورۇقلىتىشقا تىرىشىش ، ھەركەتلەردىن ساقلىنىش ، بولۇپمۇ ئىسسىق ھاۋادا ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنش لازىم . بەدەننى تازىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر جايلارنى قىززىق سۇ بىلەن يۇيۇش كىرەك .شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر جايلاردىكى كىر ۋە يىغىلغان ئارتۇق ماددىلار يۇيۇلۇپ تازىلىنىدۇ . كىيىن تىرىنى چىڭىتىش ۋە قېلىنلاشتۇرۇش ، تىرىدىكى ئۇششاق تۈشۈكلەرنى بىكىتىش ئۈچۈن شۇ جايغا سۇغۇقلۇق نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىش لازىم . شۇنىڭ بىلەن تەرنىڭ ۋە سېسىق ماددىلارسىزىپ چىقىشى توسۇلىدۇ . بۇ جايدا تۆۋەندىكى زۈرۈرى ئەرەق (تەر ئۈچۈن سېپىلىدىغان دورا )بېرىلىدۇ .

تەركىبى : سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، تۇتىيا ، مۇردارسەڭ ، گۈلنار ، قىزىلگۈل ، گىل ئەرمىنى ، كۆيدۈرۈلگەن خىنە (مەككە خېنىسى ) ، ئانار پوستىلىرىنى ھاجەتكە لايىق باراۋەر مىقداردا ئېلىنىدۇ، كاپۇردىن بىر ئاز مىقداردا ئېلىنىدۇ .

تەييارلىنىشى ؛ مەزكۇر دورىلارنى سىركىدە يۇمشاق ئېزىپ ۋە سالايە قىلىپ ، ئاندىن سايىدە قۇرۇتۇپ ساقلاپ ئىستىمال قىلىنىدۇ . خۇسۇسىيىتى :قولتۇق ، يوتىنىڭ يىرىقى ، قۇلاق ئارقىسى ، ئەپچەكنىڭ ئاستى قاتارلىق جايلاردىكى بەدبۇيلۇقنى دەپئى قىلىش ۋە تەرنى يوقىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

تەبىئىتى : قۇرۇق سوغۇقتۇر .

ئىشلىتىلىشى : ھاجەت بولغاندا تەرگە ۋە بەدبۇي بولغان جايلارغا ئەھۋالغا قاراپ سېپىلىدۇ .

ئەگەر تەرنىڭ ۋە ماددىنىڭ تىزلىكىدىن شۇ جايدا ھارارەت پەيدا بولسا ، مەلھىمى سىركە (مەلھىمى خەل ) ، مەلھىمى سەپىتلەرنى چېپىش لازىم . ياكى ئاۋۋال شۇ جاي سىركە بىلەن يۇيۇلسا ، چاقىنىڭ پۈتۈشىگە توسالغۇ بولغان كىر ۋە ھۆللۈكلەر چىقىپ كىتىدۇ . ئاندىن كىيىن مەزكۇر مەلھەملەرنى ئىستىمال قىلسا ياخشىراق بولىدۇ .

ئەسكەرتىش :باشنىڭ تىرىسىدە بەتبۇيلۇق پەيدا بولىدۇ .بۇنىڭ سەۋەبى مىڭىدىن باشنىڭ تىرىسىگە چىققان مايلىق بۇخاراتتىن شۇ جايدا يىغىلغان ياغلىق ماددىدىن بولىدۇ . شۇنىڭ بىلەن كىسەللىك قېرىلار ۋە كىچىك بالىلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ . چۈنكى سېسىقلىقنىڭ ماددىسى بولغان ھۆللۈك ئۇلارنىڭ بەدەنلىرىدە كۆپ بولۇپ ، سېسىقلىقنى توسىدىغان ھارارىتى تەبىئىي ئاجىز بولىدۇ .

داۋالاش :بەدەن مۇۋاپىق تازىلانغاندىن كىيىن ، سەۋسەن يۇپۇرمىقى ، مۇردارسەڭ ، تۇتىيا ، سەنۇبەر دەرىخىنىڭ پوستى ، سەرۋى دەرىخىنىڭ كۆيدۈرۈلگەن مىۋىسى دىقاقى كۇندۇر (كۇندۇرنىڭ ئۇۋاقلىرى )لارنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ يۇمشاق ئېزىپ ، شاراب بىلەن خېمىر قىلىپ چېپىش ، سامساق ۋە پىياز سېلىنغان تاماقلاردىن ساقلىنىش لازىم .

بارلىق بەدەننىڭ تەرلىرىنى خۇشبۇي قىلىدىغان درىلار : ئارچىنىڭ مىۋىسى ، (ئۇبھەل ) ، سەلىخە ، ئۆرۈك ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ ھەقتە مەنپەئەتلىكتۇر بۇلارنى ئۆز مىقدارى ۋە قائىدىسى بويىچە يەيدۇ . تەرنى توختىتىش ئۈچۈن زەمچىنى سۇدا ئېرىتىپ سۈركىسە مەنپەئەت قىلىدۇ . سەۋسەن يۇپۇرمىقى ياكى يۇلغۇن يۇپۇرمىقى ياكى ئاسنىڭ سىقىپ ئېلىنغان سۈيى قاتارلىقلار ھەم شۇ تەسىرنى بېرىدۇ. قولنىڭ ئالقىنىنىڭ تەرلىشى ھەم شۇ دورىلار بىلەن ياخشى بولىدۇ .

يوللىغۇچى : ئالىمجان ماخمۇت

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-20

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-05 / 06:03:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ