بوۋاقنى سۈتتىن ئايرىش
ئۇزۇن مۇددەتكىچە ئانا سۈتىنى ئېمىتىپ قوشۇمچە يىمەكلىك بويۇملىرىنى قوشۇپ بەرمىگەندە، مەيلى سۈپەت ۋە مىقتار جەھەتتىن بولمىسۇن، ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالماي، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشى، قان ئازلىق يۈز بېرىپ كېسەللەرگە قارشى كۈچى ئاجىزلىشىدۇ.
ئادەتتە 7-8 ئايلىقتىن باشلاپ سۈتتىن ئايرىش تەييارلىقىنى قىلىپ، قوشۇمچە يىمەكلىكلەر ئاشۇرىلىدۇ. 10 ئايلىقتىن 1 ياشقىچە سۈتتىن ئايرىلىدۇ. دەسلەپتە ئانا سۈتىنىڭ بىر قېتىملىقىنى ئازايتىپ، 1 قېتىملىق قوشۇمچە يىمەكلىك ئاشۇرىلىدۇ. كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنىڭ قېتىم سانىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ، ئانا سۈتىنىڭ قېتىم سانى ئازايتىلىدۇ.
لېكىن بەدىنى ئاجىز بوۋاق ياكى ياز پەسلىگە دۇچ كەلگەندە كېيىنگە سۈرۈپ، كۈز پەسلىگە كەلگەندە ئىجرا قىلىش لازىم. يېزىلاردا بىر مەزگىل مۇۋاپىق بولغان ئوزۇقلۇق بويۇملارغا ئىگە بولغىلى بولماي، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئانا سۈتىنىڭ ئاجرىلىشى يېتەرلىك بولسا، ئانا سۈتىنى ئېمىتىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئۇزارتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئەڭ كېچىككەندە 2 ياشتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى لازىم.
بوۋاقلارغا قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ بېرىش
بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشقا ئەگىشىپ، ئوزۇقلۇق تەركىبىگە بولغان ئىھتىياجىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىپ بارىدۇ. ئانا سۈتى ياكى كالا سۈتىنىڭ تەركىبىدە تۆمۈر مىقتارى يېتەلرىك بولمىغانلىقتىن يېشى ئاشقانسىرى ئوڭايلا قان ئازلىق يۈز بېرىدۇ، ھەمدە ئىسسىقلىق مىقتارىمۇ يېتىشمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەيلى ئانا سۈتى بېقىلسۇن ياكى سۈنئىي ئۇسۇلدا ئوزۇقلاندۇرۇلسۇن، قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئۆز ۋاقتىدا قوشۇپ ئوزۇقلۇق يېتىشمەلىكنى تولدۇرۇش بىلەن بىللە سۈتتىن ئايرىشقا شارائىت ھازىرلاش لازىم.
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش