توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بۆرەك يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىكلەر ناھايىتى كۆپ، ئالدى بىلەن بىر بۆرەك يىگىلەشمۇ ياكى ئىككى بۆرەك يىگىلەشمۇ بۇنى ئېنىقلاش كېرەك، بۆرەك يىگىلىگەندىن كېيىن بۆرەك ئەسلىگە كېلەلمەيدۇ.
بۆرەك يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب ئىككى خىل بولىدۇ: بىرىنچى بۆرەك ئارتېرىيەسى تارىيىش، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى بىر بۆرەك يىگىلەش بولۇپ، ئاساسلىقى بۆرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ئىككىنچى خىل سەۋەب ئىككى تەرەپ بۆرەك تەڭ يىگىلەش، بۇنداق ئەھۋالدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەردۇر. مەسىلەن، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك شارچىلىرى ياللۇغى، يۇقىرى قان بېسىمدا بۆرەك زەخىملىنىش قاتارلىقلار.
ئادەتتە بۆرەك يىگىلەش ئەھۋالى بايقالسا، كېسەللىك ۋاقتىنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن داۋاملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۆرەكتە ئارىلىق ماددا تالالىشىش، بۆرەك شارچىلىرىنىڭ سۈزۈش نىسبىتى تۆۋەنلەش، بۆرەك شارچىلىرى قېتىشىشتەك ئاستا خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق ئۆزگىرىشلەر ئەسلىگە كەلمەيدۇ. بۇ چاغدا ئاساسلىقى بۆرەك يىگىلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر ئېنىق بولىدۇ، داۋالاش لايىھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا تاللاپ، بۆرەك ئىقتىدارى يەنىمۇ زىيانغا ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلەن، ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۆرەك يىگىلەشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە قان شېكىرى، قان بېسىمى، قاندىكى ماي مىقدارىنى ياخشى كونترول قىلىش، بۆرەك ئىقتىدارى ناچارلىشىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17909135.shtml