ھامىلدار بولۇش قانداق ئەھۋال؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاياللار بەدىنىدە ئاتىلىق ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ راۋاجلىنىش دەۋرى ھامىلىدارلىق دېيىلىدۇ.

ھامىلىدارلىق ئاياللار ئورگانزىمىدا ھەر تۈرلۈك ئۆزگىرىش بىلەن داۋام قىلىدىغان بىرخىل نورمال ئەھۋال، ئايالنىڭ يېتىلگەن تۇخۇمى بىلەن ئاتىلىق ئۇرۇقنىڭ قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە ئۇرۇقلىنىش كېلىپ چىقىدۇ.

ھامىلىدارلىقنىڭ تۇنجى ئالامىتى:  تۆرەلمە شەكىللەنگەندىن كېيىن ئايالدا جىنسى مۇناسىۋەتتىن كېيىن قاتتىق بۇشۇش بولىدۇ. جىنسىي مۇناسۋەتتىن لەززەتلىنىش بولغاندىلا بالىياتقۇ ئېغىزى زەكەرنىڭ ئۇچىنى شوراپ مەنىنى ئۆزىگە سالامەت قوبۇل قىلىپ ئلغىنى ئۈۈن ئەرنىڭ زەكىى قۇرۇق چىقىدۇ. ھەمدە ئايالنىڭ كىندىكى ۋە جنسي ئەزاسى ئارىلىقىدا يەڭگىل ئاغرىق سېزىمى بولىدۇ. بۇنىڭ بۇنداق بلۇشى بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ناھايىى مەزمۇت ئىشلىشىدىن بولدۇ. بۇنىڭ بۇنداق بولۇشى بالىياتقۇ ئېغىزىنىڭ ناھايىتى مەزمۇت ئىشلىشىدىن بولىدۇ. ھەيز توختايدۇ، ھەتتاكى ئاق خۇ تىگىدىغان ئاياللاردا ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ئاق خۇنمۇ توختايدۇ. جىنسىي مۇناىۋەت ئۆتكۈزگەندە لەززەت ئالالمادىغان بولۇپمۇ قالىدۇ، بەلكى بۇنىڭ ئەكسىچە كىندىك ئاستىدا ئاغرىق پەيدا بولىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ. ئەگەر ئايال ئوغۇل بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ناھايىتى بەك نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن تەبىئىي بىئاراملىق بولۇپ كېتىش، قۇسۇش ۋە ئاچچىق كىكىرىش بولىدۇ، باش ئاغرىيدۇ، ھەمە بېشى قايىدۇ، كۆز قاراڭغۇلىشىش، يۈرەك سېلىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ ۋە ئىككى ئايدىن كېيىن بەزى نەرسىلەرنى يىگۈسى كېلىپ قالىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئىككى ئايدىن ئۆتكەنسېرى ئارتىپ كېتىدۇ. كۆزنىڭ ئېقى سېرىق ياكى كۆكۈش بولۇپ قالىدۇ، كۆپىنچە كۆزى ئىچىگە ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، يۈزىگە داغ چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ئەھۋال تۇنجى قېتىملىق ھامىلىدارلىقتا كەمرەك بولىدۇ، ئەمچەك تۈگمىسى ۋە ئەتراپىغا قارا داغ چۈشىدۇ. ھامىلىدار بولغاننىڭ تەپسىلىي ئالامت تۆۋەندىكىچە:

1. ھامىلىدارلىقتىن كېيىن بالياتقۇ كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىشقا باشلايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈچ ئايغىچە داس قىسمىنى سىلاش بىلەن بالىياتقۇنى بىلگىلى بولمايدۇ. تۆت ئايغا يېقىن يوغىناپ بارغانسېرى ئۇنىڭ سېزىمى بولۇشقا باشلايدۇ. تۆت ئايغا يەتكەندە داس قىسمنى سىلاپ تەكشۈرگەندە ئۇنى ئاسان بىلگىلى بولىدۇ. بەش ئايغا يەكەندە كىندىككە يېقىنلىشىدۇ. ئالتە ئايغا يەتكەندە كىندىككە يېتىپ بارىدۇ. يەتتە ئايلىق بولغاندا كىندىكتىن ئىككى سانتىمېتىر ئۈستىگە چىقىدۇ. توققۇزئايلىق بولغاندا بال چوڭىيىپ قورساق ئەگمىسىگە يېقىن يېتىپ بارىدۇ.

2. ھەيزنىڭ توختاپ قېلىشى: ھەيزنىڭ توختاپ قېلىشى ھامىلىدارلىقنىڭ تىپىك ئالامىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. لېكىن بەزىدە بالىياتقۇ ياكى تۇخۇمدان مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن كېيىنمۇ ھەيز توختاپ قالىدۇ. بەزى ئاياللاردا ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلىپىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر ھەيز كېلىپ تۇرىدۇ.

3. كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قەي قىلىش بولىدۇ. مەسىلەن: تۆرەلمە ھاسىل بولغاندىن كېيىن بىر ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە ھامىلىدار ئايالدا كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قەي قىلىش كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ، لېكىن ئالتە ئايلىق بولغاندا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ.

4. جىنسىي ئەزاسىدا قان توپلىشىپ، ئۇنىڭ رەڭگى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا سۇيۇقلۇق ئېقىشقا باشلايدۇ.

5. ھامىلىدار بولۇپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئەمچەك چوڭىيىدۇ. ئەمچەكنى قول بىلەن باسسا ئاغرىش پەيدا بولىدۇ. ئەمچەك تۈگمىلىرىنىڭ ئەتراپىدا دائىرلىك قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ ۋە كۆپۈپ قالىدۇ. ئەمچەكنى باسسا ئۇنىڭدىن ئاق سۇيۇقلۇق چىقىدۇ لېكىن ھامىلىدارىقنىڭ ئاخرقى مەزگىلىدە سۈت چىقىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىش ئۈچ ئايلىقتىن باشلاپ باشلىنىدۇ.

6. بوۋاقنىڭ ھەرىكىتى: تۆت ئايلىق ياكى ئۇنىڭدىن ئازراق ئۆتكەندە ئايالنىڭ قورسىقىدا بوۋاقنىڭ ھەرىكەت سېزىم بولۇشقا باشلايدۇ. بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئشەنچىلىك ئالامىتى بول بالىيااتقۇنىڭ ئىككى تەرىپىگە قولىنى قويسا بالىنىڭ ھەرىكىتى مەلۇم بولىدۇ. ئەگەر بالىياتقۇغا تىڭشىغۇچى سايماننى قوشۇپ تېڭشىسا بوۋاقنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنى ئاڭلىغىلى بولىدۇ. يۈرەك سوقۇش ئاۋازى مىنۇتىغا 120 دىن 140 قا قەدەر سالىدۇ. بەزى ئالىملارنىڭ ئېيتىشىچە يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ مىنۇتلۇق قېتىم سانى 124 گىچە بولسا ئۇ تۆرەلمىنىڭ ئوغۇل ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. لېكىن ھامىلىدا ئايالنىڭ يۈرەك ھەرىكىتى مىنۇتىغا 75 قېتىمدىن زىيادە سوقمايدۇ. ئايالنىڭ قورسىقىا بوۋاقنىڭ ھەرىكىتى سېزىمى بولۇش ۋە ئۇنىڭ يۈرەك ھەرىكىتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھامىلىدار بولغاننىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ.

7. قورساق ھالىتى: ئالتە ئايلىق بولغاندا قورساق دىۋارى كۆپۈپ قورساق يوغىناپ قالىدۇ. ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا سىزىقچىلار كۆرۈلۈشكە باشلايدۇ. يەتتە ئايلىق بولغاندا قورساق دىۋارىدا بىر نەچچە سېرىققا مايىل سىزىقچىلار كۆپىيىدۇ، كۆپىنچە ئاياللاردا بالىياتقۇ ئېغىزى ئېچىلىپ كېتىدۇ.

8. سۈيدۈك ھالىتى: ھامىلىدار بولۇپ 12 ھەپتە ئۆتكەنىن كېيىن سۈيدۈكتە ئاز مىقداردا ياغ ۋە ھاكسىمان ماددىلار چىقىشقا باشلايدۇ. بۇ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغىچە چىقىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ھامىلىدار ئايالنىڭ سۈيدۈكىنى سۈزۈك، سىرلىق قاچىغا سىيدۈرۈپ تىندۇرۇپ قويسا ياغ ۋە ھاك مۇرەككەپ ياسالمىلىرى بىلەن يۇيۇلغان پاختىدەك بىر خىل جىسىم سۈيدۈك ئۈستىدە مەلۇم بولسا بۇۇ ھامىلىدار بولغانلقنىڭ روشەن ئىپادىسىدۇر.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-02

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-02 / 09:33:47

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ