توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
1. تۇيۇقسىز ۋاقىتلىق گەپ قىلىش قىيىنلىشىش: باشقىلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمەسلىك، بۇ چوڭ مېڭە ئوتتۇرا ئارتېرىيىسىگە قان يېتىشمىگەنلىكتىن بولۇپ، چوڭ مېڭە پوستلاق قەۋىتىدىكى سۆزلەش مەركىزىگە تەسىر قىلىپ، ئېنىق سەۋەب بولمىغان ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش سەۋەبىدىن بولىدۇ.
2. ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش: بۇ بىر خىل نورمال بولمىغان ئۇيقۇ، پۈتۈن كۈن قاتتىق ئۇخلايدۇ، سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشى بىمارنى ۋاقىتلىق ئويغىتىدۇ، لېكىن ئارقىدىنلا يەنە ئۇخلايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئومۇرتقا نېگىز ئارتېرىيە تومۇرىغا قان يېتىشمەي، مېڭە غولىنىڭ تورسىمان قۇرۇلمىسىغا تەسىر يېتىدۇ.
3. مىجەز-خۇلقى تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش: بىمار نورمالسىزلىق ھالىتىدە جىمغۇرلىشىپ، كەم سۆز بولۇپ قالىدۇ، ئەقلىي ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاپ، نورمال ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە چۈشىنىش ئىقتىدارىنى يوقىتىدۇ. بۇ مېڭىگە قان يېتىشمىگەنلىكتىن، چوڭ مېڭىنىڭ، بولۇپمۇ پېشانە بۆلىكىنىڭ ئىقتىدارى زىيانغا ئۇچرىغانلىقىدىن بولىدۇ.
4. باش ئاغرىش: باش ئاغرىشنىڭ شەكلى بۇرۇنقىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ، مەسىلەن، باش ئاغرىقى ئارىلاپ ئۈزۈلۈشتىن سىجىللىققا، ئومۇمىيلىقتىن چەكلىمىلىككە ئۆزگىرىدۇ، بۇ دائىم مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى ئۆمۈچۈك تورسىمان پەردە ئاستى بوشلۇقىغا قان چۈشۈشنىڭ بېشارىتى بولىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17884250.shtml