تۇغما يۈرەك كېسىلى ھەققىدە

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۇغما يۈرەك كېسىلى بولسا تۇغما غەيرىيلىكى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان بىر خىل تۈر، ھەر خىل تۇغما غەيرىيلىك %28 نى ئىگىلەيدۇ، بۇ، تۆرەلمە يېتىلىش باسقۇچىدا بولغاچقا، يۈرەك ۋە چوڭ قان تومۇرلار شەكىللىنىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ ياكى يېتىلىش غەيرىي نورمال ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە نورمالسىزلىق كۆرىلىدۇ.  تۇغما يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىش، بۇ يېڭى كۆپەيگەن بوۋاقلاردا %0.4 تىن %1 كىچە كۆرۈلىدىغانلىقى مەلۇم بولدى.

تۇغما يۈرەك كېسىلى ھەققىدە

كېسەللىك سەۋەبى

ئادەتتە تۇغۇشتىن ئىلگىرىكى، يەنى، ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى (5 ھەپتىدىن 8 ھەپتىگىچە بولغان مەزگىل) ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ يېتىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم مەزگىل، تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ كېسەل پەيدا بولۇش سەۋەبى ناھايىتى نۇرغۇن، ئىرسىيەت ئامىلى %8 ئەتراپىدا، بىراق %92 تىن كۆپرەكىنى مۇھىت ئامىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مەسىلەن، ھامىلىدار ئاياللار ئىشلىتىۋاتقان دورا، ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش، مۇھىت بۇلغىنىشى، نۇر رادىئاتسىيىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىنىڭ يۈرىكىنىڭ غەيرىي يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.  بولۇپمۇ ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئالدىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە سوغان ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشى، بالىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتا بۇلىشىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.

تۇغما يۈرەك كېسىلى ھامىلە مەزگىلىدە يۈرەك قان تومۇرلىرى نورمالسىز يېتىلىشتىن غەيرىيلىك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان، كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى. تەتقىقاتتا ئىسپاتلىنىشىچە، بۇ كېسەل تۇغۇلۇپ بىرىنچى يىلىدا يۈز بېرىش نىسبىتى %0.69ئەتراپىدا بولىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تېخى پۈتۈنلەي ئېنىق بولغىنى يوق. ھازىرچە ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىل دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىچكى ئامىل ئاساسلىقى ئىرسىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپمۇ خروموسوزوما(بويالغۇچى تەن) يەنى 21-تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى، 18-تروزومىك يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىقلار؛ تاشقى ئامىلنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى بالىياتقۇ ئىچىدىكى يۇقۇملىنىش. مەسىلەن: سوغان ۋىرۇسى، تارقىلىشچان قۇلاق ئالدى بېزى ياللۇغى ۋىرۇسى، كوكسساككى ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ھامىلىدار ئايال كۆپ مىقداردىكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىش، مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇش مەسىلەن: دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزىبىر دورىلارنى ئىشلىتىش مەسىلەن: راكقا قارشى دورىلار قاتارلىقلار، بۇ تاشقى ئامىللارنىڭ بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىنقى ئۈچ ئېيىدا ھامىلىگە بولغان تەسىرى ئەڭ چوڭ.

 

 كلىنىكىلىق ئىپادىسى

 تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ كلىنىكىلىق ئىپادىسى ئاساسلىقى قوللىرىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى ۋە مۇرەككەپلىك دەرىجىسىگە باغلىق. مۇرەككەپ ۋە غەيرىيلىكى  ئېغىر بوۋاق، تۇغۇلغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي كېسەللىك ئالامىتى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قىسىم ئاددىي بولغان غەيرىيلىك مەسىلىسى  قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈكلۈك، ئارتېرىيە كانىيى ئوچۇق قېلىش قاتارلىقلار، دەسلەپكى مەزگىلدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەيدۇ. لېكىن كېسەللىك داۋاملىق يوشۇرۇن تەرەققىي قىلىپ، تېخىمۇ ئەزۋەيلەپ كېتىدۇ، كېسەل ئېھتىياجىغا ئاساسەن ۋاقتىدا دىئاگنوز قۇيۇش، ئوپېراتسىيە قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت. ئاساسلىق تۈۋەندىكىدەك كېسەللىك ئالامىتى بار :

1 . دائىم زۇكام بولۇش، قايتا – قايتا نەپەس يولى يۇقۇملىنىش، ئۆپكە ياللۇغى كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بۇلۇش.

2 . ئۆسۈپ يېتىلىش ناچارلىشىدۇ، ئورۇقلاش يۈز بېرىدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ.

3 . ئەمگەندە ماغدۇرسىزلىنىش، سۈت بېرىش قىيىنلىشىش، ياكى بوۋاقنى يېمەكلىكتىن چەكلەش، زىيادە يۆتىلىش، ئادەتتە نەپەس جىددىيلىشىش.

4 . بالىلارنى ئوڭاي ھارغىنلىق باسىدۇ، بەدەن قۇۋۋىتى ناچارلىشىدۇ.

5 . كالپۇك، تىرناق كۆكىرىش ياكى يىغلاپ جىدەل قىلىش، ياكى كۆكىرىپ كېتىش،بارماقلىرىدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىش.

6 . زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ، ئايلىنىپ كېتىش، قان تۈكۈرۈش.

7 . تىڭشاپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق يۈرەكتە شاۋقۇن ئاۋازى بارلىقىنى بايقاش.

 

كېسەللىك ئالامىتى

تۇغما يۈرەك كېسىلىتۇغما يۈرەك كېسىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تىپى قېرىنچىلار ئارا پاسىل كەمتۈك بولۇش، ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك، ئۇنىڭدىن قالسا ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تار بولۇش، خامىن تۆت بىرلەشمە ئالامىتى قاتارلىقلار. يېنىك ئالامەتلىك تۇغما يۈرەك كېسىلى بولغۇچىلاردا ھېچقانداق غەيرىي ئىپادىلەر بولمايدۇ، ئۆسۈپ يېتىلىشى، ھەرىكەت مىقدارى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نورمال كىچىك بالىلار بىلەن ئوخشاش، پەقەت باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تەكشۈرتكەندە دوختۇر بەدەن تەكشۈرۈش جەريانىدا يۈرەك شاۋقۇن ئاۋازىدىن تاسادىپىي بايقىۋالىدۇ. لېكىن ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامىتى بارا-بارا روشەنلىشىپ، دائىم ھەرىكەتتىن كېيىن يۈرەك سېلىش، نەپەسلىنىشى تېزلىشىش، ئاسانلا چارچاش، يۆتىلىش، قان تۈكۈرۈش، ھەتتا ھوشسىزلىنىش، يۈرەك زەئىپلىنىش قاتارلىقلار بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئېغىر ئالامەتلىك كېسەللەنگۈچىلەر بەزىلىرى تۇغۇلغاندىن كېيىن شىللىق پەردە كۆكىرىش، نەپىسى قىس بولۇش، يۈرەك زەئىپلىشىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ، بەزىلىرى بوۋاقلىق مەزگىلىدە بېقىش تەسكە توختاش، سۈتنى بىر نەچچە يۇتۇم ئېمىپلا توختاپ قېلىش، نەپىسى قىس بولۇش، كۆپ مىقداردا تەر چىقىش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ داۋالىمىغاندا كىچىكلا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن.

 

دىئاگنوز قويۇش

 ئادەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق، بەدەن ئالامىتى، ئېلېكترو كاردىئوگرامما، X – لىنىيىسى ۋە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنلۇق كاردىئوگرام بېلەلىسىلا، دىئاگنوزقۇيۇش، ھەمدە مۆلچەر ئۇنىڭ ھېمودىنامىكا ئۆزگەرتىشكە، كېسەللىك ئۆزگىرىش دەرىجىسى ۋە دائىرىسىنى مۇقىم قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بارىمىز. جۈپ بىرلەشتۈرۈپ كۆپ خىل غەيرىيلىك، مۇرەككەپ، چېگىش بولغان تۇغما يۈرەك كېسىلىگە، مەخسۇس دوختۇرلار ئەھۋالغا قاراپ، ئۈچ ئۆلچەملىك CT تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەكشۈرۈش، يۈرەك نەيچىسى تەكشۈرۈش ياكى ئانگىئوكاردىئوگرافىيە ۋاسىتىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى دەرىجىسى تۈرى ۋە دائىرىسىنى ئىگەللەش.

 

داۋالاش ئۇسۇلى

 1 . ئادەتتە تۇغما يۈرەك كېسىلى بارلارنىڭ ئاز ساندىكى تىپىنى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. شۇ تىپقا تەۋەلىرى بولۇپ قالسا يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئاستا – ئاستا كۆپىيىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالى تەدرىجىي ئېغىرلىشىدۇ.

2 . تۇغما يۈرەك كېسىلى بار ئاغرىقلارنى كۆزىتىش.

3 .  ئوپېراتسىيە ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوپېراتسىيىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، تۇغما يۈرەك كېسىلىدە ياخشى بولغان بۆسۈش ھاسىل قىلىش.

4 . تۇغما يۈرەك كېسىلى بولغانلارنى داۋالاش ئۇسۇلى :

ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش، دورا بىلەن داۋالاش قاتارلىقلار. قايسى خىلدىكى داۋالاش ئۇسۇلى ئەڭ مۇۋاپىق كەلسە، ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ ئوپېراتسىيە قىلىش كېرەك، يۈرەك كېسەللىكى مۇتەخەسىسلىرى كېسىلىگە قارىتا كونكرېت ئەھۋالى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىش.

كۈچ بىلەن داۋالاش ئاساسەن ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ : بىر تۈر ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سفائېرودور كېڭەيتىش ئۇسۇلى بىكار قىلىپ قان تومۇر كىلاپىنىنى تارايتىش، مەسىلەن، ئائورتا قاپقىقىنى تارايتىش، ئۆپكە ئارتېرىيە قاپقىقىنى تارايتىش، ئائورتانى تارايتش قاتارلىقلار؛  يەنە بىرخىل ئۇسۇلى ھەر خىل خاتىرە مېتال ماتېرىيال يېپىق ماھىيەتتە توسۇلۇپ قالدۇ. مەسىلەن، يۈرەك دالانچە پاسىلى كەمتۈكلۈك، قېرىنچە ئارىلىق پاسىلى كەمتۈكلۈك، ئارتېرىيە كانىيىنىڭ ئاخىرقى ئۇچى يېپىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنى تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيە ئۇسۇلىغا ئاساسەن يۈرەك قوللىرى تۈرى ۋە قانۇنىيىتىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش دەرىجىسى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئامىللار ئارقىلىق بېكىتىش كېرەك، ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى :  يىلتىزدىن داۋالاش ئوپېراتسىيىسى،  ئورۇنسىز يول قويماسلىق ئوپراتسىيىسى، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتسىيىسى قاتارلىقلار.

كېسەللىك پەرۋىشى

تۇغما يۈرەك كېسىلى بالىلارنى كۈتۈشتە تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپكە دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئىنچىكىلىك بىلەن بېقىش. كىچىك بوۋاقلارغا نىسبەتەن سۈت ئېمىتكەندە بەك ئەستايىدىل، سەۋرچان بولۇش، قېقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم ئېمىتىش.

2. ئارام ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، كۈچلۈك ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش، كېسەللەنگۈچىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا ئەھمىيەت بېرىش. قاتتىق يىغلاشتىن يۈرەكنىڭ ۋەزىپىسىنى ئېغىرلىتىۋېتىشتىن ساقلىنىش.

3. ئوزۇقلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش. تەركىبىدە ۋىتامىن، ئاقسىل مول بولغان ھەم يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېگۈزۈپ كېسەللەنگۈچىنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈش.

4. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش. كېسەللەنگۈچىنى ئادەم كۆپ بولغان ئاممىۋى سورۇنلارغا ئېلىپ بېرىشتىن ساقلىنىش، قىزىپ قالغان ياكى يۆتەل بولۇپ قالغانلار بىلەن ئۇچراشتۇرماسلىق.

5. قەرەللىك تەكشۈرتۈش. تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈپ تۇرۇش، كېسەللىك ئەھۋالىدىكى ئۆزگىرىشىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

6. ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش. كېسەللەنگۈچىدە قىزىش، يۆتىلىش، نەپەسلىنىشى جىددىيلىشىش، رەڭگى كۆكىرىش قاتارلىق ئىپادىلەرنىڭ كۆرۈلۈشى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلاشقانلىقى ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.

 

 ئالدىنى ئېلىش

تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا ھامىلىدارلىق مەزگىلى. ئالدى بىلەن ھامىلىدار ئايال ساقلىقنى ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىدا ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق كۈچەيتىشى، تەنتەربىيە چېنىقىشنى كۈچەيتىشى بولۇپمۇ ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئېيىدا پائال تۈردە سوغان، تارقىلىشچان زۇكام قاتارلىق ۋىرۇسلۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، دىئابېت كېسىلى، تۇتقاقلىق كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغۇچىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا توي قىلىش، ھامىلىدار بولۇش ۋاقتىنى قارار قىلىشى؛ ئاندىن كېسەل قوزغىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئامىللار بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، مەسىلەن: رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش، ئەگەر خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇن مەزگىل رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچراشقۇچىلار ياكى رادىئوئاكتىپ نۇر بىلەن داۋالانغۇچىلار ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىل رادىئو ئاكتىپ نۇردىن ئايرىلىپ ئاندىن ھامىلىدار بولۇشى؛ ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ ھاراق-تاماكا تاشلىشى؛ دائىم دېھقانچىلىق دورىلىرى، خىمىيىلىك ماددىلار بىلەن ئۇچراشقۇچى ئاياللار مۇداپىئە قىلىش چارىلىرىنى كۈچەيتىشى؛ ئىمكانقەدەر تېتراتسىكلىن سۇلفامىد ۋە ھورمون تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

1 . ياش ۋە نىكاھنى ماسلاشتۇرۇش

2 . بالىلىق بۇلۇش ئالدىدىكى پىسخىكىلىق تەييارلىق ۋە فىزىئولوگىيىلىك ھالەتنى ياخشى تەڭشەش لازىم.

3 . ھامىلدار بولغاندا ساقلىقنى ساقلاشنى كۈچەيتىش.

4 . ھامىلىدارلار ئىمكان قەدەر نۇر، ئېلېكتر ماگنىت رادىئاتسىيىسى قاتارلىق ناچار مۇھىت ئامىلى بىلەن ئاز ئۇچرىشىشى كېرەك.

5 . ھامىلىدارلار دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلارغا ساياھەتكە بېرىشتىن ساقلىنىش.

 

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

تۇغما يۈرەك كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاتا-ئانا ھەم ئائىلە ئەزالىرى دوختۇرنىڭ تاپىلىغانلىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، بوۋاققا تۇغۇتتىن كېيىنكى تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىش ھەمدە قەرەللىك دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش؛ ئاندىن ئاتا-ئانا ۋە ئائىلىدىكىلەر بوۋاقنى كۈتۈش ۋە ھالىدىن خەۋەر ئېلىش جەريانىدا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك. بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن چىرايى ھەم تېرىسى كۆكەرگەنمۇ يوق؟ بوۋاق سۈت ئەمگەندە ياكى يىغلىغاندا چىرايى كۆكىرىش ئىپادىسى بارمۇ-يوق؟ بوۋاق سۈت ئەمگەندە قىينىلىش، ئەمگىلى ئۇنىماسلىق، قېقىلىش ياكى نەپەس سىقىلىش قاتارلىق ئىپادىلەر بارمۇ-يوق؟ بوۋاق دائىم زۇكام، كانايچە ئۆپكە ياللۇغى ياكى ئۆپكە ياللۇغى بولامدۇ-يوق؟ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا، ئورۇق، كۆپ تەرلەمدۇ يوق؟ بوۋاقنىڭ جىسمانىي كۈچى ئاجىز، ئاسان چارچاش، يېنىك ھەرىكەتتىن كېيىن ئېغىزنىڭ ئەتراپى كۆكىرىش ياكى ئۇزاققىچە نەپەس چىقىرىش ئەھۋاللىرى بارمۇ-يوق؟

 

مەنبە:

ئىزدە قامۇسى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-04-24

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-04-24 / 08:37:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ