بوۋاقنىڭ قېشىدا تاماكا چەكمەڭ

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بۇۋاقلارنىڭ يىغلاش سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ ، مەسىلەن ، بۇۋاق ئادەتتە ئىسسىق ، سوغۇققا يولۇققاندا ، بىرەر يېرى ئاغرىسا ، قۇرىسقى ئاچقاندا ، زاكىسى ھۆل بولغاندا يىغلايدۇ ۋە باشقىلار يېقىندا گېرمانىيىلىك بىر نەپەر تىببىي دوكتۇر بالىلارنىڭ يىغلىشىنىڭ س

ئۇ تۇغۇلغىنىغا ئۈچ ئاي بولغان 253 نەپەر بوۋاق ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ برىپ ، ئۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ ئانىسىنى ئېمىپ بولغاندىن كېيىن يىغلايدىغانلىقىنى بايقىغان . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئاتا – ئانىسىنىڭ ھەر ئىككىسى ياكى بىرسى تاماكا چېكىدىغانلار 70 پىرسەنتىنى ، دادىسى كۈنىگە 10 تالدىن تۆۋەن تاماكا چەككەندە بوۋىقى يىغلايدىغانلار 45 پىرسەنىتنى ؛ ئەگەر بىر ئائىلىدە ھەركۈنى 20 تالدىن ئارتۇق تاماكا چېكىلسە ، ئۇ ھالدا 91 پىرسەنىت بوۋاقنىڭ يىغلايدىغانلىقى بايقالغان . ئەلۋەتتە ئانا بولغۇچى تاماكا چەكسە ، ئوخشاشلا ئۇنىڭ بۇۋىقىمۇ بالا – قازاغا ئۇچرايدۇ .

نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار تاماكا چەكسە بوۋاقلار يىغلايدۇ ؟

___ چۈنكى بۇۋاقلارنىڭ نېرۋا سېستىمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى دېگەندەك ساغلام بولمايدۇ ، توقۇلما ئەزالىرى يۇمران بولىدۇ ، شۇڭا تاماكا ئىسى ياكى تاماكا قالدۇقىنىڭ پۇرىقى بوۋاقنىڭ تېنىگە شۈمىرىلگەندىن كېيىن ، پۇراش سېزىمى ۋە تەم سەزگۈسى ئارقىلىق ئۇنىڭ ئاداشقان نېرۋىسىغا تەسىر قىلىدۇ . ئاداشقان نېرۋا ئاشقازان ، ئۈچەي ھەركىتىنى بىۋاستە باشقۇرىدۇ . بوۋاقنىڭ ئاداشقان نېرۋىسى غىدىقلانغاندا رېفلىكىسلىق ھالدا ئۇنىڭ ئاشقازان ، ئۈچىيى لۆمۈلدەيدۇ ياكى قالايمىقانلىشىدۇ ، ئېغىر بولغانلاردا تارتىشىش تۈپەيلىدىن قورساق ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بوۋاق يىغلاۋاتقاندا ئۇنىڭ قورىسقىدىكى ئۆزگۈرۈشنى ، يەنى ، قولاقنى قورساققا ياققاندا ئاڭلىنىدىغان ” دۈپ – دۈپ – دۈپ ” قىلغان ئاۋازنى قورساق دىۋارىدىكى جىددىيلىكنى ، تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ ، تۇرۇپ پەسىيۋاتقان ھالەتنى كۆزەتكىلى بولىدۇ .

ئەگەر بوۋاق بىر دەم يىغلاپ ، بىر دەم توختىسا ھەمدە يىغلاش ئارلىقىدا يۇقىرىقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسە ، بۇ ، ئۇنىڭ قورىسقىنىڭ ئاغرىشى تۈپەيلىدىن يىغلىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ . قىسقىسى ، ئاتا – ئانىلار بوۋاق بار ئۆيدە تاماكا چەكسە يۇقىرىقىدەك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا قالماي ، بەلكى بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ . كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ، ياش ئاتا – ئانىلار تاماكا چەكمەسلىكى ، تاماكا چېكىشكە ئادەتلىنىپ قالغانلار تاماكىنى ئاڭلىق يوسۇندا تاشلىشى لازىم .

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:16:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ