دىيابېت كېسىلى دېگەن نېمە ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

دىيابېت كېسەللىكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي يېتىشمەسلىكىدىن ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يىغىندى ئالامەت

ئۇنىڭدا ئۇسساش، كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، ھارغىنلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ.

يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە يۇقىرىقىدەك كىلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ. دىيابېت كېسەللىكى كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ياكى باشقا بىر خىلدىكى ئوتتۇرا خاراكتېرلىك مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپلىگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سۇسىزلىنىش، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە سەۋەبچى بولۇش ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دىيابېت كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئىرسىيەت ئامىلى، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتىنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەكلىك، جىسمانىي ھەرىكەت، ھامىلىدارلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-06-15

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:28:37

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ