بۈگۈن (5 12كۈنى) دۇنيا سېسىتىرالار كۈنى بولۇپ ، 1912 يىلى ھازىرقى زامان سېسىتىرالىق ۋە كۈتۈنۈش كەسپىنىڭ ئاساس تىكلىگۈچىسى ئەنگىلىيەلىك سېستىرا ھەم سىتاتىسكانت فلورىنس نايتىنگىل (Florence Nightingale ، 1820يىلى 5 ئاينىڭ 12 كۈنى — 1910 يىلى 8 ئاينىڭ 13 كۈنى) نى خاتىرەلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان

فلورىنس.نايتىنگىل ئىتالىيەنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىدىكى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن ، گىرمانىيەدە كۈتۈنۈش كەسپىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ، لوندوندىكى بىر دوختۇرخانىدا سېستىرا بولۇپ ئىشلىگەن . 1853 يىلى لوندون خەيرى ساخاۋەت دوختۇرخانىسىنىڭ سېستىرا باشلىقى بولغان .

قىرىم ئۇرۇش جەريانىدا نايتىنگىل ئەنگىلىيە ھەربىي تەرەپتارلىرىدىن ئۇرۇش مەيدانىدا دوختۇرخانا ئېچىش ماقۇللۇغىنى ئېلىشقا كۈچىنىڭ يېتىشىچە تىرىشقان ، ھەم ھەربىيلەرگە داۋالاش كۈتۈنۈش مۇھىتى تەمىنلەپ بەرگەن . ئۇ كۆپلىگەن ھەربىي ئارخىبلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق قىرىم ئۇرۇش جەريانىدا ھەربىيلەرنىڭ ئاساسلىق ئۆلۈم سەۋەبىنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى يۇقۇملىنىش ھەم ئۇرۇشتىن كىيىنكى يارىلارنىڭ ۋاقتىدا ھەم توغرا بولغان داۋالاش ئېلىپ بارمىغانلىق سەۋەبىدىن ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭ ئەكسىچە ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ھەربىي سانىنىڭ ئانچە كۆپ ئەمەسلىكىنى بايقىغان . ئۇ بۇ بايقاشنى ھەم بۇنىڭ ئىچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى چەمبىرەك سىتاتىسكا ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىپادىلەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن .

نايتىنگىل 1854 يىلى 10 ئاينىڭ 21 كۈنى 38 سېستىرا بىلەن قىرىم پىدائىي دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ئىشلىگەن ھەم سېستىرا باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن . بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىرىم پەرىشتىسى ھەم چىراق پەرىشتىسى دىگەن نامغا ئېرىشكەن .

فلورىنس.نايتىنگىلنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقىدىن ، ئەينى ۋاقىتتىكى سېستىرالارنىڭ جەمئىيەتتىكى مەرتىۋىسىمۇ تۆۋەن قاتلاملاردىن بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن ھەتتا ئەڭ يۇقىرىغا پەللىگە يەتكەن . «نايتىنگىل» دىگەن ئىسىممۇ سېستىرالارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان . نايتىنگىلنىڭ سېستىرالىق كەسپىدە قالدۇرغان ئىش ئىزلىرى كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ داۋالاش كۈتۈنۈش ساھەسىدە داستان بولغان . بۇ ھەم 1912 يىلىدىن تارتىپ ھەر يىل 5ئاينىڭ 12 كۈنىنىڭ سېستىرالار كۈنى بولۇپ بېكىتىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر .
ئاخىرقى سۆز: سېستىرالار دوختۇرخانىدىكى مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى . سىز ھەرگىز دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرغا كۆرۈندۈم ، دوختۇرلار مېنى داۋالايدۇ ، شۇڭا دوختۇرلارغا ھۆرمىتىم بار ، سېستىرالارنى كۆزگە ئىلمىساممۇ بولىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ . بۇنداق خىيالدا بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ ساندىكىلەرنى ئېگەللەيدۇ ھەم سېستىرالارنى بوزەك قىلىدىغان ، زوراۋانلىق قىلىدىغان مىساللارمۇ ناھايىتى كۆپ .
ئەمما شۇنى ئېنىق بىلىشىڭىز لازىمكى ، سېستىرالار بولمىسا دوختۇرخانا ھەرگىز دوختۇرخانا بولالمايدۇ ھەم سىزمۇ دوختۇرخانىدىن سالامەت داۋالىنىپ چىقالمايسىز . سېستىرالار دوختۇرخانىدىكى ئېغىر يىنىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىدۇ ، سىزگە كۈندىلىك بېرىلىدىغان دورىنى تەييارلاش ، تەڭشەش ، ياتقان مۇھىتىڭىزنىڭ نورمال بولۇش ، ئېلىپ بېرىلغان ئوپىراتسىيەدە ئىشلىتىدىغان ھەربىر پىچاق ، داكا ، يىپ يىڭنىلەرنىڭ تولۇق بولۇشى بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ سېستىرالار تەييارلايدۇ . تۇغۇت بۆلۈمىدە پەقەتلا تۇغۇت دوختۇرلىرىلا كۈچ چىقارمايدۇ ، سېستىرالارنىڭ شۇ تۇغۇت ئالدى كەينىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈتۈنۈش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى سېستىرالار قىلىدۇ … بۇ يەردە سېستىرالارنىڭ بۇ يەردە ھەربىر ئىشىنى ساناپ بەرسەم نەچچە بەتمۇ توشمايدۇ .
شۇڭا ھەربىرىمىزنىڭ دوختۇرلارنى ھۆرمەتلىگەندەك ، سېستىرا ھەدە سىڭىللىرىمىزنى ھۆرمەتلىشىڭلارنى ، ئۇلارنى قەدىرلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز .
باشقا دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرىنى بىلىپ باقماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ:
دۇنيا ساغلام كېسەل خاتىرە كۈنلىرى تىزىملىكى