يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەر ۋە تەۋسىيەلەر ۋىدىئولۇق چۈشەندۈرۈلۈشى:
يېڭى تۇغۇلغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى
- باش ئايلانمىسى: 32 – 37 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
- بوي ئۇزۇنلۇقى: 46.3 – 53.4 سانتىمېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ.
- بەدەن ئېغىرلىقى: 2500 – 4400 گىرام ئەتراپىدا بولىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ھەرىكەتچان بولىدۇ، پۇت قوللىرى نورمال راھەت ھالەتتە بولىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى ساغلام بولىدۇ. ئەتراپتىكى جىسىملەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئەتراپتا نۇر بولسا، نۇر مەنبەسىگە تىكىلىپ قارايدۇ. سۈت ئېمىش ھەرىكىتى بولىدۇ، جىسىملارنى قولىغا تەككۈزگەندە ئىختىيارسىز بارماقلىرى بىلەن تۇتۇش ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. ئەتراپتىكى ئىنسانلارغا ئىنكاس قايتۇرمايدۇ، ئەمما ئاپا ياكى دادا يۈزىنى بوۋاققا يېقىن ئېلىپ كەلگەندە، بوۋاق دىققىتىنى شۇ كىشىنىڭ يۈزىگە بىلىپ بىلمەي تۇرۇپ مەركەزلەشتۈرىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ۋە ئاتا ئانىغا تەۋسىيەلىرىمىز:
- بوۋاقنى كۆپ ئەمدۈرۈپ بېرىڭ. ئانا سۈتى ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق ۋە دورا. باشقا قوشۇمچە ئوزۇقلۇقلارنى بېرىشنى تەۋسىيە قىلمايمىز.
- ئۈچەيدىكى گازلىرىنى چىقىرىشقا ياردەم قىلىڭ. بۇ ۋاقىتتىكى ئەڭ چوڭ دەرت بوۋاقنىڭ ئۈچەي يوللىرىدىكى يەلنى چىقىرىشتا قىيلىنىش.
- سۈت ئەمدۈرۈۋاتقان ئاپا بەك ئاچچىق چۈچۈك، سوغۇق، ياكى چەكلەنگەن دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. چۈنكى سۈت ئارقىلىق بوۋاققا تەسىر قىلىدۇ.
- ئانا سۈتى ئەممىگەن بوۋاقلارغا، ئىشەنچلىك سۈت پاراشوگىنى بېرىڭ. كالا سۈتى بەرمەڭ.
- ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى بولسا، ئۇنى ئەملىتىشنى ئۇنۇتماڭ.
- كىندىكى يېقىنقى بىر قانچە كۈن ياكى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە چۈشۈشى مۇمكىن. ئەگەر كىندىكتىن قان، ياكى يىرىڭ ئاقسا دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
- بەدەندە سېرىقلىق بولۇشى مۇمكىن، كۆپرەك ئەمدۈرۈپ بېرىڭ، شۇنداق قىلغاندىلا، سېرىقلىقنى كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت ئارقىلىق سىرتقا چىقىرىۋېتەلەيدۇ.
قانىلىمىزدا 12 ئاي ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ بولغان بوۋاق بالىلارنىڭ ھەرقايسى ياش دەۋرىدە بەدەندە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى ۋە تەۋسىيەلەرنى قىسقا، ئىخچام، مېغىزلىق قىلىپ رەتلەپ چىقتۇق. ئەگەر يۇقارىدا دىيىلگەن ئۆزگىرىشلەرنىڭ يېرىمغا يېقىنى كۆرۈلمىسە ياكى بىنورماللىق كۆرۈلسە، ۋاقتىدا ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. ھىچ جىددىيلەشمەڭ، سىز چوقۇم ياخشى ئاتا ئانا بولالايسىز. بوۋىقىڭىزنىڭ سالامەت چوڭ بولۇشىغا تېلەكداشمەن.