تاماق يېيىش كۈندىلىك تۇرمۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان ئادەم بەدىنىنى ھاياتلىق بىلەن تەمىنلەيداىغان پائالىيەت ، ئەگەر تاماق يېيىش ئۇسۇلى توغرا بولمىسا ، ئاشقازان-ئۈچەينى زەخىملەندۈرىدۇ ، ئېغىرراق بولسا راك پەيدا قىلىش خەتىرى ئېلىپ كىلىدۇ . تۆۋەندىكى بەش خىل تاماق يېيىش ئادىتى بار دوستلار ، دەرھال ئۆزگەرتىڭلار ، بالىلار كۈنۈپ قالمسۇن !
1. بىر تەرەپتىن يەپ بىر تەرەپتىن گەپ قىلىش : – بىز دائىم چوڭلاردىن تاماق يىگەندە گەپ قىلىشقا بولمايدۇ دەپ ئاڭلايمىز . تاماق يېگەندە ، يېمەكلىك يۇتقاندا قىزىلئۆڭگەچ ئېچىلىپ ، كاناي ۋاقتىنچە ئېتىلىدۇ ، لېكىن بىر تەرەپتىن يەپ ، بىر تەرەپتىن گەپ قىلغاندا ، يۇتقان ھاۋا كۆپىيىپ ، ئاسانلا ھېق تۇتۇپ قېلىپ ، يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئەزالارغا ھەيدەپ كىرىپ ، يۆتىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ، ھەتتا ئېغىرراق بولسا تۇنجۇقۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماق يېگەندە گەپ قىلسا ، يېمەكلىك تولۇق چاينالمايدۇ . يېمەكلىك ئېزىلمەيلا بىۋاسىتە ئاشقازانغا كىرىپ ، ئاسانلا ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ ، بۇ يېمەكلىكنىڭ پارچىلىنىپ ھەزىم بولۇشىغا پايدىسىز .
تەكلىپ : – ئامال بار تاماق يىگەندە گەپ قىلماسلىق كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تاماق يېيىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ، يېمەكلىكلەرنى تولۇق چايناش كېرەك . ئادەتتە ھەربىر ئېغىز تاماقنى ئەڭ ياخشىسى 20 ~ 25 قېتىم چايناپ بەرسە ، ھەزىم قىلىشقا ياردىمى بولۇپ ئاشقازان راكىنى 30% تۆۋەنلىتىدۇ .
2. بىر تەرەپتىن يەپ بىر تەرەپتىن تېلېفون ئويناش :– ھازىرقى زامان كىشىلىرى نەگىلا بارسا يان تېلېفون ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، يان تېلېفون يۇقتۇرۇۋالغان « مەينەت نەرسىلەر » ناھايىتى كۆپ بولۇپ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان چاڭ ــ توزاندىن باشقا ، يەنە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى ، سالمۇنىللا باكتېرىيەسى ، نورۇ ۋىرۇسى قاتارلىق كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى باكتېرىيەلەرمۇ بار . تاماق يېگەندە يانفون ئوينىسا ، شۈبھىسىزكى بۇ باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپ قىسىمى ئېغىزغا كىرىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا ، تاماق يىگەندە دىققىتى بۆلۈنۈپ كېتىپ كۆپ يەۋالىدۇ ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا سەمرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەكلىپ : – تاماق يېگەندە ئەستايدىل بولۇش ، دىققىتىنى بۆلمەسلىك ، يانفون ئوينىماسلىق . سەمىمىي ئەسكەرتىش – يانفون ئوينىغاندا ، كۆزنى سۈرتۈش ، بۇرۇننى ئۇۋۇلاش قاتارلىق ھەرىكەتلەرمۇ كېسەللىك باكتېرىيىلىرىنى ئادەم بەدىنىگە ئېلىپ كىرىدۇ . شۇڭا ، يانفوننى قەرەللىك دېزىنفېكسىيەلەشنى ئۇنتۇپ قالماڭ . دېزىنفېكسىيە قىلغاندا ، پەلكۈچ بىلەن ئىسپىرتقا چىلاپ ، يانفوننىڭ سىرتقى يۈزىنى سۈرتۈش كېرەك .
3. ئورتاق ئىشلىتىدىغان چوكنى ئىشلەتمەي ئۆزئارا تاماق سۇنۇش : – تاماق ئۈستىلىدە ، باشقىلارنىڭ چىنىسىغا قورۇما سىلىپ قويۇش دوستلۇقنىڭ ئىپادىسى ؛ ئەگەر بۇچاغدا ئوپچە ئىشلىتىلىدىغان چوكىنى ئىشلەتسىڭىز باشقىلار ئانچە خوشال بولمايدۇ . مىكروپسىزلاندۇرۇلمىغان چوكىنى ئىشلەتكەندە باكتېرىيەنىڭ تارقىلىش يولى پەيدا بولىدۇ ، بولۇپمۇ بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەدىن ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيە بولسا ئېغىز بىلەن ئېغىز ۋە ئاشقازان-ئېغىز ئارقىلىق تارقىلىدۇ ، يۇقۇملانغۇچىنىڭ شۆلگىيى قورۇمىغا چاپلىشىپ ، ئۇنى ئىستېمال قىلغۇچىلار بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى تەرىپىدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن . بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيە ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە ياشايدىغان باكتېرىيە بولۇپ ، ئۇ ئاشقازان ياللۇغى ، ھەزىم قىلىش خاراكتېرلىك يارا ۋە ئاشقازان راكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى يۇقۇم تېخى تولۇق تۈگىمىگەن ئەھۋالدا ، ۋىرۇسنىڭ شۆلگەي – قاچا – قۇچا ئارقىلىق تارقىلىش ئېھتىماللىقى بار . مىكروبسىزلاندۇرۇلغان چوكا ، قوشۇقلار ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە ئۈزۈپ تاشلايدۇ .
تەكلىپ : – مەيلى سىرتقا چىقىپ تاماق يېگەندە بولسۇن ياكى ئۆيدە تاماق يېگەندە بولسۇن ، مىكروبسىزلاندۇرۇش ساندۇقى بولغان ئاشخانىلارنى ئاساس قىلىپ تاماقلىنىڭ ، مىكروبسىزلاندۇرۇلغان چوكا ، قوشۇقلارنى ئىشلىتىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك .
4. تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش : – نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىش ئادىتى بار . ئەمەلىيەتتە تاماقتىن كېيىن تاماكا چېكىشنىڭ زىيىنى ئادەتتىكى ۋاقىتتا 10 تال تاماكا چېكىشتىنمۇ چوڭ بولىدۇ . چۈنكى ، بەدەننىڭ يېمەكلىكلەرنى ھەزىم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، تاماكا ئىسىنى سۈمۈرۈش ئىقتىدارىمۇ كۈچىيىپ ، تېخىمۇ كۆپ زىيانلىق ماددىلارنى سۈمۈرۈۋالىدۇ .
تەكلىپ : – تاماقتىن كېيىن تاماكا چەكمەيلا قالماستىن ، ئىمكانىيەتنىڭ بېىرىچە تۇرمۇشتىمۇ تاماكا تاشلاش كېرەك !
5. تاماقتىن كېيىن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش :– پىژغىرىم ياز كۈنلىرى ، نۇرغۇن كىشىلەر تاماق يېگەندە سوۋۇتۇلغان مىۋە شەربىتى ، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ . لېكىن ، جۇڭگو تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ، ياز كۈنلىرى ئادەم بەدىنىدە مۇزەككەر سىرتقا تارقىلىپ ، بەدەن زەئىپلىشىپ سوغۇقى ئېشىپ كېتىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا يەنە سوغۇق نەرسىلەرنى يېسە ئاسانلا بەدەننى بىئارام قىلىدۇ . بولۇپمۇ تاماق يېگەندە سوغۇق ئىچىملىك ئىچسە ، ئاشقازاندىكى قان تومۇرلار تارىيىپ ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى توختاپ قالىدۇ ، يېمەكلىك ئاشقازاندىن ئىنچىكە ئۈچەيگە يەتكۈزۈلۈش ۋاقتى ئۇزىراپ ، ئاشقازان كۆپۈش ، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
تەكلىپ : – ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىنكى 1 ~ 2 سائەتتە ئاندىن سوغۇق ئىچىملىك ئىچىپ بېرىش كېرەك ، ئاشقازان ئۈچەي ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك . ئەگەر چوقۇم ئىچىشكە توغرا كەلسە ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئادەتتىكى تېمپېراتۇرىدا ئازراق قويۇپ ، ئاندىن ئىچىش كېرەك ، ئىمكانىيەت بولسا سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ ئەڭ ياخشى .
بىلىمنۇر بلوگى
bilimnur.com