ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربوۋاق بالىلار ساغلاملىقى0.ئايدىن باشلاپ 60.ئايغىچە بولغان بوۋاق بالىلاردىكى نورمال ئۆزگىرىشلەر

0.ئايدىن باشلاپ 60.ئايغىچە بولغان بوۋاق بالىلاردىكى نورمال ئۆزگىرىشلەر

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەسكەرتىش: يېڭى تۇغۇلغاندىن تارتىپ 4 ياشقا كىرگىچە ھەرقايسى مۇھىم ئايلار، ياشلاردىكى بوۋاق بالىلاردا بولىدىغان بەزى ئالامەت، ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشلىرىنى يىغىنچاقلاپ دوختۇرلار بېكىتىمىزدىكى دوختۇرلار بىلەن بىرلىكتە رەتلەپ چىقتۇق. بۇ ئۆزگىرىشلەر ساغلام بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسىدە بولىدۇ. ئەگەر مەزكۈر ئايدا تىلغا ئېلىنغان ئالامەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ بىرقانچىسى بوۋاقتا، بالىدا كۆرۈلمىسە، ۋاقتىدا بالىلار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

يېڭى تۇغۇلغان ساغلام بوۋاقلارنىڭ بەدەن سانلىق ئۇچۇرلىرى

باش ئايلانمىسى: 32 – 37 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 46.3 – 53.4 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 2500 – 4400 گىرام

ھەرىكەتچان بولىدۇ، پۇت قوللىرى نورمال راھەت ھالەتتە بولىدۇ. ئاڭلاش سېزىمى ساغلام بولىدۇ. ئەتراپتىكى جىسىملەرنى كۆرەلمەيدۇ. ئەتراپتا نۇر بولسا، نۇر مەنبەسىگە تىكىلىپ قارايدۇ. سۈت ئېمىش ھەرىكىتى بولىدۇ، جىسىملارنى قولىغا تەككۈزگەندە ئىختىيارسىز تۇتۇش ھەرىكەتلىرى بولىدۇ. ئەتراپتىكى ئىنسانلارغا سوتسىيال ئىنكاسلارنى قايتۇرمايدۇ، ئەمما ئادەملەرنىڭ يۈزىگە كۆزىنى، دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرىدۇ.

 

1 ئايلىق بوۋاقلار

باش ئايلانمىسى: 35 – 39.5 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 51 – 58.5 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 3400 – 5700 گىرام

دۈمچىلەپ ياتقاندا بېشىنى قىسقا ۋاقىت كۆتۈرەلەيدۇ، ئەمما ئولتۇرغۇزغاندا بېشىنى كۆتۈرەلمەي چۈشۈپ كېتىدۇ. قوللىرىنى مۇشتۇم شەكىلدە تۈگۈۋېلىشقا ئامراق بولىدۇ. كۆزلىرى مىدىرلاۋاتقان جىسىملارغا قارىيالايدۇ، ئادەملەرنىڭ ھەرىكەتلىرىگە بولۇپمۇ يېنىدا مېڭىشىگە دىققەت قىلىدۇ. ئاستا ئاستا ئاۋاز چىقىرىشقا باشلايدۇ.

 

2 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 37 – 41.3 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 54.7 – 62.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 4400 – 7000 گىرام

دۈمچىلەپ ياتقاندا، بېشىنى كۆتۈرەلەيدۇ. بېشىنى تىك تۇتۇشقا ئامراق بولىدۇ. مىدىرلاۋاتقان جىسىملەرنى 180 گىرادۇس بېشىنى ئوڭ سولغا بۇراش ئارقىلىق قارىيالايدۇ. جىسىملەرنىڭ كۆرۈش دائىرىسىدە يوق بولغان نۇقتىغا تىكىلىپ قارايدۇ. ( مەسىلەن بىر كىشى ئىشىكتىن چىقىپ كەتكەندە ئىشىككە تىكىلىپ قارايدۇ. ) ئاپىسىنى تونۇشقا باشلايدۇ. كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق مەمنۇن بولغىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئۆزىگە خاس بولغان ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. ئەتراپدا ئاڭلىغان ئاۋازلارنى دوراشقا تىرىشىدۇ.

 

3 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 38.3 – 42.7 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 57.6 – 65.3 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 5100 – 7900 گىرام

دۈمچىلەپ ياتقاندا كۆكرىكىنى كۆتۈرەلەيدۇ. ياردەم ئارقىلىق ئوتتۇرالايدۇ. ئولتۇرغاندا بېشى بىر مەزگىل چۈشۈپ كەتمەي تۇتۇپ ئولتۇرالايدۇ، ئاندىن بېشى ئاستا ئاستا ئېغىشقا باشلايدۇ. ئەتراپتىكى ئەشيالارغا جىسىملارغا يېقىنلىشىشقا ئۇرۇنىدۇ. ئويۇنچۇقلارنى قولىدا قىسقا ۋاقىت تۇتۇپ تۇرالايدۇ. دۈمچىلەپ ياتقاندا، قوللىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قولىنىڭ ھەرىكىنى كۆرۈپ باقىدۇ.
ئەتراپتىكى جىسىملەرنى، ئەشيالارنى كۆرگەن ھامان دېققىتىنى شۇنىڭغا مەركەزلەشتۈرەلەيدۇ. مۇزىكا چىققاندا خوش بولىدۇ. ھەرخىل ئاۋاز چىقىرىپ، ئۆزىنىڭ ئاۋازىدىن ئاڭلاشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. قوللىرىدىكى ئىختىيارسىز تۇتۇش ھەرىكەتلىرى ئازلايدۇ. ئۆز خائىش ئارقىلىق تۇتۇش ھەرىكەتلىرى كۆپىيىشكە باشلايدۇ.

 

4 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 39.4 – 43.9 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 60.0 – 67.8 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6100 – 9200 گىرام

بوۋاقلارنىڭ كۆرۈش دائىرىسى روشەنلىشىدۇ. ئەتراپتىكى جىسىملەرنى ئېنىق كۆرۈشكە باشلايدۇ. نۇرلۇق چىراق مەنبەلىرىگە قاراشقا ئامراق كېلىدۇ. ئاۋاز كەلگەن مەنبەگە بېشىنى بۇراپ دېقىتتىنى مەركەزلەشتۈرۈشكە باشلايدۇ.
ئەتراپتىكى تەكرار تەكرار چىقىۋاتقان ئاۋازلارغا كۆنۈشكە باشلايدۇ. شۇ ئاۋازلارغا ئەگىشىپ ئاۋاز چىقىرىپ باقىدۇ. بولۇپمۇ كۈلۈشكە ئامراق بولىدۇ. ئەتراپتىكى كىشلەر بولۇپمۇ ئاپىسى، دادىسى بىلەن بىللە بولۇشقا ھېرىسمەن بولىدۇ. ئەتراپقا ئويۇنچۇق قويسا شۇلارنى ئېلىشقا تىرىشىدۇ. قولىدا نىمە بولسا ئاغزىغا سېلىشقا تىرىشىپ بىر مەزگىلگە كەلدى.

 

5 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 40.3 – 44.8 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 62 – 70 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6100 – 9200 گىرام

ئوخشىمىغان بىرقانچە ئاساسىي ئوچۇق رەڭلەرنى پەرق قىلالايدىغان بولىدۇ، ئۆز ياخشى كۆرگەن رەڭنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ. چوڭ نەرسىلەردىن ئاستا ئاستا كىچىك ھەجىمدىكى نەرسىلەرگە دىققەت قىلىشقا باشلايدۇ. يەرگە ئۇرۇلغان چوڭراق توپنىڭ ھەرىكەت يولىغا كۆزى بىلەن ئەگىشەلەيدۇ. ئاۋاز كەلگەن نوقتىغا ئىتتىك دېققىتىنى مەركەزلەشتۈرلەيدۇ. ئەتراپدىكى ئادەمنىڭ ئاۋازىنىڭ ھىسسىياتىنى ھىس قىلالايدۇ شۇڭا ئاچچىقلاپ گەپ قېلىشتىن ساقلىنىڭ. زىھنى تەرەققىي قىلىدۇ. يىغلىغاندا يېنىغا كېلىدىغانلىقىڭىزنى بىلىدۇ. ئا ۋە ئو غا ئوخشاش ئاۋازلارنى قايتا قايتا چىقىرالايدىغان بولىدۇ. كۈلۈش ۋە يىغلاش ئارقىلىق ھىسسىياتىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان بولىدۇ.

 

6 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 41 – 45.6 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 63.6 – 71.6 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6400 – 9700 گىرام

ئولتۇرغاندا بېشىنى راھەت تۇتۇپ تۇرالايدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتكۈزۈشكە تەمشەلگەندە، بوۋاق پۇتى بىلەن يەرنى دەسسەپ باقىدۇ. جىسىملارنى تۇتۇپ ئاغزىغا ئەكىلىشكە تىرىشىدۇ.
تۈگمىدەك كىچىك نەرسىلەرنى كۆرەلەيدۇ، تۇتۇشقا تىرىشىدۇ ئەمما تۇتالمايدۇ. تاق ھەجەلىك ئاۋازلارنى چىقىرىشقا باشلايدۇ. يۇقىرى ئاۋازدا كۈلىدۇ.
ئەتراپىدا دادىسى ئاپىسى بولماي قالسا، ياكى گەپ قىلىپ بەرمىسە ئوينىتىپ بەرمىسە ئىچى سىقىلىشقا باشلايدۇ. ئاپىسىنى ۋە تاماقنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ.

 

7 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 41.7 – 46.3 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 65 – 73.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 6700 – 10200 گىرام

ئۆز ئالدىغا ئۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. ئۆمىلەشكە باشلايدۇ. ياردەم قىلمىسىمۇ ئولتۇرالايدىغان بولۇشقا باشلايدۇ. بوۋاقنى كۆتۈرۈپ يەرگە دەسسەتكۈزۈشكە تەمشەلگەندە، بوۋاق يەرنى دەسسىگەن ھامان سەكرەش ھەرىكىنى قىلىدۇ. كۆپ ھەجەلىق ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ. چوڭراق يېنىك جىسىملەرنى قولىغا ئېلىپ، بىر قولىدىن يەنە بىر قولىغا ئالماشتۇرالايدۇ. ياخشى ئۆگەتسە ئىستاكاندىن سۇ ئىچەلەيدىغان بولىدۇ. ئەينەككە قاراپ خوش بولىدۇ. تەلەپ قىلغىنىنى قىلمىسا يىغلايدۇ. تونۇش بولمىغان چىرايلارنى كۆرسە ياتسىرايدۇ، قورقۇپ يىغلايدۇ.

 

8 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 42.2 – 47 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 66.5 – 76.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7000 – 10500 گىرام

بوي، باش ئايلانمىسى، بەدەن ئېغىرلىقى ئۆزگىرىشى بۇرۇنغا قارىغاندا بىراز ئاستىلايدۇ. بوۋاقنىڭ يېڭى تۇغۇلغاندىكى ئىختىيارسىز ھەرىكەتلىرى يوقاپ، ئۇنىڭ يېرىغا ئۆز ئىختىيار ھەرىكەتلىرى كۆپىيىدۇ. ئويۇنچۇق، سۈت پوتۇلكىسىنى قولى بىلەن كۆرسىتىپ تەلىپىنى ئىپادىلىيەلەيدۇ. ئالدىدىكى ئويۇنچۇقنى تىقىۋالغاندا ئىزدەپ باقىدۇ. ناتونۇشلارنى كۆرگەندە ئېنىق پەرق قىلىپ قورقۇپ يىغلىيالايدۇ. بارماقچى بولغان تەرەپكە ئۆمىلەپ بارالايدىغان بولىدۇ. قولىدىكى ئويۇنچۇقنى ئۆز خائىشى بىلەن يەرگە قويالايدۇ.

 

9 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 42.6 – 47.4 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 67.7 – 76.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7200 – 10900 گىرام

بىر نۇقتىغا، نىشانغا مەقسەتلىك ئۆمىلەپ بارالايدۇ. ئاۋاز كەلگەن تەرەپكە ئاسانلا ئۆرۈلەلەيدۇ. تېخىمۇ ئۇزاقتىكى ئاۋاز ۋە چوڭراق جىسىمنى تونۇيالايدۇ. باشقىلارنىڭ ياردىمىسىز ئويۇنچۇقلىرىغا بېرىپ تۇتۇپ ئوينىيالايدۇ. خوشاللىق، قورقۇش، بىئارام بولۇشلارنى چىراي ئىپادىسى يەنى كۈلۈش، يىغلاش، ۋاقىراش، يۈزىنى پۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ. بەزى بوۋاقلار بىر نەرسىنى تۇتۇپ تۇرۇپ بېقىشقا تىرىشىدۇ. توپنى ئۇنىڭغا ئاتسىڭىز، ئۇ تۇتۇپ سىزگە قارشى ئاتالايدۇ.

 

10 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 43 – 47.8 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 69 – 77.6 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7500 – 11200 گىرام

ياتقان ھالەتتىن ئولتۇرالايدىغان بولىدۇ. تۇتۇپ تۇرۇپ ياكى يەرنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ ئورنىدىن تۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئۆمىلەشكە خېلىلا پىشىپ قالىدۇ. ئاددىي ئويۇنلارنى چۈشىنىپ تۇرۇپ ئويناشقا باشلايدۇ.

جىسىملارنى باش بارماق ۋە ئىشارەت بارماق بىلەن كۆرسىتەلەيدۇ. كىچىك جىسىملەرنى (مەسىلەن تۈگمە) تۇتالايدۇ. ئەمزىكلىك سۈت پوتۇلكىسىنى تۇتۇپ سۈت ئىچەلەيدۇ.

ئىسمىنى چاقارغاندا ئىنكاس قايتۇرالايدۇ. رىتىملىق تەكرارلانغان ئاۋازلارنى (دادا، ماما، ئائا، ۋاۋا..) چىقىرالايدۇ

 

11 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 43.4 – 48.2 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 70.2 – 78.9 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7400 – 11500 گىرام

ئورۇندۇقنى ياكى باشقا قاتتىق جىسىمنى تۇتۇپ قوپالايدۇ. تاماق يىيىشنى، ئۇخلاشنى خالىمىغانلىقىنى تولۇق ئىپادە قىلالايدۇ. ئاڭلاش ۋە چۈشىنىش قابىلىيىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەمما سۆزلەشكە يەنە بىراز بالدۇر. قولىنى كىچىك تۆشۈكلەرگە كىرگۈزەلەيدۇ، قەغەز يىرتىيالايدۇ، سۇلارغا ئۇرۇپ ئوينىيالايدۇ. كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلى ياخشى تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. ئەتراپنى خېلىلا ئېنىق كۆرۈپ ئۆمىلەپ ماڭغاندا بىرەر نەرسە ئالدىغا كەلگەندە ئايلىنالايدۇ، يىراقتىكى توپ، سۈت پوتۇلكا، مىۋىلەرنى كۆرگەندە ئۆمىلەپ قېشىغا بېرىپ قولىغا ئالالايدۇ.

 

12 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 43.6 – 48.5 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 71.3 – 80.2 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 7800 – 11800 گىرام

بىر قولىنى تۇتۇپ تۇرسا، ئاستا ئاستا ماڭالايدۇ. ياردەم يوق ئەھۋال ئاستىدا، ئۆز ئالدىغا قىسقا ۋاقىت تىك تۇرالايدۇ، بىرقانچە قەدەم ماڭالايدۇ. 2-4 سۆزلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ دىيەلەيدۇ (ئاپا، دادا..). يالغۇز توپ ئوينىيالايدۇ.

ئاددىي بۇيرۇقلارنى قىلالايدىغان بولىدۇ. كىيىم كىيدۈرگەندە بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ بېرەلەيدۇ. قولىدىكى جىسىمنى باشقىلارغا بېرەلەيدۇ. رەسىملىك كىتاپلارنى كۆرگەندە خوش بولىدۇ.

ئاددىي دوراش ئۇسلۇپتىكى ئويۇنلارنى ئوينىيالايدۇ ( قوشۇق بىلەن تاماق يىگەننى دوراش..)

 

15 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 46.8 – 49.3 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 70 – 84 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 8000 – 13500 گىرام

ياردەمسىز ماڭالايدىغان بولىدۇ. پەلەمپەي، پەشتاقلاردىن ئۆمىلەپ چىقالايدۇ. ئاددىي بۇيرۇقلارنى قىلالايدۇ. قەلەم بىلەن سىزىق سىزالايدۇ. ئىككى ئاستى تۈز ئويۇنچۇقنى ئۈستى ئۈستىگە تىزىپ قويالايدۇ. تۈگمىنى ئاستا ئاستا پوتۇلكا ئاغزىغا سالالايدۇ. 4-6 سۆزلەرنى چۈشۈنۈپ تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدۇ. بەزى ئىسمىنى بىلگەن جىسىملەرنى چاقىرالايدۇ. ئىشتىنىغا، زاكىغا كىچىك تەرەت قىلىپ قويغاندا ئاپىسىغا كۆرسىتەلەيدۇ.

 

18 ئايلىق بوۋاقلار:

باش ئايلانمىسى: 46.8 – 51.2 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 71 – 88 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 8300 – 13800 گىرام

خېلى ئىتتىك ماڭالايدىغان ھەتتا يۈگۈرۈيەلەيدىغان بولىدۇ. پەسراق ئورۇندۇقلارغا ئولتۇرالايدۇ. ئېگىز ئورۇندۇقلارغا ئېسىلىپ باقىدۇ. قولىنى تۇتۇپ تۇرسا، پەلەمپەيدىن ئاستا ئاستا چىقالايدۇ. 3-4 ئاستى تۈز ئويۇنچۇقنى ئۈستى ئۈستىگە تىزىپ قويالايدۇ.
10دەك سۆزلەرنى چۈشىنىپ تۇرۇپ سۆزلىيەلەيدۇ. رەسىملەرنى تونۇيالايدۇ ۋە ئىسىمىنى دەپ بەرسە ئەگىشىپ دىيەلەيدىغان بولىدۇ. تاماقنى ئۆزى يىيەلەيدۇ. قىزغىنىش ئىپادىلىرى بولۇشقا باشلايدۇ. ئىشتىنى، زاكىسى ھۆل بولغاندا نارازىلىق ئىپادىلىيەلەيدۇ. يېقىن تۇققانلارنى سۆيۈپ قويالايدۇ. قىينالغاندا ئاپىسى دادىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدىغان بولىدۇ. بەدەن سىرتقى ئەزالىرىنى كۆرسىتەلەيدۇ. ئوينىغان ئويۇنلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ، ھەرىكەتلىرى، مەزمونلىرى تېخىمۇ مۇرەككەپراق بولۇشقا باشلايدۇ ( مەسىلەن: ئويۇنچۇق بوۋاققا سۈت ئەمدۈرۈش ).

 

24 ئايلىق بوۋاق:

باش ئايلانمىسى: 46.8 – 52.1 سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: 76.5 – 93 سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: 9200 – 15700 گىرام

راھەت يۈگۈرەلەيدۇ. پەلەمپەيگە راھەت چىقالايدۇ. توپنى قاتتىق تىپەلەيدۇ. ئىشىكنى ئاچالايدۇ. كىرىسلوغا يامىشىپ چىقالايدۇ. 6-7 ئۈستى تۈز ئويۇنچۇقنى ئۈستى ئۈستىگە تىزىپ قويالايدۇ. قەغەزنى ئىككى قىلىپ قاتلىيالايدۇ. بور ياكى رەڭلىك قەلەملەر بىلەن ئەتراپىغا سىزىق سىزالايدۇ. قوشۇق، ئارىلارنى راھەت تۇتالايدۇ. 2-3 سۆزلۈك جۈملە تۈزەلەيدۇ. كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت قىستىغاندا چوڭلارغا دىيەلەيدۇ.

 

30 ئايلىق بالا:

باش ئايلانمىسى: سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: گىرام

ئېتىلالايدۇ. ئىككى پۇت بارماقلىرى بىلەن تىك تۇرالايدۇ. ئۆز ئىسمىنى ئېنىق بىلىدۇ. ئۆي ئىشلىرىگە ياردەملىشىپ بەرگەنلىكىدىن خوش بولىدۇ. ئاساسلىق رەڭلەرنى ئىسمى بىلەن ئايرىم ئايرىم تونۇيالايدىغان بولىدۇ. جىنسىي ئەزالىرىنى تونۇپ ۋە ئۇنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئاستا ئاستا بىلىشكە باشلايدۇ. ئۆز ئالدىغا ھاجەتخانىغا بارالايدىغان بولىدۇ.

 

36 ئايلىق بالا:

باش ئايلانمىسى: سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: گىرام

قىسقا ۋاقىتلىق تاق پۇت بىلەن تىك تۇرالايدۇ. ئىگىز بولمىغان پەلەملەيلەرنى ئىككى پۇتى بىلەن چىقالايدىغان بولىدۇ. ئۈچ چاقلىق ۋىلىسپىت مىنەلەيدىغان بولىدۇ. 10غا قەدەر سانىيالايدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ يېشى، جىنسىنى بىلەلەيدۇ. تېخىمۇ كۆپ رەڭلەرنى تونۇيالايدىغان بولىدۇ. قوللىرىنى ئۆزى يۇيالايدىغان بولىدۇ. قەلەمنى تېخىمۇ چىرايلىق تۇتالايدۇ. يۇمۇلاق، كۆتەكچە قاتارلىق دائىرسىمان شەكىللەرنى ئاددى سىزالايدىغان بولىدۇ.

48 ئايلىق بالا:

باش ئايلانمىسى: سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: گىرام

تاق پۇت بىلەن تىك تۇرالايدۇ. قايچا بىلەن قەغەز كېسەلەيدۇ. ئادەم، ھايۋانلارنى ئاددىي قىلىپ سىزالايدىغان بولىدۇ. ھاجەتخانىغا ئۆزى بارالايدۇ. ئىككى سىزىق ئىچىدە ئۇزۇنىنى دەپ بېرەلەيدۇ. ھېكايە ئاڭلاشقا، سۆزلەشكە ھېرىسمەن بولىدۇ.

 

60 ئايلىق بالا:

باش ئايلانمىسى: سانتىمېتىر
بوي ئۇزۇنلۇقى: سانتىمېتىر
بەدەن ئېغىرلىقى: گىرام

يىراققا راھەت سەكرىيەلەيدۇ. ئۈچ بۇلۇڭ سىزالايدۇ. ئىككى جىسىم ئىچىدە قايسىسىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيدۇ. ئۆز ئالدىغا كىيىم كىيەلەيدۇ ۋە سالالايدۇ. پۇلنى تونۇشقا باشلايدۇ. بىرقانچە ھەرىپلەرنى بىلىپ يازالايدۇ. سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بىلىشكە تىرىشىدۇ ۋە سورايدۇ.

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇردوختۇر)

 

0 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بوي ئىگىزلىكى ۋە ئېغىرلىقى جەدۋىلى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-29 / 10:01:39

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ