بوۋاقلار ئۆسۈپ يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقان بولغاچقا ، بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار نىسبەتەن ئاجىز بولۇپ، ئاچچىقسۇ، تۇز ، روھلاندۇرغۇچى دورا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشىغا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەن بولىدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارغا چوڭلارنىڭ ئىچىملىكىنى ئىچۈرۈش مۇۋاپىق ئەمەس .
مەسىلەن، قەھۋە، قارا چاي، گازلىق سۇ، كولا قاتارلىقلار. قەھۋە بوۋاقلارنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ، بوۋاقلار بۇنداق ئىچىملىكلەرنى ئىستېمال قىلغاندا مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسالغۇغا ئۇچرايدۇ. قارا چاي تەركىبىدە گەرچە ۋىتامىن ۋە باشقا ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق مىكرو ئېلېمېنتلار بار بولسىمۇ، لېكىن قارا چاي تەركىبىدىكى ئىشقارلار بالىلاردا يۈرەك سېلىش تېزلىشىش، كۆپ سىيىش، ئۇخلىيالماسلىق، قان ئازلىق قاتارلىقلارغا ئوخشاش كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
گازلىق سۇ تەركىبىدە ناترىي ھىدروكاربون بولۇپ، ئۇ بوۋاقلارنىڭ ھەزىم قىلشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئاشقازان – ئۈچەي ياللۇغى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .