ئەيدىز ۋە تەشۋىقات

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىزنىڭ قانداق يۇقۇملۇق كېسەل ئىكەنلىكى، قانداق يۇقۇپ تارقىلىدىغانلىقى، قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى، ۋىرۇسقا قارشى قانداق داۋالىنىدىغانلىقى، ئۈزۈل-كېسىل ساقايمايدىغان قانداق ئاقىۋەتكە ئىگە ئىكەنلىكى توغرىسىدا، ئەيدىز كېسىلى جەمىيەتتە پەيدا بولۇشقا باشلىغاندىن تارتىپ، ئەيدىز بىلىملىرىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل شەكىلدىكى تەشۋىقاتلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقىلى نەچچە ئون يىل بولدى

ئەيدىزنىڭ خەتەرلىك ھەم ساقايماس كېسەل ئىكەنلىكى كىشىلەرگە مەلۇم بولماي قالمىدى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئەيدىز كېسىلىدىن قاچىدىغان، ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتىدىغان، جەمىيەتتە ئەيدىز كۆپىيىپ كەتتى دەپ قاخشايدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلالمايدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بۇزۇلۇپ كېتىدىغان، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار خىزمەتتىن يەكلىنىدىغان، ئوقۇشتىن قالدۇرىلىدىغان، مەكتەپكە كىرەلمەيدىغان دېگەندەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىۋاتقىنىغىمۇ خېلى بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ، ئەيدىز كىشىلەر قورقىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان كېسەلگە ئايلىنىپ بولدى.

قىسقىسى، ھېچكىم ئەيدىزگە يۇلۇقۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ئەيدىزنىڭ ئىنساننىڭ كۆپىيىش سېستىمىسىغا چاپلاشقان ساقايمايدىغان يۇقۇملۇق مەرەز كېسەل ئىكەنلىكى قورامىغا يەتكەن كىشىلەرگە ئاساسەن مەلۇم بولۇپ بولدى. يەنى، ئەيدىزنىڭ قانداق كېسەل ئىكەنلىكى ھەققىدە جەمىيەتتىكى كىشىلەردە ئاساسى جەھەتتىن ئۇقۇم-تۇنۇش پەيدا بولۇپ بولدى.

لېكىن، شۇنداقتىمۇ ھازىر يەنە ئەيدىزنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بولىدىغانلىقى، قانداق ئېنىقلايدىغانلىقى، نەدە تەكشۈرەيدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن گۇمانلىنىپ ئەنسىرەپ يۈرۈيدىغانلىقى، ئەيدىزنى تەكشۈرگۈچىلەردىن گۇمانلىنىدىغانلىقى، تەكشۈرگۈچى ئورۇنلارنىڭ يۇقۇملانغانلىق مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىۋېتىشىدىن قورقىدىغانلىقى، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق-مەنپەئەتلەرنىڭ قانۇنى جەھەتتىن قانداق قوغدىلىنىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىنكاس-چۈشەنچىلەر مەلۇم بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ.
شۇنداقلا، ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كىيىن، چۆچۈپ نېمە قىلارىنى بىلمەي قالىدىغان، قورقۇپ كېتىدىغان بارىدىغان يېرىنى تاپالمايدىغان، ئۈمىدسىزلىنىپ قەرەللىك تەكشۈرۈش ۋە داۋالىنىشقا مەسئۇل بولمايدىغان، چۈشكۈنلىشىپ ئۆزىنىڭ ۋە يېنىدىكى يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان كىشىلەرنىڭ نېمە بولۇشى بىلەن كارى بولمايدىغان، ھەم جەمىيەت ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى توسمىدى دەپ ئۆزىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قۇيۇپ ئاغرىنىشتىن باشقىنى بىلمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قېلىۋاتقان، يەنە مەنلا يۇقۇملىنامتىم دەپ ئىچى قوتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى يۇشۇرۇپ قەستەنلىك بىلەن باشقىلارنىڭ يۇقۇملىنىشىغا سەۋەپ بولۇپ قېلىۋاتقان ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقاندا، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقاتنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكى بىلىنىپ تۇرىۋاتىدۇ. دېمەك، جەمىيىتىمىزدە ئەيدىزنى ئاڭلىغان بىلەن، قانداق يوللار-ئۇسۇللار بىلەن يۇقىدىغانلىقىنى ھەم يۇقۇملانغاندىن كىيىن قانداق قىلىشنى بىلمەيدىغانلار، يېڭىدىن چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە قېتىلىۋاتقان ياشلار ئارىسىدا يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش تەشۋىقاتىنى مەڭگۇ توختىتىپ قويماسلىقنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
دېمىسىمۇ، ئادەملەر قېرىپ كېتىپ ھاياتلىقتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، يەنە تۇغۇلۇپ چوڭ بولۇپ جەمىيەتكە قېتىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ سەۋەپتىن مەكتەپ ۋە مائارىپ مەڭگۇ توختاپ قالمىغاندەك، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنىمۇ داۋاملىق تارقىتىپ تۇرۇش ئېھتىياجى تۈگۈمەيدۇ. مۇشۇنىڭدىن چىقىپ تۇرىدىكى، جەمىيەت ۋە ئادەملەرگە ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى تارقىتىشنى توختىتىپ قۇيۇشقا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ.

شۇڭا، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى يېزا، مەكتەپ، شەھەر-بازار بويىچە داۋاملىق قايتا-قايتا تەشۋىق قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن چىقىپ كېتەلمەيدىغان ھالەتتە يۇشۇرۇن ئېڭىغا قاچىلىۋېتىش كېرەك. تەشۋىقات دېگەن، كىشىلەر ئاڭلاپ زىرىككىكىدەك بولغاندا، ئاندىن ئۈنۈمىنى كۆرسىتىدىغان بولىدۇ. كىشىلەر ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنى باشقۇرىدىغان، ئاقىۋىتىنى ئويلاپ ئۆزىنى تۇتىۋالالايدىغان، تەشۋىقاتنىڭ مەزمۇنىدىكى قىلمىشلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەنسىرەپ-قورقىدىغان ئەھۋالغا يەتكەندە، ئاندىن تەشۋىقات كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ. تەشۋىقاتنىڭ سانى بىلەن قاتتىق مەزمۇنى تەشۋىقاتنىڭ قىممىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە باشلايدۇ. ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتى كىشىلەر ئەيدىزدىن قورقىدىغان ھالەتكە يەتكەندە، تەشۋىقات ئارقىلىق كىشىلەر ئەيدىز سەۋەپلىك ئۆز-ئۆزىنىڭ خورلىنىشىنى ھەم ئازاپلىنىشىنى ھېس قىلىپ يېتەلىگىدەك بولغاندا، تەشۋىقات ئاندىن تەسىرىنى كۆرشۈتۈشكە باشلايدۇ.

تەشۋىقات قانۇننى قورال قىلغاندا، قانداق قىلالايتىڭ دەپ ئۆزىنى چاغلىمايدىغان كىشىلەر قىلمىشلىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلايدىغان بولىدۇ. ئەيدىز ۋە تەشۋىقاتنىڭ مۇھىم مۇناسىۋىتى بولۇپ، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھەلەر يۇقۇش يوللىرى ۋە ئاقىۋىتىگە تەشۋىقاتنىڭ مەزمۇنى ئارقىلىق ھەرقاچان سەگەك پۇزىتسىيە تۇتالايدىغان بولۇشى كېرەك.

قىسقىسى، ئەيدىز بىلمەسلىك ۋە بىغەملىكتىن تارقىلىۋاتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەيدىزنىڭ قانداق ئېغىر كېسەل ئىكەنلىكىنى، قانداق يۇقۇپ-يۇقتۇرۇلۇپ تارقىلىدىغانلىقىنى، قانداق دەرت-ئەلەملىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىش مەجبۇرىيىتى بولۇپ، بۇ مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالمىغان كىشىلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانماسلىق ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلالماسلىقى مۇمكىن.

ئەيدىزنىڭ مەلۇم يۇرت-رايۇنلاردا تېز ھەم كۆپ تارقىلىشى تەشۋىقاتنىڭ سانى ۋە كۈچىنى تېخىمۇ كۆپەيتىپ-كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداقلا، ئەيدىزنىڭ تېز ھەم كۆپ تارقىلىشىنىڭ شۇ يۇرت كىشىلىرى ئارىسىدا تەشۋىقاتنىڭ تېخى ئومۇملىشىپ بولالمىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇڭا، ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەشۋىقاتىنى لېكسىيە-نۇتۇق، ئېنتېرنىت تورى، رادىيۇ-تىلۋىزور، گېزىت-ژورنال، كىتاب-ماتىرىياللار، مەكتەپ-دەرسلىك، ئائىلە-سورۇندارچىلىق، بالىلار ۋە جەمىيەت تەربىيەسى، ئەدەبىيات-سەنئەت، سەھىيە-ساغلاملىق، سىياسى-قانۇن قاتارلىق ھەر خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىپ ھەم كۈچەيتىپ، ھەر بىر ئادەمنىڭ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئىگەللىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تىزگىنلەش تەسىرى كۆرۈلگەندە تەشۋىقات رول ئوينىغان بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-13

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:18:06

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ