ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئەيدىزنىڭ پەرقى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېت سىستېمىسى كېسەلنى چېكىندۈرىدۇ لېكىن ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ

بۇ چاغدا ئادەم بەدىنى ئۆپكە يەللىكى، مېڭە پەردە يەللىكى، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى قاتارلىق پۇرسەتپەرەس كېسەللەر بىلەن يۇقۇملىنىدۇ. ئادەم بۇنداق كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ئىكەن، ئۇ ئادەمنى ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

ئەيدىز كېسىلى ئېرىشمە خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەملىك سىندروماغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۆزى كېسەللىك ئەمەس، بەلكى تاقابىل تۇرغىلى بولمايدىغان باشقا كېسەل ھالىتى ياكى كېسەلنىڭ يىغىندا ئالامىتى. ئادەم ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلمەيدۇ، بەلكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللەر بىلەن ئۆلىدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار بىلەن ئەيدىز ئاغرىقلىرىنىڭ پەرقى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان، ئەمما كۆرۈنەرلىك ئالامەت تېخى كۆرۈلمىگەن، ئەيدىز كېسىلى، دەپ ئېنىق دىئاگنوز قويۇلمىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ ئەيدىز ئاغرىقى ئاللىقاچان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان، شۇنداقلا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولغان، ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى، دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقى ھەر ئىككىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرىدۇ، ھەر ئىككىسى يۇقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. ئوخشاشمايدىغان يېرى شۇكى، ئەيدىز ئاغرىقلىرىدا ئاللىقاچان كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلاردا كۆرۈنەرلىك كلىنىكىلىق ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، سىرتتىن قارىغاندا ساغلام كىشىلەر بىلەن ئوخشاش بولىدۇ.

بۇ مەزگىل ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرى ئالامەتسىز يۇقۇملىنىش دەۋرى بولۇپ، بۇ دەۋردە ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغاندىن باشقا، ئۆزىگە سېزىلىدىغان ئالامەتلەر ۋە مۇسبەت بەدەن بەلگىلىرى بولمايدۇ.

ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يوشۇرۇن دەۋرىنىڭ ئۇزاق – قىسقىلىقى بىردەك بولمايدۇ، ئادەتتە يېرىم يىلدىن 12 يىلغىچە بولىدۇ، ئاز ساندىكىلەردە 20 يىلدىن ئاشىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى يوشۇرۇن دەۋرى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە يىل بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-01-29

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2022-01-01 / 03:34:06

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ