ئېغىز پۇراشنى داۋالاش

0
1586
ئېغىز پۇراشنى داۋالاش

ئېغىز پۇراشنى داۋالاش

چىش مىلىكىنىڭ يۇقۇملىنىشى ۋە ئۇنىڭ چىرىشى ،چىش ۋە ئۇنىڭ يىلتىز قىسمىنىڭ بۇزۇلىشى ،ئېغىزنىڭ ئىچكى قىسمىدا مىزاج بۇزۇلىشىدىن ھاسىل بولغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ يەرلىك ئورۇندا ئۆزگۈرۇش پەيدا قىلىشى ،ئاشقازان كىرىش ئېغىزىدا سەپرا ،بەلغەم خىلىتلىرىنىڭ ئوفۇنەت پەيدا قىلىشى ،ئۆپكە ۋە ئۇنىڭغا يېقىن ئەتراپتىكى ئەزالاردا زەخمە ۋە ئوفۇنەتپەيدا بولىشى ،مېڭىدىن بۇزۇلغان سۇيۇقلۇقلارنىڭ ،گال تەرەپكە قۇيۇلىشى ،بالا ياتقۇدا بۇزۇلغان بەتبۇي ماددىلار توپلۇشۇپ قېلىش ياكى ھامىلنىڭ ئۆلۇپ قېلىشى ،ئۆتكۇر قىزىتما كىسەللىكى بىلەن ئاغرىغان بىمارلارنىڭ بەدىنىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ يۇقۇملىنىشى قاتارلىق سەۋەپلەردىن بۇ كىسەللىك كىلىپ چىقىدۇ .

[داۋالاش ]

1.رېتسېپ :ئۇرىقى ئېلىنغان ئۈزۈمنى چاينىسا ئېغىزنىڭ سېسىق پۇراشنى يوقاتقىلى بولىدۇ .

2.رېتسېپ :پىستىنى داۋاملىق چاينىسا ئېغىزنىڭ سېسىق پۇرىشىغا مەنپەت قىلىدۇ .

3.رېتسېپ :سۇغۇق سۇنى كۆپرەك ئىچسە، بولۇپمۇ ئۈزۈم شەربىتىنى قوشۇپ ئىچسە ئېغىزنىڭ سېسىق پۇرىشىغا مەنپەت قىلىدۇ .

4.رېتسېپ :ئالما ھارىقى بىلەن داۋاملىق ئېغىز چايقاپ بەرسە ،ياكى ئىستىمال قىلسا ئېغىز پۇراشقا مەنپەئەت قىلىدۇ .

5.رېتسېپ :سامساق يەپ ئېغىز سېسىق پۇرىسا ،قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچىۋەتسە ياكى چاي شامىسىنى چاينىسا سېسىق پۇراق يوقۇلىدۇ .

6.رېتسېپ :ھۆل يۇمغاقسۇتنى چايناپبەرسە ھاراقنىڭ پۇرىقىنى يوقۇتىدۇ .

[پەرھىز]

ئېغىزنى سېسىق پۇراتقۇچى نەرسىلەردىن ئىپارنى قايناتمىغا سېلىپ ئىچىش ،مەدەن سۇلىرىنى داۋاملىق ئىچىش ،كۇنجۇتنى دائىم ئىستىمال قىلىش ،قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here