ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىپرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى Prune Belly Syndrome

پرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى Prune Belly Syndrome

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

پرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى ( Prune Belly Syndrome ، PBS ) يەنە ئىگول (بۈركۈت)-باررېت يىغىندى ئالامەتلىرى (Eagle-Barrett syndrome) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، بۇ كەم ئۇچرايدىغان تۇغما كېسەللىك بولۇپ ، ئۈچ خىل بىنورماللىق بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: 1) قورساق مۇسكۇلىنىڭ يېتىلىشى يېتەرلىك بولماسلىق ، 2) سۈيدۈك يولى قالايمىقانلىشىش ۋە 3) يېتىلمىگەن ئۇرۇقدان (يوشۇرۇن ئۇرۇقدان). بۇ تۇغما كېسىلى قىزلارغا قارىغاندا ئەركەكلەردە كۆپرەك ئۇچرايدۇ ، ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ.

تۆۋەندە 2 ئايلىق پرۇن بەللى يىغىندى ئالامىتى كۆرۈلگەن بوۋاقنىڭ قورساق رەسىمى ۋە رېنتېگېن رەسىمىنى تەمىنلىدۇق.

مۇسكۇل بولمىغان قورساق ھەقىقەتەن قۇرۇپ قالغان قارىئۆرۈككە ئوخشايدۇ.

پرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرى كېسىلىنىڭ سەۋەبى

تەتقىقاتچىلار ھازىرچە پرۇن بەللى يىغىندى ئالامەتلىرى كېسىلىنىڭ ئېنىق بىر سەۋەبىنى تاپالمىغان. كۆپىنچە تەتقىقاتچىلار بۇ كېسەللىكنىڭ گېننىڭ بۇزۇلۇشى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتقا باغلاپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن سىرت يېقىن تۇققان توي قىلىش، ھامىلىدار ئانىنىڭ يېشىنىڭ چوڭ بولۇشىمۇ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

 

پرۇن بەللى (قۇرۇق قارىئۆرۈك قورساق) يىغىندى ئالامەتلىرىدە كۆرۈلىدىغان 3 خىل كېسەللىك ئالامىتى

قورساق يوغىناپ كېتىش

بۇ كېسەللىكنىڭ ئەڭ روشەن ئالامەتلىرىنىڭ بىرى قورساق قىسىم كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يوغىناپ كېتىدۇ. بۇ خىل يوغىناش بوۋاق تۇغۇلغاندىلا ناھايىتى روشەن بىلگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى قورساق مۇسكۇلىنىڭ تەرەققىي قىلمىغانلىقىدىن ، قورساق قىسىمدىكى ئىچ ئورگانلارنى تۇتۇپ تۇرىدىغان مۇسكۇلنىڭ يوقلىقى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئۇرۇقدان تۆۋەنگە چۈشمەسلىك 

پرۇن بەللى يىغىندى ئالامىتى كۆرۈلگەن ئەركەك بوۋاقلارنىڭ كۆپ قىسمىدا ، ئۇرۇقدان تۆۋەنگە چۈشمەسلىك كۆرۈلىدۇ. يەنى بوۋاقنىڭ ئۇرۇقدان خالتىسى بوش ھالەتتە بولىدۇ. بۇ بىر ئۇرۇقدان ياكى ئىككىلى ئۇرۇقداننىڭ تۆۋەنگە چۈشمەسلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

سۈيدۈك يولى بىنورمال تەرەققىي قىلىشى 

مەزكۈر كېسەللىك بىلەن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە يەنە ھىدرونېفروز (بۆرەكنىڭ سۇلۇق ئىششىق سەۋەبلىك چوڭىيىشى) ، سۈيدۈكنىڭ دوۋساقتىن بۆرەككە ئېقىش ئالامىتى ۋە سۈيدۈك يولى ۋە دوۋساقنىڭ غەيرىي تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.

 

داۋالاش ئۇسۇللىرى:

ئوپىراتسىيە:

بىمارنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن، قورساق قىسىمدىكى مۇسكۇللارنىڭ كەمتۈكلۈكى سەۋەبلىك قورساق مۇسكۇلى قايتىدىن قۇرۇش ئوپىراتسىيىسى، يوشۇرۇن ئۇرۇقداننى جايىغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئوپىراتسىيە ۋە سۈيدۈك يولى بىنورماللىقى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئوپىراتسىيىلەر ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن.

 

ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە كۈتۈنۈش:

بۇ بىمارلاردا سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرى كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا كۆرۈلگەن ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ خىلىغا ئاساسەن مۇناسىپ بولغان داۋالاشلارنى ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىش لازىم.

پرۇن بەللى يىغىندى ئالامىتى كۆرۈلگەن بىمارنىڭ كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشتىمۇ بەكرەك سۇيۇق شەكىلدىكى يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

 

زىھىن جەھەتتە مەسىلە بولامدۇ؟

پرۇن بەللى يىغىندى ئالامەتلىرى كېسىلى، بىماردا زىھىن ئاجىزلىقى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. ئەمما مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن، بىمار بالىدا مەيلى جىسمانىي جەھەتتىن بولسۇن ۋەياكى ئەقىل تەرەققىياتى جەھەتتىن بولسۇن يىتىلىش جەھەتتە ئاستىلاش كېلىپ چىقىشى مۇمكىن.

 

قانچە ياشقىچە ياشىيالايدۇ؟

پرۇن بەللى يىغىندى ئالامەتلىرى بولغان بىمار بالىلاردا چوقۇم مەلۇم بىر ياشقىچىلا ياشىيالايدۇ دىگەن بىر چەك يوق. بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك بېرەلىگەندە، قەرەللىك تەكشۈرۈش، داۋالاشلار ئېلىپ بېرىلسا، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

 

ئالدىنى ئېلىش:

1. يېقىن تۇققانلار ئارىسىدا توي قىلىشتىن ساقلىنىش.

2. ئەر ياكى ئايال تەرەپتە گېن كېسەللىكلىرى بولسا ھامىلدار قېلىشتىن مۇنتىزىم ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرىدىن مەسلىھەت ئېلىش.

3. ھامىلدارلىق جەريانىدا قەرەللىك ھالدا ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ تەكشۈرۈشلەرنى تولۇق ئېلىپ بېرىش.

4. ئالدىنقى بالىسىدا مۇناسىۋەتلىك گېن كېسەللىكلىرى كۆرۈلگەن بولسا، كېيىنكى قېتىملىق ھامىلدار قېلىشتىن بۇرۇن گېن كېسەللىكلىرى بۆلۈمى دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەك.

5. رادىئاتسىيە مۇھىتتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇش لازىم.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-19

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-19 / 09:13:40

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ