ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆپكە ياللۇغى ئەڭ ئاخىرقى نەپەس يولى ياللۇغى، ئۆپكە ماھىيەتلىك ياللۇغى ۋە ئۆپكە ئارىلىق ماددىلىرى ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۆپكە ياللۇغى كېسەللىك مەنبە مىكرو جانلىقلىرى، فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللار، ئىممۇنىتېت زەخمىسى، سەزگۈرلۈك رىئاكسىيەسى ۋە دورا قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولىدۇ. باكتېرىيەسىمان ئۆپكە ياللۇغى ناھايىتى كۆپ كۆرۈلىدىغان يۇقۇملىنىشچان ياللۇغدۇر.

ئۆپكە ياللۇغى ھەمىشە قىزىش، يۆتەل، بەلغەم، تۈكۈرۈكتە قان كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ ھەمدە يەنە بەلكىم كۆكرەك ئاغرىش ياكى نەپەسلىنىش قىيىنلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەر خىل نامۇۋاپىق بولغان ئاتىبىئوتىكلار سەۋەبلىك باكتېرىيەلەرنىڭ دورىغا قارىشىچانلىقى كۈچىيىپ، ئىنسانلارنىڭ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئەكسىچە يۇقىرىلىماقتا!

ئۆپكە ياللۇغىنى ئاناتومىيە، كېسەللىك ئامىلى ياكى بىماردىكى كېسەلگە گىرىپتار بولۇش مۇھىتى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈرلەشكە بولىدۇ.

1. ئاناتومىيە ئىلمى بويىچە تۈرلىنىشى:

چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى، كىچىك بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى، ئارىلىق ماددىلىرى ئۆپكە ياللۇغىدىن ئىبارەت.

 

2. كېسەللىك سەۋەبى بويىچە تۈرلىنىشى:

(1) باكتېرىيەسىمان ئۆپكە ياللۇغى

دائىم كۆرۈلىدىغانلىرىدىن: ئۆپكە ياللۇغى زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيەسى، تارقىلىشچان زۇكام قانخور تاياقچە باكتېرىيەسى، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شارچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى كلەبس تاياقچە باكتېرىيەسى، مىس يېشىلى ساختا بىر ھۈجەيرىلىك باكتېرىيەسى قاتارلىقلار.

 

(2) تىپىك بولمىغان كېسەللىك تەنچىسى پەيدا قىلغان ئۆپكە ياللۇغى:

ئۆپكەخومار بىرلەشمە باكتېرىيەسى (嗜肺军团菌)، مىكوپلازما ۋە خلامىدىيە قاتارلىقلار.

 

(3) ۋىرۇسسىمان ئۆپكە ياللۇغى:

بالىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاساسلىق بەز ۋىرۇسى، نەپەس يولى بېرىكمە ۋىرۇسى قاتارلىقلار.

 

(4) زەمبۇرۇغ خاراكتېرلىق ئۆپكە ياللۇغى:

كاندىدا ئالبىكانس زەمبۇرۇغى، ئاسپېرگىل، رادىئوئاكتىۋلىق زەمبۇرۇغ قاتارلىقلار.

 

(5) باشقا كېسەللىك مەنبەسى سەۋەبىدىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى:

رىكېتسىيا (مەسىلەن: Q ئىسسىق رىكېتسىيا)، سېگمېنت قۇرتى (مەسىلەن: چاشقان سېگمېنت قۇرتى)، پروتوزوئالار (مەسىلەن: كاسنگلانوس ئۆپكە خالتىسى قۇرتى)، پارازىت قۇرت (مەسىلەن: ئۆپكە قاپلىق قۇرتى، ئۆپكە شورىغۇچى قۇرتى، ئۆپكە قان شورىغۇچى قۇرتى) قاتارلىقلار.

 

(6) فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللاردىن بولغان ئۆپكە ياللۇغى:

رادىئوئاكتىۋلىق ئۆپكە ياللۇغى، ئاشقازان كىسلاتاسى قوبۇل قىلىش، دورا قاتارلىق سەۋەبلەردىن بولغان خىمىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار.

 

(7) مىكوپلازما ئۆپكە ياللۇغى:

مىكوپلازمىلىق ئۆپكە كېسىلىدىن بولىدۇ.

 

3. كېسەللىنىش مۇھىتىغا ئاساسەن تۈرلىنىشى

(1) ئىجتىمائىي ئېرىشىشچان ئۆپكە ياللۇغى: دوختۇرخانا سىرتىدا گىرىتار بولغان تارقىلىشچان ئۆپكە ماھىيەتلىك ياللۇغى كېسەللىكى. ئېنىق بولغان يۇشۇرۇن مەزگىلى بولغان كېسەللىك مەنبەسىدىن يۇقۇملىنىپ دوختۇرخانىغا كىرگەندىن كېيىن، ئوتتۇرىچە يۇشۇرۇن مەزگىلى ئىچىدە قوزغالغان ئۆپكە ياللۇغىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كېسەللىك سەۋەبچىسى ئاساسلىقى

G+شارچە باكتېرىيەسى: ئۆپكە ياللۇغى شارچە باكتېرىيەسى (%40)؛ G-تاياقچە باكتېرىيەسى: تارقىلىشچان قانخۇمار تاياقچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى كىلەبس تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار.

(2) دوختۇرخانىدا ئېرىشىشچان ئۆپكە ياللۇغى، يەنى دوختۇرخانىدىكى ئۆپكە ياللۇغى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاساسلىق بىمار دوختۇرخانىغا كىرگەندە كېسەللىك مەۋجۇت ئەمەس، شۇنداقلا يۇقۇملىنىش يۇشۇرۇن مەزگىلىمۇ مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما دوختۇرخانىغا كىرىپ 48 سائەتتىن كېيىن دوختۇرخانىدا پەيدا بولغان ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاساسلىق كېسەللىك مەنبەسى: مىس يېشىلى ساختا تاق ھۈجەيرىلىك باكتېرىيە، ئالتۇن رەڭلىك ئۈزۈم شارچە باكتېرىيەسى، ئۆپكە ياللۇغى كىلەبس تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىقلار بار.

مەنبە: لوقمان ھەكىم مىكروبلوگى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-06

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-06 / 09:07:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ