ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابوۋاقلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرىدە قوشۇپ بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى

بوۋاقلارنىڭ ھەر قايسى دەۋرىدە قوشۇپ بېرىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت
  • تۇغۇلۇپ 2-3 ئايدا بېلىق يېغى سۇيۇقلۇقى، يېڭى مىۋە سۈيى، ئاپلىسىن سۈيى، شوخلا سۈيى، ئۈزۈم سۈيى قاتارلىقلارنى تەدرىجىي قوشۇپ بېرىش لازىم. ۋىتامىن A, C, D غا بولغان ئىھتىياجى تولدۇرىلىدۇ.
  • يېتىلگەن بوۋاقنىڭ جىگىرىدە بەلگىلىك مىقتاردا تۆمۈر ساقلانغان بولىدۇ. تۇغۇلۇپ 5-6 ئايلىقىدا ساقلانغان تۆمۈر تەدرىجى سەرپ بولۇپ ئاخىرلىشىدۇ. شۇڭا تۇغۇلۇپ 4 ئايلىقتىن باشلاپ تەركىبىدە تۆمۈر تۇتقان يىمەكلىكلەردىن ، مەسىلەن : تۇخۇم سېرىقى قاتارلىقلارنى قوشۇپ بېرىش لازىم.

  • تۇغۇلۇپ 5 ئايلىقتىن باشلاپ سەي قىيمىسى، سۇيۇق ئۇماچ تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر قوشۇپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن: بەسەي، پالەك، سەۋزە، بەيشۇ قاتارلىقلارنى قاينىتىپ، يېرىك، چوڭ تالالارنى ئېلىۋېتىپ سەي قىيمىسى قىلىنىدۇ. تېرىق ، گۈرۈچ قاتارلىقلار قاينىتىپ بوتقا قىلىپ بېرىلىدۇ.
  • بوۋاقلارغا 6-8 ئايلىقتىن باشلاپ مىۋە قىيمىسى بېرىلىدۇ. مەسىلەن: ئالما ۋە قاينىتىلغان مىۋە، چىشىنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرلىتىش ئۈچۈن نان پارچىسى، پىچىنە قاتارلىق يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ.
  • 10 ئايلىقتىن باشلاپ يۇمشاق تاماق ، سەي قىيمىسى، گۆش قىيمىسى ۋە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى تۈرىدىكى يېمەكلىكلەر بېرىلىدۇ. قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى قوشۇشتا رىئايە قىلىنىدىغان پىرىنسىپلار: سان مىقتار جەھەتتە، ئاز مىقتاردىن باشلاپ تەدرىجىي كۆپەيتىش لازىم. سۈپەت جەھەتتىمۇ سۇيۇقتىن تەدرىجىي قۇيۇققا ئۆزگەرتىش لازىم. ئۆزگەرتىش جەريانىدا بوۋاقنىڭ كۆنۈكۈش ئەھۋالىنى كۈزىتىش لازىم. مەسىلەن : ئىچى سۈرۈش، قۇسۇش قاتارلىقلار بارمۇ – يوق، كۆنۈككەندىن كېيىن يەنە تەدرىجىي ئاشۇرىلىدۇ. قوشۇمچە يىمەكلىكلەرنىڭ خىللىرىمۇ بىر خىلدىن باشلاپ، خىلىنى تەدرىجىي ئاشۇرۇپ ھەزىم قىلىشنىڭ بۇزۇلۇشى پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
  • قوشۇمچە يېمەكلىكەرنى قوشقاندا تۇرۇپ قالغان يېمەكلىكلەرنى يىمەسلىك. بولۇپمۇ ياز پەسلىدە يىمەكلىكلەر ئوڭايلا بۇزۇلىدۇ. يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئومۇمەن ئېيتقاندا تەدرىجىي ئىجرا قىلىشى بەك ئالدىراپ كەتمەسلىك، بەك ئىھتىياتچان بولۇپ كېتىپ، قوشۇمچە يېمەكلىكنى قوشۇشقا جۈرئەت قىلماستىن، ئوزۇقلىنىشنىڭ ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشتىن ساقلىنىش لازىم.
  • گۆدەك بالىلارنىڭ تامىقى: 1 ياشتىن ئاشقان بالىلار، ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقتىن ئوزۇقلۇق تەركىبىگە بولغان تەلىپىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى زىيادە كۆپ بېرىۋەتمەسلىك لازىم. ئادەتتە ھەر كۈنلۈك ئومۇمىي مىقتارىنى 500 مىللىلېتىر دىن تۆۋەن چەكلەش لازىم. مىقتارى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، باشقا يىمەكلىكلەرنىڭ ئىستىمال قىلىشقا تەسىرى يېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىغا سۈت چشى چىقىدۇ. يېمەكلىكنىڭ خىلىمۇ تەدرىجىي كۆپىيىدۇ. پىچىنە، نان پارچىسى، بولكا بېرىشكە بولىدۇ. سەي كۆكتاتلاردىن بەسەي، پالەك، چىچەك سەي قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى يىيىشكە بولىدۇ. بەرەڭگە،بەيشۇ قاتارلىقلار. پۇرچاق ، تۇخۇم، بېلىق ۋە مىۋە قاتارلىقلارنى يىگۈزسە بولىدۇ. مەسىلەن: ئەتتىگەنلىك تاماقتا پىچىنە، نان پارچىسىغا كالا سۈتىنى قوشۇپ بېرىش، چۈشتە گۈرۈچنى يۇمشاق پىشۇرۇپ سەي ، گۆش قىيمىسى قوشۇپ بېرىلىدۇ. چۈشتىن كېيىن بولكا، كالا سۈتى، كەچتە بۇلماق تۇخۇم بېرىلىدۇ.
  • گۆدەك بالىلارنىڭ تامىقىنىڭ خىلىنى ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش. 1كۈندە 4 ياكى 5 ۋاق بولۇشى، يىمەكلىكى تەملىك بولۇشى لازىم، ھەمدە مۇۋاپىق مىقتاردا تۇز بېرىلسە ئىشتىيى ياخشىلىنىدۇ. بالىنىڭ بۇ مەزگىلدىكى ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىشى يەنىلا جۇشقۇن بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن يىمەكلىكلەر بىلەن تەمىنلەنگەندە ئاقسىل ۋە باشقا، مەسىلەن: ماي ، قەنت تۈرى ۋىتامىن، تۇز قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كەم بولماسلىقى لازىم. شۇنىڭ ئۈچۈن يىمەكلىكنىڭ خىلى كۆپ خىل ھەر ياڭزا بولۇشى، ھەرگىزمۇ تاماق تاللايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرمەسلىك كېرەك.
  • بالىنى مەلۇم خىلدىكى يىمەكلىكنى يىيىشكە زىيادە قىستاۋەرمەلىك ، ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، ھەرخىل تاماقلارنى يىگۈزۈش لازىم. تاماق يىگۈزگەندە بالىنى يىغلاتماسلىق، روھىي خاپىلىقلارنىڭ بولماسلىقى، تاماقلىنىشقا تەسىر قىلىپ كۈتۈلمىگەن ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىش لازىم. يېشى چوڭايغاندا ئۆزىنى قوشۇق، چوكا ئىشلىتىشنى مەشىق قىلدۇرۇش لازىم.
  • يېشى سەل چوڭايغاندىن كېيىن چىشى مۇستەھكەملىنىپ چايناش قابىلىيىتى كۈچىيىدۇ. بۇ چاغدا يېمەكلىكلىرى زىيادە ئۇششاق ۋە يۇمشاق بولۇپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. گۆدەك بالىلارنى تاماقلاندۇرغاندا كۆڭۈل قويۇپ ئىنچىكىلىك بىلەن ئاۋارىچىلىقتىن قورقماي ئوشۇقچە ئىش دىمەستىن تاماقلاندۇرۇش لازىم.

ھەرقايسى جايلىرىنىڭ كېلىماتى ئوخشاش بولمايدۇ، تۇرمۇش ئادەتلىرىمۇ ئانچە ئوخشاش بولمايدۇ. ئۆز ئورۇنلىرىدا تەييارلاپ ئۆز ئورنىنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مۇۋاپىق ئوزۇقلاندۇرۇش لازىم.

 

بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-02 / 11:08:00

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ