تىلغا قاراپ كېسەل كۆرۈش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

1. ئاق گەز: نورمال ھالەتتىكىدىن روشەنرەك بولغان ئاق گەز مىزاجنىڭ ھۆللۈك ھەم سوغۇققا مايىل ئىكەنلىكىنىڭ، ئاشقازان، ئۈچەي مەنبەلىك يەللىك ئىچ سۈرۈشنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

1) ئاق ھەم قېلىن گەز ئاساسلىقى تال زەئىپلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ۋە سوزۇلما ئىچ سۈرۈشلەردە كۆرۈلىدۇ.
2) تىلدىكى ئاق گەز تىلنىڭ بىر تەرىپىدە بولسا، شۇ تەرەپ قارشى تەرەپكە قارىغاندا تومراق بولسا، مېڭىنىڭ شۇ تەرەپتە توسالغۇ بارلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ قېلىن ئاق گەز باغلاپ، ئۈستىدە قارىغا مايىل گەزنىڭ بولۇشى بۆرەك ئىششىپ، بۆرەكتە ياللۇغ پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

4) تىلنىڭ ئاق گەز باغلاپ، ئۈستىدە بوز گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى ئۆپكە ئىششىغانلىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

5) تىلدىكى ئاق گەز ئۈستىدە سېرىق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى بەلغەمدىن (ھۆل سوغۇقتىن) بولغان جىگەر ئىششىقىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

6) تىلدا ئاقۇچ گەز بولۇپ، ئېغىزىدىن شۆلگەي ئېقىش ئاشقازان ھەم پۈتۈن بەدەننىڭ ھۆللۈك سوغۇقلۇقى ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

2. سېرىق گەز: تىلدا سېرىق گەزنىڭ بولۇشى كۆپىنچە مىزاجنىڭ ئىسسىقلىقىغا مەنسۇپ بولۇپ، سېرىق گەز قانچە توق بولسا، ئىسسىقلىقىنىڭ شۇنچە غالىبلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇنداق گەز بەزىدە كېزىكلەردىكى يۇقىرى ھارارەت ياكى ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، ئاشقازان-ئۈچەي، جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ.

1) سېرىق گەز ئۈستىدە قارىغا مايىل گەز پەيدا بولۇپ قالسا، بۇ قارا كېزىك كېسەللىكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر، يۇقىرى ھارارەتلىك بولغان سەرسام، ئۆپكە سىلى كېسەللىرىدىمۇ بۇ ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2) تىلنىڭ تېگى ئاق، ئۈستىدە قېلىن سېرىق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى جىگەر راكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ كۆكۈچكە مايىل بولۇپ، ئۈستىدە سارغۇچ گەز پەيدا بولۇپ قېلىش غەششى (يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى) نىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3. كۈل رەڭ قارا گەز: تىلدا كۈل رەڭ قارا ۋە قۇرغاق گەزنىڭ بولۇشى ھارارەت ئۆرلەپ، بەدەن سۇيۇقلۇقى ئازايغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، كېزىك ئەۋج ئالغان چاغلاردا كۆرۈلىدۇ.

كۈل رەڭ قارا ھەمدە ياغلىشاڭغۇ گەز ئۈچەي ۋە باشقا ئىچكى ئەزالاردا بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ غالىبلىقىنى بىلدۈرىدۇ، كۆپىنچە ئىچ سۈرۈش، سوزۇلما بۆرەك ياللۇغى ۋە جىگەر قېتىشتا كۆرۈلىدۇ.

4. قۇرغاق گەز: تىلدا قۇرغاق گەزنىڭ بولۇشى بەدەن سۇيۇقلۇقى يېتىشمىگەنلىك، ھارارەت ئۆرلىگەنلىكتىن دېرەك بېرىدۇ. كۆپىنچە تەپ (خوراتقۇچى قىزىتما) يۈز بەرگەن چاغلاردا ئۇچرايدۇ.

تىلدا قۇرغاق گەزنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى، مېڭە، جىگەرگە قۇرۇقلۇق يەتكەن كېسەللىكلەرنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

5. پارقىراق، سۇيۇلغاق، يېرىلغاق گەز: تىلدا پارقىراق، سۇيۇلغاق، يېرىلغاق گەزنىڭ بولۇشى بەدەندىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ كۆپلەپ خوراپ كەتكەنلىكنىڭ ئىنكاسى بولۇپ، قىزىتمىلىق كېسەللەرنىڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ۋە سوزۇلما كېسەللىكلەردە، ئۆپكە سىلى، ئاشقازان يارىسى، قەنت سىيىش كېسىلىدە كۆرۈلىدۇ.

1) تىل ئۈستىدە گەزلەرنىڭ سۇيۇلغاندەك كۆرۈنۈشى ئاشقازان-ئۈچەي يارىسىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر. سۇيۇلۇش قايسى تەرەپتە بولسا ئاشقازاننىڭمۇ شۇ تەرىپىدە يارا بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

2) تىل ئۈستىدە گەز بولماي، تىلنىڭ ئوتتۇرىدىن تىك بىر سىزىق پەيدا بولۇپ، توغرىسىغا يېرىلغاندەك بولۇشى بۆرەك مەنبەلىك دىيابېت كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

3) تىلنىڭ بويىغا ھەم توغرىسىغا يېرىلىشى قان، سەپرا (قۇرۇق ئىسسىق) مىزاج كىشىلەردىكى ئۆپكە سىل كېسىلىنىڭ ھەم قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامەتلىرىدۇر.

4) تىلنىڭ ئۇچى تەرەپتە يېرىلىش بولسا، ئاياللاردا بالىياتقۇ يارىسىنىڭ، ئەرلەردە بولسا دوۋساق يارىسىنىڭ ئالامىتىدۇر.

5) تىلدا بويىغا توغرىسىغا يېرىلغان سىزىقچىلارنىڭ بولۇشى ھەم تىل ئۈستى گال تەرەپتە بۇغدايدەك ئۆسمىلەرنىڭ بولۇشى سىفلىس كېسىلىدىن بەلگە بېرىدۇ.

6) تىلدا گەز بولماي قىزىرىپ پارقىراقلىقىنىڭ يوقاپ كېتىشى قاننىڭ بەدەندە يۇقىرىلىقى، ئەمما يۈرەك، ئۆپكە ئاجىزلاشقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

7) تىلنىڭ نېپىز بولۇپ گەز بولماي قىزىل بولۇشى نېرۋا بۆرەك، جىنسىي ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.

8) تىلنىڭ نېپىز، كۆكۈچ بولۇپ قېلىشى قاننىڭ قۇيۇلۇپ قېلىشىدىن يەنى قان قېيىش، قان توسۇلۇش، مالىخولىيا، نەپەس قىستاش، ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسەللىكلىرىگە بەلگە بېرىدۇ.

9) تىلنىڭ تېگى ئاق، ئۈستىدە كۆكۈچكە مايىل قويۇق گەزنىڭ پەيدا بولۇشى گەز ئۈستىدە بوز شىلىمسىمان گەز پەيدا بولۇش، قولنى تىلغا تەگكۈزسە چاپلىشىش جىگەر مەنبەلىك دىيابېت كېسەللىكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

10) تىل كۆكۈچكە مايىل بولۇپ، ئۈستىدە سۆگەلسىمان مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى جوزام كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ ھەم سەرئى، سەكتە كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.

11) تىنىڭ قېتىپ قېلىشى ئارقىلىق ئەركىن، گەپ قىلالماسلىقى مېڭىگە قان چۈشكەن پالەچ كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ ھەم سەرئى، سەكتە كېسەللىكىدىن بەلگە بېرىدۇ.

12) تىلنىڭ ئوتتۇرىسى ئاق، گىرۋەكلىرى قىزىرىپ چېچەكلەپ مۇدۇر پەيدا بولۇپ قېلىش ئاشقازان ئىششىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

13) تىلنىڭ ئۈستى قىسمىغا قىزىل مۇدۇر-چاقلارنىڭ پەيدا بولۇپ قېلىشى يۇتقۇنچاق ئىششىقىنىڭ، ئىششىق كۆكۈچ بولسا ئۆسمە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتىدۇر.

14) تىل ئۈستىدە بادام مېغىزىدەك مۇدۇرلارنىڭ پەيدا بولۇپ، تىل رەڭگىنىڭ ئاقۇچ كۆككە مايىل چالاش بولۇپ قېلىشى ئاشقازان راكىنىڭ ئالامىتىدۇر.

15) تىلنىڭ توم، ئاق بولۇپ، تىلنى سىرتقا ئوبدان چىقىرالماسلىق، قول-پۇتلىرىنىڭ كۆپۈشۈپ، كۆپ يىغىلىپ قېلىش، ئۇيقۇدا كۆپ چۈچۈش، مېڭىدە سۇلۇق ئۆسمىنىڭ بارلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.

مەنبە:
تور دۇنياسى
(ئەسلى ئاپتورى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-04-01 / 06:10:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ