ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي ساۋاتلار

ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئاساسىي ساۋاتلار

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئەيدىز– زىيىنى زور، ئۆلۈش نىسبىتى يۇقىرى بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولسىمۇ، ئالدىنى ئېلىشقا تامامەن بولىدۇ نۆۋەتتە، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدىغان ۋاكسىنا ياكى ئۈنۈملۈك بولغان داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلى تېخى تېپىلغىنى يوق ئەمما نۆۋەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى، تۇرمۇش سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ

ئەيدىز– جىنسىي مۇناسىۋەت، قان ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش قاتارلىق 3 خىل يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچى بىلەن بولغان نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمەت مۇناسىۋىتىدە، ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.

ئۆزىنى- ئۆزى قەدىرلەش، جىنسىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش- ئەيدىزنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت يولى ئارقىلىق تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈپ تەدبىر ھىساپلىنىدۇ.

سۈپىتى لاياقەتلىك بولغان ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى توغرا ئۇسۇلدا ئىشلىتىش، جىنسىي كېسەللىكلەرنى بالدۇرراق داۋالاپ ساقايتىش ئارقىلىق، ئەيدىز ۋە جىنسىي كېسەللىكلەر بىلەن يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ بىر ئىشپىرىسنى بىر قانچە ئادەم بىرلىكتە ئىشلىتىشى- ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىز تارقىتىشتىكى ئەڭ خەتەرلىك قىلمىشلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا زەھەرنى چەكلەش، ھاياتنى قەدىرلەش كېرەك.

زۆرۆر بولمىغان قان بېرىشتىن ساقلىنىش؛ زۆرۆر بولغاندا بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان ئىشپىرىس ۋە لاياقەتلىك بولغان قان بويۇملىرىنى ئىشلىتىش كېرەك.

ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچى ھامىلدار ئاياللار ۋاقتىدا تىببىي تەدبىر قوللىنىشى كېرەك. بۇنداق قىلغاندا، بوۋاقلارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋىپىنى زور دەرىجىدە ئازايتقىلى بولىدۇ.

ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەيدىز توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش– ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارنى بالدۇر بايقاشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېساپلىنىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ياردەم بېرىش، ئۇلارنى پەس كۆرمەسلىك؛ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىزگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىلارنى داۋاملىق ئىستېمال قىلىشىغا ئىلھام بېرىش- ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېساپلىنىدۇ.

ئەيدىز- ھەر بىر ئادەم ۋە ھەر بىر ئائىلىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش– پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەسئۇلىيىتى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-08

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:33:02

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ