ئانا سەھىپەرەسىملەرئاناتومىيە رەسىملىرىبەدەندىكى لېمفا ئورگانلار جايلاشقان ئورۇنلىرى

بەدەندىكى لېمفا ئورگانلار جايلاشقان ئورۇنلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بەدەندىكى لېمفا ئورگانلار جايلاشقان ئورۇنلىرى

人体淋巴器官位置

lymphoid organ in the human body

insan vücudundaki lenf organlar

 

لېمفا سىستېمىسى كۆپلىگەن كىشىلەرگە ئانچە تونۇش بولمىغان ئەمما بەدەننىڭ مۇھىم تۈزۈلۈش قىسمىدىن بىرسى. لېمفا سىستېمىسى بەدىنىمىزنىڭ كېسەللىكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەركىپ تاپىدۇ.

لېمفا سىستېمىسى لېمفا نەيچىسى، لېمفا توقۇلمىلىرى، لېمفا ئورگانلىرىدىن تەشكىل تاپىدۇ.

لېمفا سىستېمىسىدىكى لېمفا سۇيۇقلۇق ( lymph fluid 淋巴液 lenf sıvı ) نىڭ شەكىللىنىشى ئاساسلىقى قىل قان تومۇرلاردىكى سۇيۇقلۇق ئوزۇقلۇق ماددىلار بەدەن ئورگان توقۇلمىلىرىغا بارغاندا، ماددا ئالمىشىپ بولغاندىن كېيىن كۆپ قىسمى ۋىنا قىلقان تومۇرغا قايتىپ كىرىدۇ، ئاز كىچىك قىسىمدىكى سۇيۇقلۇق ۋە بەزى ماددىلار قىل لېمفا نەيچىسىگە سىڭىپ كىرىدۇ، ۋە بۇ ئارقىلىق لېمفا سۇيۇقلۇقى شەكىللىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە لېمفا ئورگانلىرى لېمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ، لېمفا سۇيۇقلۇقىنى سۈزىدۇ، بەدەن ئىممۇنىتىت نورمال ئىشلىشىدە رول ئوينايدۇ.

 

  • توقۇلمىلاردىكى قىسمەن سۇ، ئاقسىلنى سۈمۈرۈپ، قان تومۇرغا قايتىدىن قويۇپ بېرىش ئارقىلىق قاندىكى ئاقسىل، سۇ قۇيۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش.
  • ھەزىم قىلغان مايلارنى قانغا يەتكۈزۈش.
  • بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن مىكروئورگانىزىملارنى تونۇش.
  • بەدەن ئىممۇنىتىت قوغدىنىش سىستېمىسىگە قاتنىشىپ، سىرتقى دۇنيادىكى مىكروئورگانىزىملاردىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش.
  • بەدەنگە كېرەكلىك بولغان ئانتىبادى ئىشلەپ چىقىرىش ۋەيا ئانتىگېن لەرنى يۈتۈۋېتىش ۋەيا ئۆلتۈرۈش.
  • ئىلگىرى بەدەنگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن مىكروئورگانىزىملارنى تونۇش، بۇ ئارقىلىق كېيىنكى قېتىملىق ئوخشاش ھۇجۇمدا ئىتتىك ھەم كۆپ مىقتاردا ئىممۇنىتىت پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇش.
يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-11-23

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-11-23 / 08:24:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ