ئانا سەھىپەئەيدىز AIDSئەيدىز ساۋاتلىرىئەيدىز يۇقىدىغان 8 ئاساسلىق يوللار

ئەيدىز يۇقىدىغان 8 ئاساسلىق يوللار

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

ئەيدىز يۇقىدىغان 8 ئاساسلىق يوللار

әйдиз юқидиған 8 асаслиқ йоллар

ئەيدىز بىزگە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن.

ئەيدىزنىڭ يۇقۇشى ئاساسلىقى، بەدىنىمىزگە سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كۆپ مىقتاردا كىرىشىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۇيۇقلۇق، قان شەكىلدە ۋەيا سۇ شەكىلدىمۇ بولۇشى مۇمكىن. تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىلىۋېلىشى ئۈچۈن، تۆۋەندە بىز ئەيدىز يۇقۇشنىڭ بىرقانچە يوللىرىنى تونۇشتۇرۇپ چىقىمىز:

  1. ھامىلدار ئانىدىن تۆرەلمە بوۋاققا يۇقۇش. گەرچە ھامىلدار ئانىنىڭ قېنى، تۆرەلمە بوۋاققا بېرىپ ئەيدىز يۇقۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولسىمۇ، ئەمما ئەگەر ئەيدىز ھامىلدار ئانا مۇۋاپىق دورا ئىشلىتىپ بەدىنىدىكى  ئەيدىز ۋىرۇس مىقتارىنى تۆۋەن سەۋىيەدە كونترول قىلالىسا، ساغلام بوۋاق تۇغۇش نىسبىتى 90% گە بارالايدۇ.
  2. سۈت ئەمدۈرۈش. ئانا ئەيدىز بولۇپ بوۋاققا سۈت ئەمدۈرسە، بوۋاققىمۇ يۇقىدۇ. شۇڭا ئىلگىرى ئەيدىز بولغان ئانىلار بوۋاقلىرىغا ئانا سۈتى ئەمدۈرۈش تەۋسىيە قىلىنمايتى. ھازىر ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلىرىنى ئىشلىتىپ، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى سەۋىيەسى كونترول قىلىنغان بولسا، داۋاملىق ئانا سۈتى ئەمزىرسە بولىدۇ.
  3. غەيرى جىنسىي مۇناسىۋەت، كۆپ جىنسىي ھەمرىيى بولۇش. قانۇنلۇق ئايالىغا ۋەيا ئېرىگە سادىق بولماي، ۋەيا تويدىن بۇرۇن، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە، قارشى تەرەپنىڭ بەدەن سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىلمىگىگەچكە، ئەيدىز يۇقتۇرۋېلىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
  4. بىخەتەر ۋاستىسىز جىنسىي تۇرمۇش كەچۈرۈش. بۇ ئاساسلىقى، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى (كوندوم) ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا ئەيدىز بىمارى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئەگەر كوندومنى توغرا ئىشلەتسە، ئەيدىزنىڭ يۇقۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
  5. زەھەرلىك چىكىملىك، ئوخشاش ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىش. زەھەر چېكىملىككە كۆنۈپ قالغانلار، ئاسانلا ئەسلى ھوشىنى يوقىتىپ قويىدۇ ۋە ئەيدىز ۋەيا باشقا يۇقۇملۇق كېسىلى بارلار ئىشلەتكەن ئۇكۇل يىڭنىسىنى ئىشلىتىپ ئۆزىگە ئۇكۇل ئۇرۇپ سالىدۇ. بۇ ئەھۋالدا، ئەيدىز ۋە باشقا يۇقۇملۇق كېسەل يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
  6. ئۇزۇن مۇددەت تازىلىقى ناچار، ئادەم كۆپ بىر مۇھىتتا ياشاش. تۈرمە ۋەيا باشقا تازىلىقى ناھايىتى ناچار يەردە ئۇزۇن مەزگىل ياشىغانلارمۇ ئەيدىز ۋەيا باشقا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.
  7. قانۇنسىز مەركەزلەردە ياكى شەخسىيلەردە قانۇنسىز داۋالاشلار. ئىشەنچسىز قانۇنسىز داۋالاش مەركەزلەردە ۋەيا قانۇنسىز شەخسىيلەر تەرىپىدىن، تازىلانمىغان داۋالىنىش، ئوپىراتسىيە، ئوكۇل، ھاجامات ئەسۋابلىرى بىلەن ۋەيا زۈلۈك داۋالاش ئېلىپ بارماسلىق كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت يەنە داۋالىنىش ياكى باشقا مەقسەتتە، مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئىشەنچسىز ئاسما ئوكۇل، كاسسا ئۇكۇلى ئۇردۇرماسلىق ياكى نامەلۇم سۇيۇقلۇقلارنى ئىچمەسلىك كېرەك.
  8. ئەيدىز بىمارىنىڭ قېنىنى سېلىش. ھازىر قان سېلىش پەقەت دۆلەت ئەنگە ئېلىنغان دوختۇرخانىلاردا ئېلىپ بېرىلىدۇ ھەم سېلىنماقچى بولغان قان قاتمۇقات تەكشۈرۈشلەردىن ئۆتۈپ ئاندىن بىمارغا بېرىلىدۇ. شۇڭا قان سېلىش سەۋەبلىك ئەيدىز يۇقۇش، بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا قارىغاندا خېلىلا ئازايدى.

بەزى تورداشلار ئەيدىز بىمارى، ئەيدىز يۇقۇملىنىپتۇ دىگەن گەپنى ئاڭلىسىلا، پەقەت جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىغان مەينەت كېسەل دەپلا ئەيدىز بىمارىنى كەمسىتىدىغان ئەھۋاللار ئەتراپمىزدا ناھايىتى كۆپ. شۇڭا تورداشلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەتتىن باشقىمۇ ئەيدىزنىڭ يۇقۇش يوللىرى بارلىقىنى ئېنىق بىلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. يەنە بىر ۋىدىئورىمىزدا، ئەيدىزنىڭ يۇقمايدىغان يوللىرىنىمۇ تونۇشتۇرىمىز.

ئەگەر فىلىمىمىزنى پايدىلىق ھىس قىلسىڭىز، قانىلىمىزغا ئەزا بولۇپ قويۇشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزغا تارقىتىپ تەۋسىيە قىلىپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز. سىزنىڭ قوللىشىڭىز بىزگە ئەڭ چوڭ مەدەتتۇر.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ