ئانا سەھىپەخانىم قىزلارھامىلىدارلىق بىلىملىرىبويىدىن ئاجىراپ كېتىش قانداق ئەھۋال؟

بويىدىن ئاجىراپ كېتىش قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

بويىدىن ئاجراپ كېتىش تولىراق ھامىلىدارلىقنىڭ 12-18-ھەپتىلىرىدە يۈز بېرىدۇ. ھامىلە چۈشۈپ كېتىشنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ. بەزىدە بىر قانچە سەۋەب بىرلىشىپ بويىدىن ئاجراپ كېتىشنى شەكىللەندۈرىشى مۇمكىن.

سەۋەبى:

1) ھامىلە ياكى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ تەرەققىياتى غەيرىي نورمال بولۇپ، تۆرەلمىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ.

2) ھامىلىدار ئاياللار جىددىي يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەسىلەن: بەزگەك، ئۆپكە ياللۇغى، بەدەندىكى يۇقىرى قىزىتما قاتارلىقلار ھامىلە چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ.

3) جىنسىي ئەزانىڭ زەخىملىنىشى ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ بالىياتقۇدا ئورۇنلىشىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ ھامىلە چۈشۈپ كېتىشكە سەۋەبچى بولىدۇ.

مەسىلەن: بالىياتقۇدا ئۆسمە گۆش ئۆنۈش، بالىياتقۇ بوينى يىرتىلىش قاتارلىقلار.

4) ئېغىر نەرسە كۆتۈرۈش، يىقىلىش، سوقۇلۇش ياكى زىيادە چارچاپ كېتىش ۋە بىر قىسىم جىددىي روھىي زەربىلەرگە يۇقىرىقى ئامىللار قوشۇلۇپ كەلسە ھامىلە چۈشۈپ كېتىش مۇمكىن.

ئالامىتى:

ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ئۆز نۆۋىتىدە بىر قانچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.

1. ھامىلە چۈشۈپ كېتىش بەلگىلىرى كۆرۈلگەن چۈشۈك: يەنى ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ئېھتىمالى بولسىمۇ لېكىن مۇۋاپىق داۋالىغاندىن كېيىن يەنىلا ئاي كۈنى تۇلۇپ تۇغۇلغان ھامىلىدارلىق، بۇ <بىشارىتى بولغان چۈشۈك> دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ ئەھۋال تۇلىراقى-ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پەيدا بولىدۇ.

ئاساسىي ئالامىتى: ئاز مىقداردا خۇن كېلىش ۋە ھەرخىل دەرىجىدە تەرتىپسىز قورساق ئاغرىش ۋە بەل تېلىپ ئاغرىشلاردىن ئىبارەت.

داۋالاش پرىنسىپى:

دەرھال مىدىرلاتماي جىم ياتقۇزۇش، خۇن توختاپ ئۈچ-تۆت كۈندىن كېيىن ھەرىكەتلىنىشكە روخسەت قىلىنىش، تىنىچلاندۇرغۇچى دورىلارنى بېرىش كېرەك. بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى بەك كۈچلۈك بولغاندا ئاز مىقداردا مەجۈنى بەرشىشا ياكى خەشخاش  چۈشكەن باشقا دورىلارنى بىر-ئىككى كۈن ئىشلىتىش كېرەك.

2. مۇقەررەر چۈشۈك:

ھامىلىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان چۈشۈكلەر <مۇقەررەرلەشكەن ھامىلە چۈشۈپ كېتىش> دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇنىڭدا جىنسىي يولدىن كېلىدىغان سۇسسىمان قان مىقدارى ئاجراتما ئېقىپ چىقىدۇ. بۇ باش سۈيى قېپى يېرىلىپ باش سۈيى چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ.

3. تولۇق چۈشۈك:

ھامىلە ۋە ئۇنىڭ ھەمرىيى پۈتۈنلەي چۈشۈپ قان توختىغان ھامىلە چۈشۈپ كېتىشلەرگە ئېيتىلىدۇ، بۇنداق ھامىلە چۈشۈكلىرىنى ئالاھىدە داۋالاشقا ئامال يوق.

تولۇقسىز چۈشۈك دەپ ھامىلە چۈشۈپ كەتكەن، ئەمما بالا ھەمرىيى پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن چۈشۈپ كەتمەي بالىياتقۇدا قېلىپ قالغان ھامىلە چۈشۈشلەرگە ئېيتىلىدۇ.

بۇنىڭدا جىنسىي يولدىن قان كېلىپ تۇرىدۇ، ئەمما كېلىۋاتقان قاننىڭ مىقدارى بىردەك بولمايدۇ، بەزىدە خۇددى ھەيز كۆرگەندەك ئازراق، بەزىدە بولسا كۆپ مىقداردا قان كېلىپ ھامىلىدار ئايال شۈك ھالىتىگە چۈشۈپ قالىدۇ. قاننىڭ كېلىپ تۇرۇش ۋاقتىمۇ ھەرخىل بولۇپ ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر قانچە ھەپتىگە داۋام قىلىدۇ. بەزىدە ھامىلە ئاللىقاچان چۈشۈپ كەتكەچكە بالىياتقۇ ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىن كىچىكلەپ كېتىدۇ، بەزىدە بالا ھەمرىيىنىڭ بىر قىسىم پارچىلىرى بالىياتقۇ بوينىغا كەپلىشىپ قالغاچقا قان توختىمايدۇ.

داۋالاش پرىنسىپى:

تۈرەلمە توقۇلمىلىرى، ھامىلە قېپى، بالا ھەمرىيىنىڭ ئۆزلۈكىدىن تامامەن چۈشۈپ كېتىشىنى كۈتۈش كېرەك. ئەگەر قان مىقدارى كۆپ ۋە ھامىلە ئۈچ ئايلىقتىن كىچىك بولسا ھامىلە چۈشۈرگۈچى دورىلار بىلەن چۈشۈرىۋېتىشنى مۇھاكىمە قىلىش كېرەك، لېكىن قان يۈرەپ كېتىپ خەتەر تۇغۇلۇشتىن ساقلىنىشنى ئاساس قىلىش شەرت.

قان ككپ ئېقىۋاتقان بولسا، شىپاخانىدا ياتقۇزۇش، ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىللە، ئوفۇنەتلىنىش ئالامەتلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى بىلەن قېلىپ قالغان بالا ھەمرىيى قالدۇقلىرىنى قىرىپ ئېلىۋېتىش، بىمارغا يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدىغان دورىلارنى ۋە قان كۆپەيتىدىغان ئوزۇقلۇقلارنى بېرىش، قان توختىتىش ئۈچۈن شەربىتى ئەنجىبار ياكى باشقا كۈچلۈكلرەك مەتبۇخلارنى بېرىش لازىم.

4. ئادەتلەنگەن چۈشۈك:

ئۇدا ئۈچ قېتىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ھامىلىدار بولغاندا تۆرەلمە ياكى تەرەققىي قىلغان ھامىلە چۈشۈپ كەتسە <ئادەتلەنگەن چۈشۈك> دېيىلىدۇ. بۇ ئاساسەن تۆرەلمە سەۋەبلىك ۋە ئانا سەۋەبلىك دەپ ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ. تۆرەلمە سەۋەبلىكى ئاساسەن ئانا تەرەپنىڭ تۇخۇمى ياكى ئاتا تەرەپنىڭ ئۇرۇقى كەمتۈك بولغانلىقتىن ۋە ياكى ئۇرۇق تۇخۇم ھەر ئىككىلىسى كەمتۈك بولغانلىقتىن، ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ نورمال بولماسلىقى سەۋەبىدىن بويىدىن ئاجراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئانا سەۋەبلىك بويىدىن ئاجراش سېرىق تەننىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولماسلىق، قالقان بەز خىزمىتى سۇسلۇشۇش، بالىياتقۇنىڭ تەرەققىي قىلىش تۇغما غەيرىي نورمال بولۇش، بالىياتقۇ مۇسكۇل ئۆسمىسى، بالىياتقۇ تەنچە غەيرىي نورماللىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبىدىن بولىدۇ.

بىر قانچە قېتىم ئارقا-ئارقىدىن چۈشۈك يۈز بەرگەن ئاياللارنىڭ بەدىنىنى جۈملىدىن ئۇلارنىڭ تەن ئېغىرلىقى، ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى، تۇرمۇش ئادىتى، ئاتىشەك،  سىل ۋە باشقا  يۇقۇملۇق كېسەل بار يوقلۇقىنى، خىزمەت، ئەمگەك شارائىتى، كەسپىي ۋە باشقىلارنى ئەتراپلىق تەكشۈرۈش كېرەك. زۆرۈر كەلسە يولدىشىنىڭ مەنىسىنى، سالامەتلىك ئەھۋالى، ھاراق ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەر ئىستىمال قىلىش-قىلماسلىقىنى تەكشۈرۈش لازىم.

داۋالاش پرىنسىپى:

سەۋەبى ئېنىقلانغاندىن كېيىن مۇناسىپ چارە قىلىش، سەۋەبى ئېنىقلانمىغان ئاياللار قايتا ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولسا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدىن تارتىپ ئېغىر ئەمگەك قىلىپ زىيادە چارچاپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەش ھەم غەيرىي نورمالنى سېزىش كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇش كېرەك.

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:

ئاسان ھەزىم بولىدىغان غىزالارنى ۋە ئوبدان پىشقان مېۋىلەرنى بېرىش، قاتتىق، مايلىق ۋە يەللىك نەرسىلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇش، سۈرگە دورىسى بېرىشتىن ساقلىنىش، ئىسسىق سۇ بىلەن يۇيۇنۇپ تۇرۇش لازىم.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-02 / 09:30:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ