12-ئاينىڭ 1-كۈنى ، بۈگۈن دۇنيا ئەيدىز كۈنى.
بۈگۈن ئەيدىزگە بولغان بىلىم ئېڭىنى ئاشۇرىدىغان، ئۇقۇشماسلىقنى كەمسىتىشنى تۈگىتىدىغان، ئەيدىز بىمارلىرىغا تېخىمۇ غەمخورلۇق قىلىدىغان بىر كۈن.
ئەگەر ئەتراپىڭىزدا ئەيدىز بىمارى بولسا، ئۇلارنى چۈشىنىپ بېقىڭ، دوستلىشىڭ، ھىكايىسىنى سەمىمىيەتلىك بىلەن ئاڭلاپ بېقىڭ، شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى سىر ساقلاڭ، ياردەم قولىڭىزنى سۇنۇڭ، خىزمەت پۇرسىتى يارىتىپ بېرىڭ.
ئەڭ مۇھىمى، ئەيدىزگە بولغان خاتا چۈشەنچىڭىزنى يوقىتىڭ. بىلمىسىڭىز نەچچە مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ ئىزىدىنىڭ.
ئەگەر ئەيدىزگە بولغان ئۇچۇرلارنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار بېكىتىمىزنىڭ مەخسۇس ئەيدىز سەھىپىسىگە مەرھەمەت:
https://dohturlar.com/category/mexsus-sehipiler/aids/