ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبوۋاق بالىلاردىكى يۈرەك كېسىلى سەۋەبى ۋە تۈرلىرى

بوۋاق بالىلاردىكى يۈرەك كېسىلى سەۋەبى ۋە تۈرلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يۈرەك كېسىلى بوۋاقلار ۋە بالىلار ئىچىدىكى بىر مۇھىم ساغلاملىق مەسىلىسى بولۇپ، ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىكلەرنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلىرى ۋە سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم.

 

بوۋاقتا نېمە ئۈچۈن يۈرەك كېسىلى پەيدا بولىدۇ؟

1. ئىرسىيەت ئامىلى:نۇرغۇن تۇغما يۈرەك كېسىلىنى گېننىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر تاسادىپىي يۈز بېرىشىمۇ، ئاتا – ئانىسىدىن ئىرسىيەت قېلىشىمۇ مۇمكىن.

2. مۇھىت ئامىلى:ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى زىيانلىق ماددىلار، مەسىلەن، ئىسپىرت، بەزى دورىلار، ۋىرۇس ياكى رادىياتسىيە بىلەن ئۇچراشسا، ھامىلىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

3. باشقا كېسەللىكلەر:ھامىلىدار ئاياللار مەلۇم كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولسا، مەسىلەن:قەنت كېسىلى، يەلتاشما، سىستېمىلىق قىزىل داغلىق بۆرە چاقىسى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولسا، ھامىلىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

4. ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش:ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەزى مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىلار، مەسىلەن، فولىك كىسلاتاسى كەمچىل بولسا، ھامىلىنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

5. نامەلۇم سەۋەب:گەرچە تۇغما يۈرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن ئامىللار بېكىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بەزى كېسەللەرنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس.

 

بوۋاقلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان يۈرەك كېسىلى قايسىلار؟

1. قېرىنچە پاسىلى كەمتۈك بولۇش ( VSD ):بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ ،يۈرەك قېرىنچىسى ئارىسىدىكى تام ( قېرىنچە پاسىلى ) دا بىر ياكى بىر قانچە تۆشۈك بار.

2. دالانچە پاسىلى كەمتۈك بولۇش ( ASD ):بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ ،يۈرەك دالانچە ئارىسىدىكى تام ( دالانچە پاسىلى ) دا بىر ياكى بىر قانچە تۆشۈك بولىدۇ.

3. ئارتېرىيە كانىلى ئېتىلمەسلىك ( PDA ):يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئائورتا بىلەن ئۆپكە ئارتېرىيىسى ئارىسىدىكى يول تۇغۇلغاندىن كېيىن ئېتىلمەيدۇ.

4. فاللوت تۆت بىرلەشمە كېسىلى ( Tetralogy of Fallot ):بۇ بىر خىل مۇرەككەپ تۇغما يۈرەك كېسىلى بولۇپ، تۆت خىل نورمالسىزلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:قېرىنچە پاسىلى كەمتۈك بولۇش، ئوڭ قېرىنچە ئېقىپ چىقىش يولى تارىيىش، ئائورتا ئارتىلىش ئاتلاش ۋە ئوڭ قېرىنچە قېلىنلاش.

5. ئائورتا تارىيىش:ئائورتىنىڭ چىقىش ئېغىزى تارىيىپ، قاننىڭ پۈتۈن بەدەنگە ئېقىشىنى چەكلەپ قويىدۇ.

6. ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانى تارىيىش:ئۆپكە ئارتېرىيە كلاپانىنىڭ ئېغىزى تارىيىپ، يۈرەكنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قاننى ئۆپكىگە كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.

7. ئۈچ قاناتلىق كلاپان تۆۋەنگە سىلجىش غەيرىيلىكى:ئۈچ قاناتلىق كلاپان ئوڭ يۈرەك دالانچىسى بىلەن ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، لېكىن ئورنى نورمال ئەمەس.

8. چوڭ قان تومۇرلارنىڭ تولۇق ئورۇن ئالمىشىشى:ئائورتا ئوڭ يۈرەك قېرىنچىسىدىن، ئۆپكە ئارتېرىيىسى سول يۈرەك قېرىنچىسىدىن باشلىنىدۇ.

9. تاق يۈرەك قېرىنچىسى:يۈرەكتە پەقەت بىرلا ئۈنۈملۈك يۈرەك قېرىنچىسى بولىدۇ، ئىككى ئەمەس.

10. رېماتىزملىق يۈرەك كېسىلى:گەرچە بۇ ئاساسلىقى بالىلار ۋە ياش – ئۆسمۈرلەرگە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇ بوۋاقلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇ گال يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان زەنجىرسىمان شارچە باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى.

 

بوۋاقلاردىكى يۈرەك كېسىلىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان تۈرلىرى ۋە سەۋەبىنى چۈشىنىش ۋاقتىدا پەرقلەندۈرۈش ۋە داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئاتا-ئانىلار بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى ھەمدە ھەرقانداق بىنورماللىق بايقالسا ۋاقتىدا داۋالاش ياردىمى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-06-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-17 / 07:58:36

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ