ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن باشلاپ ، تەرەققىي قىلغانغا قەدەر 4 دەۋىرگە بۆلىندۇ
1) جىددىي خارەكتىرلىك يۇقۇملىنش دەۋرى . ئادەتتە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى يۇقۇملانغاندىن كېيىن ، 2~6 ھەپتە ئىچىدە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ . ئالامەتلىرى ؛ قىزىش ، كارنەي ئاغرىش ، لىمفالىق ئىششىق ، تېرە قىچىشىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلۈپ ، ئادەتتە 2 ھەپتە ئەتىراپىدا داۋاملىشىپ ، ئۆزلىگىدىن يوقاپ كېتىدۇ . بەزىدە نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش ، باش ئاغرىش ، پۈتۈن بەدىننىڭ بۇغۇملىرى سىقىراپ ئاغرىش ، تۇقۇلمىلار ئاغرىش ، نېرۋا پەردە ياللۇغى ياكى ياللۇغ كىسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئالامەتلىرى كۆرىلدۇ .لىكىن ھەممە ئادەمدە رۈشەن بولغان جىددى خارەكتىرلىك يۇقۇملىنىش دەۋرى بولىۋەرمەيدۇ . ئۇنىڭ كۆرىلۈش نىسپىتى %50~%70 گىچە بولىدۇ .
2) كىسەلسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى . ئۇنىڭ ئالاھىدىلىگى رۈشەن كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرىلمەيدۇ . بۇ ئەيدىز كىسىلىنىڭ يۇشۇرۇن دەۋرى دەپ ئاتىلدۇ . يۇشۇرۇن دەۋرىدە ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم بەدىندە كۆپىيىشكە باشلاپ ئورگانىزىمدا مۇناسىپ قارشى كۈچ پەيدا بولىدۇ . يۇشۇرۇن مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار يۇشۇرۇش خارەكتىرىگە ئىگە بولۇپ ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنى بىرگە ئېلىپ يۈرگەن بولىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەيدىز كىسىلى ۋېروسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە يۇقۇپ كىرىش نىسپىتى %100 گە يەتكەن بولىدۇ .
3) پۈتۈن بەدەنلىك لىمفالىق ئىشىق كىسىلىنىڭ داۋاملىشىش دەۋرى . يۇشۇرۇن مەزگىلنىڭ ئۇزۇرىشىغا ئەگىشىپ ، ۋېروس ئادەم ئورگانىزىمىدا ئۆزلۈكسىز كۆپىيىپ ، ئىمونىت سېستىمىسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلايدۇ . داۋاملىق قىزىش ، داۋاملىق ئىچى سۈرۈش ، سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ھالدا بەدەن ئېغىرلىغى تۆۋەنلەپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ . بولۇپمۇ بەدەننىڭ ئىككىدىن ئارتۇق يىرىدە چوڭ – كىچىكلىگى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا لىمفالىق ئىششىق پەيدا بولغان بولۇپ ئاغرىمايدۇ .ئەيدىز كىسىلىنىڭ ۋېروسى ئادەم ئورگانىزىمىغا كىرگەن بولىدۇ .
4) ئەيدىز كىسىلى دەۋرى . ئورگانىزىمنىڭ ئىمونىت سېستىمىسى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرايدۇ . ئادەتتە ئۇنىڭ ئىپادىلىرى كۆپ خىل بولۇپ ، ئۇنى 5 خىل تىپقا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ .
A تىپلىق ؛ پۈتۈن بەدەن ئاغرىش . مەسىلەن ؛ نۇرىمالسىز قىزىتما ۋاقتى 1 ئايدىن يۇقرى بولۇش ، داۋاملىق لىمفا ئىشىقىنىڭ چوڭلىغى 1 مىللىمىتىر ئەتىراپىدا بولۇش . ئاستا خارەكتىرلىك ئىچى سۈرۈش 2 ئاي ئەتىراپىدا بولۇش ، 3 ئاي ئىچىدە بەدەن ئېغىرلىغى %10 دىن يۇقرى كاملاپ كېتىش ، كۆپ تەرلەش ، دەسلىپىدە كېچىسى كۆرۈلۈش ، كېيىن كۈندىزىگە ئۆزگىرىش ، قاغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلدۇ .
B تىپلىق ؛نېرۋا سېستىمىسى ئاغرىش .مەسىلەن ؛ ھارغىنلىق ھىس قىلىش ، ھالسىزلىنىش ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ، تەكرار باش ئاغرىش ، تىرىنىڭ سىزىمچانلىغى تۆۋەنلەش ، روھسىزلىنىش ، ئىنكاسى ئاستا بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلدۇ .
C تىپلىق ؛ يۇقۇملانغۇچىدا ئۆپكە ياللۇغى ، تىبىركىلىيۇز ، ئۈچەي ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىك كۆرىلدۇ .
D تىپلىق ؛ << ئۆسمۈلۈك ئىشىق >> ئاساسلىغى داۋاملىق كۆرۈلدىغان ئۆسمۈلۈك ئىشىق .
E تىپلىق ؛ ئاساسلىغى ئاستا خارەكتىرلىك پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق لىمفالىق ئۆپكە ياللۇغىنى كۆرسىتىدۇ . بۇنى داۋاملىق دەلىللەپ ئىسپاتلاشقا توغرا كېلىدۇ .
كۈزۈتىشكە قارىغاندا ، ئەيدىز كىسىلى ۋېروسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن 5 يىل ئىچىدە %10 دىن % 30 گىچە بولغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئايلىنىپ كەتكەن 13 يىل ئىچىدە تەخمىنەن % 60 يۇقۇملانغۇچىنىڭ يۇقۇمى تەرەققى قىلىپ ، ئەيدىز كىسىلىگە ئۆزگىردىكەن . ھەمدە بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئەيدىز بولغۇچىغا ئايلىنىپ كەتمىسىمۇ بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ سانى ناھايتى ئاز .