دۆلەت سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى 2010-يىلى 19 خىل بالىلار ئىچكى كېسەل تۈرىنىڭ كىلىنىكىلىق مەنبەسىنىئېلان قىلدى، بۇ پاكىنەك كېسىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، دۆلىتىمىزدىكى بالىلارنىڭ پاكىنەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %3 ئىكەن. مەملىكەت بويىچە تۆت ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلار ئىچىدە، تەخمىنەن 7 مىليون بالا داۋالىنىشقا مۇھتاج بولىدىكەن، لېكىن كېسەل كۆرسەتكەن بالا 300 مىڭغىمۇ يەتمەيدىكەن.
«مەن بىلەن بالىنىڭ ئاپىسىنىڭ بويى ئېگىز، بالىنىڭ بويى پاكار بولۇشى مۇمكىن ئەمەس»، «بالامنىڭ بويى كېچىكىپ يېتىلدىغان ئوخشايدۇ، ئەينى يىلى مەنمۇ شۇنداق بولغان»، «مەن بالامنىڭ بويىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈنقانچىلىك پۇل خەجلەپ، ھەر خىل ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغانلىقىمنى بىلمەيمەن»… نۇرغۇن ئاتا-ئانىدا بالىلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىگە نىسبەتەن خاتا تونۇش مەۋجۇت، ئۇلار بالىنىڭ بويى پاكار بولۇپ قېلىشىنىڭ بەلكىم كېسەللىك ئىكەنلىكىنىبىلمەيدۇ. ساغلاملىق بۇيۇملىرى ئېلانىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ ياكى بىر تەرەپلىمە قاراپ، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى ئەڭ ياخشى پەيتىنى ئاسانلا ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ.
جۇڭگو تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى1-دوختۇرخانا بالىلار بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى جياڭ خۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بالىلارنىڭ پاكار بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ. ئىچكى ئاجراتما مەسىلىسى، خروموسوما نورمالسىزلىقى، مېتابولىزم خاراكتېرلىك توسالغۇ كېسىلى، بەدەن ساپاسى خاراكتېرلىك بالاغەتكە يېتىش كېچىكىپ قېلىش قاتارلىق تۇغما ئامىللار، يەنە ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ھەرىكەت كەمچىل بولۇش، روھىي بېسىم ئېغىر بولۇش قاتارلىق كېيىنكى ئامىللارمۇ مەۋجۇت.
بوي ئېگىزلىكىنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ، سۆڭەك ئېپىفىزى پۈتۈلگەن ھامان يەنە ئۆسۈش مۇمكىن بولمايدۇ. شۇڭابالىلارنىڭ ئۆسۈشىدە نورمالسىزلىق كۆرۈلسە، ئاتا-ئانىلار بالدۇراق داۋالىتىشى، قەرەللىك ھالداقايتا تەكشۈرتۈشى كېرەك. كۆپ ئۇچرايدىغان داۋالاش ۋاسىتىسى كېسەللىك سەۋەبىنى داۋالاش، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك سەۋەبىگە ئاساسەن «كېسەلگە قاراپ دورا» بېرىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئائىلىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىمۇ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدىكى مۇھىم ھالقا. جياڭ خۇڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاتا-ئانىلار بالىلارغا «ياخشى يېيىش»، «ياخشى ئويناش»، «ياخشى ئۇخلاش»، «كەيپىياتنىياخشى تۇتۇش» قاتارلىق جەھەتلەردە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك: بالىلار ئەتىگەن ۋە كەچتە بىر قاپ سۈت ئىچىپ كالتسىي تولۇقلىشى كېرەك، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش، كاربونات كىسلاتالىق ئىچىملىكلەرنى ئاز ئىچىش؛ ھەر كۈنى سىرتتا بىر سائەت ھەرىكەت قىلىش، كۆپرەك سەكرەش، يۈگۈرۈش، توپ ئويناش، بەدەننى يۇقىرىغا تارتىش قاتارلىق ئۆسۈشكە پايدىلىق ھەرىكەتلەرنى ئىشلەش؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغان بالىلار سائەت 21:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار سائەت 22:00دىن بۇرۇن ئۇخلاش كېرەك؛ بالىلارغا ياخشى بولغان ئائىلە كەيپىياتى يارىتىپ بېرىش، بەك چوڭ بېسىم قىلماسلىق، بالىلارغائازادە، خۇشال كەيپىيات يارىتىش كېرەك.
كوئىنلون تورى دىن ئېلىندى
مەسئۇل تەھرىر: گۈلمىرە