1 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى
- 1 ئايلىق بولغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ باش ئايلانمىسى: 35 – 39.5 سانتىمېتىر بولىدۇ.
- بوي ئۇزۇنلۇقى: 51 – 58.5 سانتىمېتىر بولىدۇ.
- بەدەن ئېغىرلىقى: 3400 – 5700 گىرام بولىدۇ.
1 ئايلىق بوۋاق كۈندە 16-20 سائەت ئەتراپىدا ئۇخلىشى مۇمكىن، ئېغىرلىقى ھەر كۈن 20-30 گرام ئېشىپ ماڭىدۇ، كۈندۈزى 2-3 سائەتتە بىر قوسقى ئاچىدۇ، كېچىسى 3-4 سائەتتە بىر قوسقى ئاچىدۇ. بوۋاق كۈندە 3-4 قىتىم چوڭ تەرەت قىلىشى مۇمكىن. بوۋاق دۈمچىلەپ ياتقاندا بېشىنى قىسقا ۋاقىت كۆتۈرەلەيدۇ، ئەمما ئولتۇرغۇزغاندا بېشىنى كۆتۈرەلمەي چۈشۈپ كېتىدۇ. قوللىرىنى مۇشتۇم شەكىلدە تۈگۈۋېلىشقا ئامراق بولىدۇ. كۆزلىرى مىدىرلاۋاتقان جىسىملارغا قارىيالايدۇ، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاستا ئاستا روشەنلىشىپ ، يېقىندىكى جىسىملارنى ئېنىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بولۇپمۇ يېنىدا مېڭىشىگە دىققەت قىلىدۇ. ئاستا ئاستا ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ. يۈزىڭىزنى يېقىنلاشتۇرۇپ كۈلسىڭىز، سىزگە قاراپ كۈلىدۇ.
1 ئايلىق بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:
- بۇ ۋاقىتتا ھېلىھەم بوۋاقنى كۆپ ئەمدۈرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز. باشقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇق بەرمىسڭىزمۇ بولىدۇ.
- بۇ ئايدىمۇ بوۋاق ئۈچەي يولىدىكى يەللەرنىڭ چىقىشى سەل تەسراق، شۇڭا سىزنىڭ ياردىمىڭىزغا مۇھتاج.
- كىندىك ئەڭ كەچ 1 ئايغىچە چۈشۈپ بولۇشى كېرەك. ئەمما 1 ئايغىچە كىندىك چۈشمىسە، ياكى كىندىك چۈشۈپ، يارا يېرىدىن قان ياكى يىرىڭ تامچىلاپ كەلسە، دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
- ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىدە بەلكىم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش ئۈچۈن سىزگە خەۋەر بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر سىز بىلەن ئالاقىلاشمىسىمۇ، بوۋاقنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن بولسىمۇ، سىز بېرىپ كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
- بەدەندىكى سېرىقلىق ئەڭ كەچ بىر ئايغىچە يوقاپ بولۇشى كېرەك. ئەگەر بوۋاق بىر ئايلىق بولغۇچە سېرىقلىق يوقاپ بولالمىسا، چوقۇم بالىلار دوختۇرى، ئائىلە دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقارىدا دىيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا بالىلار دوختۇرى بىلەن ۋاقتىدا كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تېلەكداشمەن. بۇ فىلىمنى پايدىلىق ھىس قىلسىڭىز، ئەتراپىڭىزدىكى دوستلارغا تارقىتىپ قويۇڭ.