6 ياشلىق ئۆپكە ياللۇغى بولۇپ قالغان بىمار بالىنىڭ ئۆپكە رېنتىگىن رەسىمى. ئوڭ تەرەپتىكى يۇمىلاق شەكىلدىكى كۆلەڭگە مىكروپ ياكى ۋىرۇس سەۋەپلىك ئۆپكە توقۇلمىسىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە ئۆپكە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
رادىئولوگىيىلىك بايقاش:
X نۇرى ئوڭ تەرەپتىكى ئۆپكىدە ئاق رەڭلىك زىچلىقىنى ئاشۇرىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى، ئۆپكە توقۇلمىرىنىڭ زەخىملىنىشى، ياللۇغ سەۋەپلىك ئۆپكە پۈۋەكچىرىلىنىڭ ئىچىگە ياللۇغ سۇيۇقلۇقىنىڭ تولۇپ قېلىشىدىن بولىدۇ.
ئۆپكە توقۇلمىلىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى:
مىكروسكوپ جەھەتتىن ئېيتقاندا ، ئۆپكە ياللۇغى ئاساسلىقى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ۋە ئۆپكە ئارىلىق توقۇلمىلارنىڭ ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئىچىگە نېيترروفىل ۋە ماكروفاج ھۈجەيرىلىرى بىلەن شەكىللەنگەن سۇيۇقلۇقلار ئېقىپ كىرىپ، كېسەللىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۆپكە پۈۋەكچىلىرىگە سۇيۇقلۇق تولغاندىن كېيىن، ئۆپكىنىڭ ئاسالىق رولى بولغان ھاۋا ئالماشتۇرۇش (ئوكسىگىن-كاربون ئىككى ئوكسىد ئالمىشىش) قا ئېغىر دەرىجىدە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. ئەگەر ئۆپكە ياللۇغى ئېغىرلىشىپ كەتسە، ھاياتقا خەۋپ يېتىدۇ.
ئانتىبىئوتىك داۋالاش ئۇسۇلى:
ئانتىبىئوتىك دورىلارنى تاللاشتا گۇمانلىق كېسەللىك قوزغاتقۇچى مىكوپ ئۇنسۇرلارنى ۋە قارشىلىق پەيدا بولۇش ئۇنسۇرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ تۇرۇپ ئويلىشىش كېرەك. تەجرىبە خاراكتېرلىك داۋالاش ئۇسۇلى بولسا، كۆپىنچە ئەھۋاللاردا سېفترىئاكسون ( ceftriaxone ) ياكى سېفوتاكسىم (cefotaxime) قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك ئانتىبىئوتىكلارنى باشلاش بىلەن بىرگە، ئازوترومىيسىن ( azithromycin ) ياكى دوكسىكسىلىن ( doxycycline ) قاتارلىق ئىككى تۈردىكى دورىدىن بىرنى بىرلىكتە باشلاش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق كۆپ ئۇچرايدىغان باكتېرىيىلەرنى داۋالاش مەقسەت قىلىنىدۇ.
ئەگەر بىماردا ئالاھىدە باكتىرىيە يۇقۇملىنىش خەۋپى بولسا (مەسىلەن ، يېقىنقى زاماندا دوختۇرخانىدا يېتىش…) ، ۋانكومىنسىن ( vancomycin ) ياكى لېۋوفلاكساسىن ( levofloxacin ) قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىشكە زۆرۈر تۇغۇلىدۇ.