ھەرخىل سەۋەبلەردىن بەل ئومۇرتقا تىنى ئۆسۈپ، ئومۇرتقا ئارىلىق نېرۋىلىرى ۋە قان تومۇرلىرى بېسىمغا ئۇچراپ، كىلنىكىدا بەل ساھەسى تېلىپ ئاغرىش، بېسىلىش سېزىمى بۇلۇش، ھەرىكىتى مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمىگە ئۇچراش، پۇتلار نىڭ سېزىمى سۇس بۇلۇش، ئۇيۇشۇش، پۇتىنى كۆتۈرۈش سىنىقى ئىشلىگەندە تارتىشقاندەك ئاغرىش سېزىمى بۇلۇش، ئېغىر بولغۇچىلاردا يىگلەش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىكتىن ئىبارەت
دىياگنوز ئاساسى
1) تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بەل ساھەسى ئاغرىش، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۈچە سىرقىراپ ياكى يىپ تارتىپ ئاغرىش بولۇش .
2) سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن .
ئالامىتى :
كېسەل باشلانغاندا بەل ساھەسى تىلىپ ئاغرىش كۆرۈلۈپ كېسەلنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ئاغرىق تەدرىجىي كۈچىيىپ تۆۋەنكى مۆچىلەرگە تارقىلىدۇ، ھەرىكىتى يېنىك دەرىجىدە قىيىنلىشىش بولىدۇ، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىرقىراپ ياكى يىپ تارتقاندەك ئاغرىش ئەھۋالى بولۇپ ئېغىرلاشقاندا تۆۋەنكى مۆچىلەرنىڭ مۇسكۇلى يىگلەش، سېزىمى تۆۋەنلەش، ھەرىكىتى ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ .
دەرىجىگە بۆلۈنۈشى :
1. يېنىك دەرىجىدە : بەل ئاغرىش، ئاغرىق تۆۋەنكى مۆچىگە تارقالمايدۇ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا ينىك دەرىجىدە ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
2. ئوتتۇرھال دەرىجە : بەل ئاغرىش، ھەرىكىتى قىيىنلىشىش، تۆۋەنكى مۆچىلەر سىرقىراپ ئاغرىش بولۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا نىسبەتەن چوڭ ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
3. ئېغىر دەرىجىدە :بەل ئاغرىش، تۆۋەنكى مۈچە يىپ تارتقاندەك ئاغرىش، ئېغىر دەرىجىدە ھەرىكىتى قىيىنلىشىش بولۇپ، سايىلاندۇرۇپ تەكشۈرگەندە ئومۇرتقا قىرىدا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈكچە كۆرۈنۈش .
داۋالاش پىرىنسىپى :
1. روھى جەھەتتە كېسەلدىن ساقىيىشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، قائىدىلىك پەرۋىش ۋە پەرھىزى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ .
2. قايسى خىل غەيرى تەبىئىي خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا شۇخىل غەيرى تەبىئىي خىلىتنىڭ مۇنزىچ – مۇسھىلى بېرىلىپ بەدەن تەقىيە قىلىنىدۇ .
3. ياللۇغ قايتۇرۇپ ئاغرىق توختاتقۇچى، قان ئايلىنىش پائالىيىتىنى جانلاندۇرۇپ، ماددا ئالمىشىش خىزمىتىنى ياخشىلىغۇچى دورىلار ئىچى – سىرتىدىن ئىشلىتىلىدۇ .
5. فىزىكىلىق داۋالاش يەنى بەلدىن ئىسىش، ئۇۋلاش، يىڭنە سانجىش، لوڭقا قويۇش، يىڭنە سانجىش قاتارلىقلار بىمارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئېلىپ بېرىلىدۇ .
6. رەئىس ئەزالار ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەپ، بەدەننىڭ تەبىئەت كۈچىنى يۇقىرى ئاشۇرغۇچى دورىلار بېرىلىدۇ.