بوۋاقلارغا ئىسسىق ئۈتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

0
1178
بوۋاقلارغا ئىسسىق ئۈتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

ياز پەسلى كىرىشى بىلەنلا بوۋاقلارنىڭ ئىممونىتىت كۈچى ئاجىز بۇلۇشى ھەم سىرتلاردا ھەرىكەت قىلىشىنى ياخشى كۆرۈشى تۈپەيلىدىن ، ئاتا – ئانىلار دىققەت قىلمىسا ئاسانلا بوۋاققا ئىسسىق ئۈتۈپ قېلىشى مۇمكىن

بوۋاقلارغا يازدا ئىسسىق ئۈتۈپ كىتىشىنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرلۈك سەۋەبى بۇلىدۇ .
قېلىن كىيىندۈرۈش

بوۋاقنىڭ قاتتىق ئىسسىقتا ئۇسسۇزلۇققا قانماسلىقى

بوۋاقنىڭ ئىسسىق مۇھىتتا كۆپ ھەرىكەت قىلىشى

يۇقارقىدەك ئامىللارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك .

بالىغا ھاۋا كىلىماتىغا ئاساسەن كىيىندۇرۇش

بالا كۆپ ھەرىكەت قىلغاندا كۆپرەك سۇ ئىچىشقا ئادەتلەندۇرۇش

يۇقىرى تىمپىراتۇرىدا سىرتتا كۆپ ھەرىكەت قىلدۇرۇشتىن ساقلىنىش . بوۋاقلارغا ئىسسىق ئۆتكەندە تىتىلداش ،تەرلەش ، ھۇشىدىن كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلار بالىنى سالقىن جايغا ئاپىرىپ كۆپرەك سۇ ئىچكۈزۈش ، ئەگەر يەنىلا ئوڭشالمىسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here