ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار تەربىيىسىبوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى

بوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تۆۋەندە سىزگە تۆت خىل ئۇسۇلنى ئۆگىتىمىز، ئەركىن-ئازادە ھالدا بوۋىقىڭىزغا كۆكتات تۇنۇشنى ئۆگىتىڭ! باشقا دائىم ئۇچرايدىغان كۆكتاتلارنىمۇ مۇشۇ خىل ئۇسۇل بىلەن بوۋاققا ئۆگەتكىلى بولىدۇ.

بوۋاققا كۆكتاتلارنى تونۇتۇشنى ئۆگىتىشنىڭ تۆت خىل ئۇسۇلى

1. رەسىمگە قاراپ كۆكتات تۇنۇشنى باشلاش

ئالدى بىلەن دائىم كۆرۈلىدىغان كۆكتاتنى تۇنۇشنى باشلايمىز. مەسىلەن، يېسىۋېلەك، پالەك، تۇرۇپ، پەمىدۇر. ئالدى بىلەن رەڭگى ۋە شەكلىنى بىر سېلىشتۇرىمىز، ئاندىن چوڭلار تۇنۇشتۇرماقچى بولغان ئوبيېكتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى كونكرېت تۇنۇشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پەرقىنى سېلىشتۇرىمىز ياكى بوۋاقنىڭ ئېيتقىنىغا تۈزىتىشكىرگۈزىمىز ياكى تولۇقلايمىز. تەكشىلىكتىكى رەسىم مەشقىدە تېخىمۇ كۆپ رەڭ ۋە شەكىللەرنىڭ سېلىشتۇرمىسى بار بولۇپ، بوۋاققا تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى تۇنۇتىدۇ.

2. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆكتاتلارنى ئەمەلىي تونۇش

ھەركۈنى كۆكتاتلارنى سېتىۋالغاندىن كېيىن بوۋاققا ئۇلارنى تۇقۇزۇپ، ئوخشاش بولمىغان كۆكتاتلار ئارىسىدىكى تۇتۇش سەزگۈسىنى پەرقلەندۈرۈپ رەڭ ۋە شەكىل جەھەتتىكى پەرقلەندۈرۈشىنى كۈچەيتىمىز. ھەر كۈنىدىكى قايـتىلما پەرقلەندۈرش خىزمىتى بوۋاقنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.

3. ئېسىدە تۇتۇۋالغان كۆكتاتلارنى تاللا بازىرىدىن ئىزدىتىش. بالىنى تاللا بازىرىغا باشلاپ بېرىپ، كۆكتات يايمىسىنىڭ ئاللدىدا توختاپ، بوۋاققا ئۆزى تۇنۇيدىغان كۆكتاتلارنى تۇنۇتقۇزۇش. بۇ ئۇنىڭ شەيئىيلەرگە قارىتا ئىزدەش ئېلىپ بېرىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ناتۇنۇش شەيئىيلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. بوۋاق بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى ۋە يېمەكلىكلەرنى تونۇۋالالايدۇ.

4. تەم تەڭشەشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۆكتاتلارنى تونۇش. ئالدى بىلەن بوۋاقلارغا كۆكتاتلارنىڭ تەم تەڭشەش جەريانىدىكى ئۆزگىرىشلىرىنى كۆزەتكۈزۈش. ئانىسى تاماق ئېتىۋاتقان ۋاقىتتا بالىغا كۆكتاتنىڭ پىشقان ياكى پىشمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشـنى مەشقلەندۈرۈش، پىشقان كۆكتات بىلەن پىشمىغان كۆكتاتنىڭ رەڭ جەھەتتىكى پەرقىنى تېپىش ئارقىلىق بالىنىڭ كۆزىتىش ئىقتىـدارىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. كۆكتات قورۇشنى كۆزىتىشنىڭ تەرتىپى ئانىسى كۆكتات قورىغان ۋاقىتتا بالىنى ئانىنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ ئانىسىنىڭ كۆكتات قورۇش تەرتىپىنى ئىنچىكە كۆزەتكۈزۈش. قورۇپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا مەلۇم كۆكتاتنى قورۇشنىڭ تەرتىپىنى ئېيتقۇزۇپ بېقىش، مەسىلەن پېدىگەن-ئىنچىكە توغرالغان گۆش قورۇمىسىنى قورۇغاندا ئالدى بىلەن ئىنچىكە توغرالغان گۆشنى قورۇش ياكى پېدىگەننى قورۇش قاتارلىقلار. بۇنداق قىلغاندا بالىنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىليىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ تۇرمۇش تەجرىبىسىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-05-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-05-28 / 11:45:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ