ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرى بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

[بىلگەجان] بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سالام تورداشلار،
بۇ يازمىنى توردىشىمىز ummet نىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن ئەسلى ئنكاس شەكلىدە يوللىماقچى ئىدىم، لىكىن ھەجىمى ۋە مەزمۇنى كۆپ بولغاچقا، شۇڭا بىر تىما شەكلىدە يوللىدىم. تورداشلارنىڭ چۈشىنىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇنىڭ توردىشىمىز ummet نىڭ ئەسلى سۇئالىنى بۇ يەرگە «ئامرىكىلىقلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ساغلاملىق قارىشىدىكى پەرقلەر» دىگەن تىمىدىن كۆچۈرۈپ كەلدىم. ئاخىرىدا ئۆزەمنىڭ تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىمنى تورداشلارغا سۇندۇم.

ummet:
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ھۇرمەتلىك قىرىنداشلار ، ھەممىڭلارنىڭ تىنىڭلارنىىڭ ساق-سالامەت،ئىشڭلارنىڭ كۈڭۈلدىكدەك بولىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھ دىن تىلەيمەن! شۇنداقلا دىيارىمىزدىكى سىلەردىن ھەم يۇقىردىكى چەتئەلدە جاپالىق ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان مىدىستىىنا پىنىدە تەتقىىقات ۋە ئوقۇشتا بولىۋاتقان قىرىنداشلىرىمدىن پەرزەنتىم يەنى ئوغلۇمنىڭ ساغلاملىقى ھەققىدە مەسلىھەت سورماقچىدىم.
ئۇنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى:
بالا ئاساسى جەھەتتىن ساغلام تۇغۇلغان ،[ دىمەك جىمغۇرراق تۈززۈكرەك يىغلىمىغان .] تۇغۇلۇپ ئككى ،ئۈچ، ئايلاردىن كىيىن بالىنىڭ كۈزى تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۈستى تەرەپكە قارىۋالدىغان بولۋالدى،بىز ئەينى ۋاقىتتا بۇنىڭغا ئانچە كۈڭۇلشۈمەپتۇق، ئۇ 6 ئاي 7 ئاي لىق بولغاندا ئېنىق بىرنەرسېدىن قورققاندەك كۆزى چەكچىپ ،مۇسكۇللىرى تارتىشقاندەك بولۇپ …..ھەپتەدە بىر ، ئون بەش كۇندە بىر ياكى ئايدا بىر تۇتۇشقا باشلىدى، باشتا كونىلق..قىلدۇق…..شۇ جەرياندا بىر يىل ئۆتتى باغانسىرى بالىدا ئانچە بەك ياخشىلىنىش بولمىدى،ئاخىر 2009 يىل ئۇرۇمچى باللار دوختۇرخانىسىغا ئاپاردىم ، ئۇلارمۇ ھەرخىل تەكشۇرۈش ئلىپ باردى، مىڭە، يۈرەك ،چوڭ-كىچىك قان دىگەندەك ،لىكىن ھىچقانداق كىسەللىك تاپالمىدى…..شۇ تۇتقاقلىق مىكىن دىگەندەك يەكۈن چىقىرىپ ،دىباجىن دىگەن دورىنىڭ سۇيۇقلۇقىنى بەرگەن ،ئۇ سۇيۇقلۇقنى 24 سائەتتە بىر بىرىپ،بالىنىڭ ئەخۋالغا قاراپ ئازلىتىپ بەرسىلەر دەپ ،لىكىن بۇدورا جىگەر،ئۆت،بۆرەككە تەسېر قىلدۇ شۇڭا قول قويۇپ ئالغان،ئۇدورىنڭمۇ پايدىسې بولمېدى ………گىپىمنى قىسقارتاي .ئاخىر بىرسېدىن خوتەندە بۇخىل تۇتقاقلىق كىسەلگە دورا باكەن دەپ ئاڭلاپ بالىنى ئاپارغان،ئۇخوتەندىكى جۇڭيىچە شەخسى دوختۇر خانكەن ،ئۇلارمۇ بىر خىل [بىنبا بەيتاۋ ] دىگەن تابلىتكا دورا بەردى ،ئۇنىڭ ئۈنىمى نىرۋىنى تىچلادۇرۇش ، ئاساسلىق ئۇخلۇتۇش خۇسۇسىيتى باكەن،كۈندە بىرۋاق، يەيدۇ ،ئۇخلايدۇ، كىسلى تۇتمايدۇبىر يىل بەردۇق، لىكىن ئۇ دورىمۇ بارغانچە ئانچە رولى بولمىغاندەك بولدى ،ھەم زىيان قىلدۇ بۆرەككە دەپ ئاڭلاپ ،ئۇنىمۇ توختاتتۇق. ۋەھلىقى دىباجىن دىگەن دورىنىڭ سۇيۇقلۇقىنى ئەمەس تاپلىىتىنى بىرۋاتىمىز 2 يىلچە بوپ قالدى ئاساس تۇتقاقلىق تۇتمىدى،پەقەت زۇكامداپ ،يۆتلۈپ قالمىسلا، ئاخىردا دەيدىغىنىم مۇشۇ دورىلار زىيان قىلدىمۇ ياكى قانداق ،ئوغلۇم ھازىر 5 كە كىردى ،تىلى تولۇق چىقمىدى ،ئانا،دادا ،……..قاتارلىق بىر قانچە ئىغز گەپنى ،تەكرارلاۋىردۇ ،ئانچە مۇنچە سان ساناق بىلدۇ،ئچى تىت-تىت بولدۇ،قولىغا چىققان نەرسىلەرنى تاشلايمەن ئاتىمەن دەپ تۇردۇ،ئامما ئۇيقۇسى ،تامىقى ياخشى،شۇ سىرتقا چىقسام ماشنىغا چىقىپ ئايلانسام دىگەنلا خاپىسى ئغىر.
ئاخىردا دەيدىغىنىم بۇ كىسەللىك ئەھۋالى بولغاچقا بېر قەدەر تەپسىللىرەك يىزىپ قالدىم ، ئەپۇ قىلشىڭلارنى سورايمىەن ! ھەم دوكتور ،مۇتەخەسلىرمىزنىڭ ۋەتەن ئچى سىرتىدا بۇ ھەقدە قانداق داۋالاش ئۇسۇل تىخنكلىردىن قانچىلىك خەۋەردار بولسا ئۇچۇر ، مەسلىھەتلىرنى ئايماسلىقىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن !شۇ ئارقىلىق مۇشۇنداق كىسەللىككە مۇناسۋەتلىك قىرىنداشلىىرمىزنىڭمۇ ئورتاق لىشىپ ،ھەمكارلىشىپ ،پىكىرلىششنى ئۈمىت قىلمەن.

[بىلگەجان] بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسىدا

مىنىڭ جاۋابىم:
ئاۋۋال ئەسكەرتىدىغىنىم، مەن يازغانلىرىم پەقەت قوشۇمچە پايدىلىنىش ئۇچۇرى سۈپىتىدە مۇئامىلە قلىنسا، چۈنكى مەن بىر نىرۋولوگىيە دوختۇرى، قىسقىسى دوختۇر ئەمەس، پەقەت ئۆزەم تونۇيدىغان بىرقىسىم دوختۇرلاردىن ۋە پىرافىسورلاردىن سوراپ بىلگەنلىرىمنى، بىئولوگىيە كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئوقۇش جەريانىدا دورىگەرلىك ۋە نىرۋولوگىيە دەرىسلىرىمدە ئۆگەنگەنلىرىمگە بىرلەشتۈرۈپ سۆزلەپ بىرىمەن. مەندىن كۆپرەك بىلىدىغانلارنىڭ تۈزىتىش ياكى تولۇقلىما قىلپ قويۇشىنى سورايمەن.

1. كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن قارىغاندا ئوغلىڭىزدا ئەگەر كالتىسىي يىتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن بولسا، بۇ تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەن، شۇڭا ئۇ تۇتقاقلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن.

تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ تۈرلىرى كۆپ خىل بولۇپ، قىسمەن ۋە ئومۇميۈزلۇك دەپ چوڭ ئىككىگە، ئاندى ھەر ئىككىسى يەنە قىسمەن ئاددى، قىسمەن مۇرەككەپ، داۋامسىز، مۇسكۇل خاراكتىرلىك …دىگەندەك ئۆز ئىچىدىن بىر قانچە تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن چوقۇم توغرا، ئىنچىكە دىئاگنوز قويدۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر سىز بارغان دوختۇرخانىلار دىئاگنوز قويۇشقا ئامالسىز بولسا، سىز ئۈرۈمچىدىكى سىز بىرىپ باقمىغان باشقا چوڭ دوختۇرخانىلارغا، يەنى مىدىتسىنا ئۇنۋىرستىتى دوختۇرخانىسى ياكى 2-دوختۇرخانا قاتارلىقلارغا بىرىپ تەكشۈرتۈڭ. ئەگەر ئۇلارمۇ بىلەلمىسە، شارائىتىڭىز يار بەرسە ئىچكىردىكى دوختۇرخانىلارغا بىرىپ تەكشۈرتۈڭ. تۇتقاقلىقنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە ئىشلىتىدىغان دورىلارمۇ ئوخشىمايدۇ، شۇڭا بۇ ئىنتايىن مۇھىم.

2. تۇغما تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ خىل بولۇپ، ئاساسلىقلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

a. تۇغما ياكى ئېرسىيەت تۈپەيلى مەلۇم نىرۋا ھەرىكىتىنى كونتىرول قىلىدىغان گىنلارنىڭ كەمتۈكلىكى تۈپەيلىدىن بولىدۇ، بۇ خىل ئېھتىماللىق پەقەت ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا كۆپرەك تۇتقاقلىق كېسىلى بار بالىلاردا كۆرۈلىدۇ.

b. ئانا ھامىلدار ۋاقتىدا خېمىيلىك، رادىئاتىسيەلىك ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسا. ئانا ھامىلدار مەزگىلىدە ئەپيۇن خاراكتىرىدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلسا ياكى كۆپلەپ ھاراق ئىچكەن بولسا ھامىلىنىڭ مېڭە يىتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. ئانىنىڭ قورسىقى زەخمىگە ئۇچىرىغان بولسىمۇ شۇنداق ئېھتىماللىق بار.

c. ھامىلە يىتىلىش جەريانىدا ئوكىسېگىن يىتىشمىسە ياكى تۇغۇت ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ تۇغۇت جەريانىدا بالىغا ئوكسېگىن يىتىشمەي مېڭە زەخمىلەنسە. ئۇنىڭدىن باشقا، بالا تۇغۇلۇپ تۇنجى يىغلىغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئاندىن مۇستەقىل ھالدا نەپەس ئالالايدۇ، ئەگەر بالىنىڭ يىغىسى كېچىكىپ كەتسىمۇ بالىغا ئوكىسېگىن يىتىشمەي مېڭە زەخمىلىنىشى ۋە بۇ تۇتقاقلىققا سەۋەب بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

d. تۆرەلمە يىتىلىش جەريانىدا قاندىكى گلۇكوزا، كالتىسىي ۋە ماگىنىي قاتارلىقلار ھەددىن زىيادە كەمچىل بولسا. تۇغۇلغاندىن كىيىنمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى گلۇكوزا يىتىشمەسلىك كۆرۈلسە مېڭە زىيانغا ئۇچرايدۇ چۈنكى مېڭە پەقەت ۋە پەقەت گلۇكوزىنى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ (كىتونلارنىمۇ گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇشى مۇمكىن)

e. مېڭە يۇقۇملىنىش، مېڭە قاناش (قان چۈشۈش) ۋە ياكى دىۋەڭلىك كېسىلى دىگەندەك بالىلاردىكى مېڭەگە مۇناسىۋەتلىك باشقا كېسەللىك ئەھۋالى بولسا، تۇتقاقلىق شەكىللىنىشى مۇمكىن. شۇڭا باشقا مېڭە زەخملىنىش ياكى مېڭىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرتۈش لازىم.

f. تۇغما مىتابولىزىمدىكى كەمتۈكلۈكمۇ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا، تۇتقاقلىق كېسىلى نىرۋونلارنىڭ ھەددىن زىيادە ئېشىپ كەتكەن ئېلىكتىر پائالىيىتى سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىشى ئېھتىمالغا يىقىن بولۇپ، نىرۋانىڭ ئارتۇقچە غىدىقلىنىشى چوڭ مىڭىنىڭ پوستلاق قەۋىتىدىن باشلىنىپ مېڭەنىڭ يىرىىمىغا (قىسمەن تۇتقاقلىق) ياكى ھەممە قىسمىغا (ئومۇميۈزلۇك تۇتقاقلىق) تارقىلىپ، ئاخىرىدا مىڭىنىڭ بەدەندىكى مۇسكۇللارغا بولغان كونتىروللىقىنى يوقىتىپ، مۇسكۇلنىڭ ھەددىدىن زىيادە قىسقىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

تۇتقاقلىققا توغرا دىئاگنوز قويۇشتا كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر كۆپ خىل بولۇپ، مەخسۇس نىرۋا كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى مۇۋاپىق كىلىدىغان تەكشۈرۈشلەردىن ئاز دىگەندە 4-5 خىلنى تەۋسىيە قىلىدۇ ۋە چوقۇم تولۇق تەكشۈرگەندىلا كېسەللىك سەۋەبىنى ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە مۇۋاپىق داۋالاش لايھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ. داۋالاشتا نۆۋەتتە دورا ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ.

 

3. تۇتقاقلىق كېسىلىنى داۋالاشبۇ كېسەل ئادەتتە داۋالاپ ساقايتىش قېيى

ن كېسەللەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئامرىكىدا ۋە باشقا دۆلەتلەردە بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئەڭ مۇھىم ئۇسۇل. يۇقىرىدا دەپ ئۆتۈلگەن كېسەللىك سەۋەبلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغانلىرىنى (ئېرسىي سەۋەب ئەمەسلىرى) ئىمكانقەدەر ئالدىنى ئىلىش ئارقىلىق كېسەلدىن ساقلانغان ئەڭ ياخشى. ئەمدى ئاللىقاچان كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە، كېسەللىك ئالامىتىنى داۋالاش ئۈچۈن بىمارلارنىڭ كېسەلنى قوزغىتىدىغان ئامىللاردىن ساقلىنىشى ۋە ئۇزۇن مۇددەت دورا يىيىشىگە توغرا كىلىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ئېىنق بولسا كېسەللىك سەۋەبىنى تۈگىتىش، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە كېسەل قوزغىتىدىغان ئىشلاردىن ساقلىنىش ئارقىلىق بۇ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن.

تۇتقاقلىق كېسىلى بارلاردا كېسەل قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:
a. ئۇيقۇنىڭ كەم بولۇشى
b. شامالداپ قىلىش
c. قاندىكى گلۇكوزا مىقدارىنىڭ ھەددىن زىيادە تۆۋەنلەپ كىتىشى
d. قاتتىق قىزىپ قىلىش
f. ھېسسىي سەزگۈلىرىنى غىدىقلاش، يەنى بەك ھاياجانلىنىپ كىتىش، غال-پۇل قىلىپ يىنىپ تۇرىدىغان چىراققا قاراش دىگەندەكلەر..
e. ھورمۇنلارنىڭ مىقدارىنىڭ قالايمىقان بولۇپ كىتىشى. بىمار بۇنى بىلىش ئۈچۈن ۋاقتى-ۋاقتىدا قان تەكشۈرتۈشى زۆرۈر.

تۇتقاقلىق كېسىلىگە ئىشلىتىدىغان دورىلار كۆپ خىل بولۇپ، چوڭلارغا ئىشلىتىدىغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەكىس تەسىرى تۈپەيلى بالىلارغا ئىشلتىشكە بولمايدۇ. سىز بالىغا يىگۈزگەن 德巴金 ئىسىملىك دورا، يەنى ئېنگىلىزچە Valproic acid Sodium Valproate،(ئۇيغۇرچە ناتىرىي ۋالپىرويىك كېسلاتاسى دەپ ئاتىلىشى مۇمكىن) بالىلادا ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان دورا بولۇپ، ئاساسلىقى نىۋرونلاردىكى ناتىرى ۋە كالتىسى قاناللىق ئېلىكتىر ئېقملىرىنى تورمۇزلاش ئارقىلىق رول ئوينايدۇ، لىكىن باشقا دورىلارغا ئوخشاش بەدەندە مەلۇم مەزگىلدىن كىيىن قارشىلىق شەكىللىنىدۇ. 2 ياشتىن كىچىك بالىلارغا بۇ دورىنى بەرگەندە جىگەرنىڭ زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھـتىماللىقى زور بولىدۇ. بۇ دورىنىڭ يەنە ئاشقازان-ئۈچەى، جىگەر، ئاشقازان ئاستى بىزى، بۆرەك قاتارلىق مىتابولىزىمغا مۇناسىۋەتلىك ئەزالارغا ئەكسى تەسىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بەزى بىمارلاردا سەمىرىپ كىتىش ۋە چاچ چۈشۈش ئالامەتلىرىمۇ كۆرۈلىشى مۇمكىن. بۇ دورىغا قارشىلىق شەكىللىنىپ قالغان بالىلارغا يەنە ئېنگىلىزچە Clonazepam، خەنزۇچە 氯硝西泮 دەپ ئاتىلىدىغان بىر دورىنى بەرسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن بۆلەك، Corticosteroid, Adrecnocorticotropin يەنى كورتىسول، ACTH تىپىدىكى سىتىروئىدلىق دورىلارمۇ ئىشلىتىلىدۇ، لىكىن بۇلارنىڭمۇ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك.

دىققەت قىلىشقا تىگىشىلىك بولغىنى، بۇ خىلدىكى دورىلارنى يەۋاتقاندا بەدەندە ئېغىر دەرىجىدىكى ۋىتامىن B9 ياكى فولىك كېسلاتاسى يىتىشمەسلىك كىلىپ چىقىدۇ، بولسا بۇ خىل ۋىتامىن تولۇقلىمىسى ئارقىلىق باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك. بۇ دورىلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ياكى يەڭگىللىتىش خاراكتىرىدىكى دورىلار بولۇپ، كېسەلنى يىلتىزىدىن ساقايتىش ئۈنۈمى يوق چۈنكى بۇ خىل كېسەللىك مېڭە ئېلىكتىر ھەرىكىتىنىڭ بىنورماللىقى سەۋەبىدىن بولۇپ، پەقەت شۇ مېڭە ئېلىكتىر پائالىيىتى ھەقىقىي نورماللاشسا، ئاندىن ساقىيىىشى مۇمكىن.

ئەگەر بىماردا دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا كار قىلمىسا، تۇتقاقلىقنى ئۆزۈل-كېسىل داۋالاش مۇمكىنچىلىقى بىر قەدەر ياخشى ئۇسۇللاردىن تۆۋەندىكىلىرى بار:

a. مېڭە ئوپراتىسيەسى قىلىش: بۇ ئۇسۇل ئامرىكىدا ئۈنۈمى يۇقىرى دەپ قارىلىدۇ. بۇنىڭدا مېڭەنىڭ تۇتقاقلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فوكۇس نۇقتىسى كېسىپ تاشلىنىدۇ. لىكىن پەقەت بىنورماللىق مېڭىدىكى مەلۇم ئورۇنغا مەركەزلەشكەن بىمارلارنىڭلا بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىىش ئىمكانىيىتى بار، باشقىلارغا بۇ ئۇسۇل ماس كەلمەيدۇ.

b. ۋېگاس نىرۋىلىرىنى (Vegus nerve, 交感神经) غىدىقلاش ئۇسۇلى (مەن نىرۋا بىئولوگىيە دەرىسىنى ئېنگلىزچە ئۆگەنگەن، ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى ئىزدەپ تاپالمىدىم، بىلىدىغانلار تولۇقلاپ قويساڭلار رەھمەت ئېيتىمەن): بۇ ئۇسۇلدا كۆكرەككە بىر خىل ئېلىكتىر دولقۇنى چىقىرىدىغان ئەسۋاپ بىكىتىلىدۇ. بۇ ئۇسۇلدا كېسەلنىڭ قوزغىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ياكى كېسەل قوزغىلىش قىتىم سانى روشەن ئازىيىدۇ، لىكىن نىمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىغىنىڭ مىخانىزىمى ئېنىق ئەمەس. بۇ ئۇسۇلنى دورا بىلەن بىرلەشتۈرسە، دورىنىڭ مىقدارىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىش مۇمكىن.

c. كىتونلۇق يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش: بۇ ئۇسۇل بالىلارغا ئەڭ ماس كىلىدىغان بولۇپ، چوڭلارغا ئۈنۈمى ئانچە ياخشى ئەمەس. بۇ خىل تاماقتىكى پەرھىز تۇتۇش ئۇسۇلى كىتون ماددىلىرىنىڭ (مايلىق تاماقتا كۆپ بولىدۇ) مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، بەدەننىڭ كىتون تەڭپۇلىقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، كېسەل قوزغىلىش قېتىم سانىنى كۆپ تۆۋەنلىتىدۇ، لىكىن بۇنىڭمۇ زادى قانداق قىلىپ پايدا قىلىدىغانلىغى ئېنىق ئەمەس. كىتون دىگەن سۆز ئىنتايىن ئاددى تۈزۈلۈشتىكى بىر نەچچە خىل ماي كىسلاتالىرى (ئاسىتون، ئاسىتوئاتسىتات، ھېدروكسى بىيۇتىرات قاتارلىقلار) نىڭ بىرلەشتۈرۈلۈپ ئاتىلىشى بولۇپ، ئۇلار مايلىق تاماق ئاشقازانغا بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال مۇشۇ خىل ماددىلارغا پارچىلىندۇ ۋە بۇ ماددىلار قانغا كىرگەندىن كىيىن ئاخىرى ئورگان-توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈلۈپ مېڭە قاتارلىقلار تەرىپىدىن ئاخىرى گلۇكوزىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ئېنىرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە ئشلىتىلىدۇ. مەخسۇش كىتونلۇق تولۇقلىما كاپسۇللىرى ئىشلەنگەن بولۇپ بۇلارنى دورىخانىلاردىن سىتىۋالغىلى بولىدۇ.

كىتونلۇق يىمەكلىكلەرمۇ دورىلارغا قارشىلىق شەكىللىنىپ دورا ئىشلىتىش ئېھتىماللىقى يوق بولغان بالىلار ياكى دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۈچلۈك بالىلارنىڭ سىناپ كۆرۈشىگە ماس كىلىدۇ. كىتونلۇق يىمەكلەرئادەتتە شىكەر ۋە ئاقسىل مىقدارى ئاز، لىكىن ماي مىقدارى كۆپ يىمەكلىكلەر بولۇپ، بۇلارنى ئىستىمال قىلىشنىڭمۇ ئۆزىگە چۈشلۇق ئەكس تەسىرلىرى بولۇشى مۇمكىن، لىكن بالىلارنىڭ قانداق رىئاكسىيەدە بولۇشىنى كۆزىتىپ ئەگەر پايدىسى بولسا ۋە باشقا ئېغىر مەسلىلەر كىلىپ چىقمىسا مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانسا بولىدۇ.

جۇڭگونىڭ تورلىرىدا يەنە 神经元多维疗法 دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خىل ئۇسۇلمۇ مۇۋاپىقيەتلىك ھالدا تۇتقاقلىقنى داۋالاشتا ئىشلىتىلگەنلىكىگە دائىر ئۇچۇرلار بار بولۇپ، بۇ ئۇسۇلنى توردا ئاختۇرسىڭىزلا باشقا ئۇسۇللاردىن ياخشى ئىكەنلىكى توغرىسىدا نۇرغۇن مەزمۇنلار چىقىدىكەن. بۇ ئاساسلىق مېڭە ئېلىكتىر ھەرىكىتىنى نورماللاشتۇرۇش مەقسىتىدە بىئولوگىيىلىك رىزونانىس تېخنىكىسى ئارقىلىق كۆپ قەدەم باسقۇچتا ئورۇندىلىدىغان بىر يىڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى ئىكەن. شۇڭا، سىز بالىنى تەكشۈرتكەندە دوختۇردىن مۇشۇ توغرىسىدا تەپسىلىي مەسلېھەت سوراپ بىقىپ، مۇشۇ تېخنىكىدا پىشىپ يىتىلگەن دوختۇرخانىلارنى تىپىپ بالىنى شۇ ئۇسۇلدا داۋالاتسىمۇ ياخشى بولۇشى مۇمكىن.
سىزنىڭ ئوغلىڭىز ۋە باشقا تۇتقاقلىق كېسىلىگە گېرىپتار بولغان بالىلار ۋە چوڭلارنىڭ كېسىلىىنڭ بالدۇرراق ساقىيىپ كىتىشىنى چىن-دىلىمدىن تىلەيمەن.

ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، بۇ تىمىنى تۇتقاقلىق كېسىلى توغرىسدا مەلۇم بىلىمگە ئىگە بولغانلىغىم ۋە مۇشۇ كېسەل توغرىسىدا كۆپلىگەن قېرىنداشلارنىڭ سۇئاللىرىنى كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، نۇرغۇن ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۆزۈم يازغان. ئەگەر قىسمەن خاتالىقلار ساقلانغان بولسا ئىنكاس شەكلىدە كۆرسىتىپ بىرىشىڭلارنى قارشى ئالىمەن، لىكىن بۇ تىمىنى رۇخسىتىمسىز باشقا جايغا يۆتكىمەسلىكىڭلارنى سورايمەن.

سالام بىلەن:
بىلگەجان
(ئۈمۈت ئېيىنىڭ 13- كۈنى، ئامىرىكا)

مەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-28 / 11:47:03

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ