ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلارئانا ۋە بالابۇۋاقلار ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىنى ئەمسۇن

بۇۋاقلار ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىنى ئەمسۇن

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

بۇۋاقلار ئەڭ ياخشىسى ئانا سۈتىنى ئەمسۇن ھازىر كۆپلىگەن ئانىلار كۆپ خىل سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ، بۇۋاقلارغا ئۆز سۈتىنى ئەمدۈرمەي ، سۈت پاراشوكىئەمدۈرمەكتە بەزى ئانىلار سۈتۈم ياخشى ئەمەس ، خىزمىتىم ئالدىراش دەپ، يەنە بەزى ئانىلار بەدەن گۈزەللىكىمنى ساقلاي دەپ ئانا سۈتىنى توختىتىدىغان ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ.

تەكشۈرۈشلەر شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى ، 70%كۆپ ئانا بالىلىرىنى يېرىم ياشتىن ئىلگىرىئاساسلىقى سۈت پاراشۈكى بىلەن باققان ـ بۇ ، ھازىر زور كۈچ بىلەن تەشەببۇس قىلىنىۋاتقان بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشقاتۈپتىن قارمۇ قارىشى ـ ھازىر بازارلاردىكى رېتسىپلىق سۈت پاراشوكى ئاناسۈتى ئۆلچەم قىلىنىپ ، كالا سۈتى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ـ ئۇنىڭ ئۇزۇقلۇق تەركىبى ھەرقايسى جەھەتلەردىن ئانا سۈتىگە يېقىنلىشىدۇ ـ لېكىن ، يەنىلا ئانا سۈتىگە يەتمەيدۇ
ئانا سۈتى ـــ بۇۋاقلانىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقى ـ ئانا سۈتىدىكى كازېن كالا سۈتىنىڭكىدىن ئاز ، ئاسان ھەزىم قىلىنىدۇ ـ ئانا سۈتىدىكى كۆپ قىسىم سۈت ئاقسىلى يۇقۇملىنىشقا قارىشى ئاقسىلدىن تەركىپ تاپقان ـ بۇۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

لېكىن ، ھايۋاناتلار سۈتىدە بۇخىل ئاقسىل يوق ـ سۈت پاراشۈكى ئەمدۈرۈلگەن بۇۋاقلار ھايۋاناتلارسۈتىدىكى ئاقسىلغا بەرداشلىق بىرەلمەي ، ئاسانلا قورسىق ئاغرىيدۇ ، ئىچى سۈرىدۇ ۋە ئۇلاردا باشقا ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ ـ ئانا سۈتى تەركىبىدە كالا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتە يوق بولغان ماي كىسلاتاسى بار بۇلۇپ ، بۇ ماي كىسلاتاسى بۇۋاقلارنىڭ مىڭە ، كۆز، قان تۇمۇرلارنىڭ ساغلام يىتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.

ئانا سۈتىدەيەنە ماي فېرمېنتى بار بۇلۇپ ، ماينىڭ ھەزىم قىلىنىشىغاياردەم بىرىدۇ ـ شۇڭا ، ئانا سۈتىدىكى ، ماي كالا سۈتى ياكى تەڭشەلگەن سۈتتىكى مايغا قارىغاندا ، بۇۋاقلار تەرىپىدىن ناھايىتى تۇلۇق قۇبۇل قىلىنىدۇ ـ ئاناسۈتىدىكى ۋىتامىن A ۋە ۋىتامىن C نىڭ مىقدارى كالا سۈتىنىڭكىدىن كۆپ ـ ئاناسۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ تەخمىينەن50% قۇبۇل قىلىدۇ ـلېكىن ، كالاسۈتى تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ ئاران 10%لاقوبۇل قىلىنىدۇ ـ بۇۋاقلار ئالتە ئايلىق بۇلۇشتىن ئىلگىرى ياكى تېخىمۇ كېيىنرەك ئاناسۈتى بۇۋاقلارنى يېتەرلىك تۆمۈر بىلەن تەمىنلەپ ، قان ئازلىقنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ـ ئانا سۈتى ئۇزۇقلۇق بۇلۇپلا قالماستىن ، ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى ـ ئۇ بۇۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىغا ئىگە بۇلۇپ ، بۇۋاقلارنى يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ

بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانىلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا پايدىلىق ـ بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئانىلارنىڭ بەدەن فىگۇرىسىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ، بەلكى ئانىنىڭ ئارتۇق مايلىرى سەرىپ بولىدۇ ـ بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش ئانىلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ پايدىلىقـ يەنە ئانىلارنىڭ تۇخۇمدان راكىغا گىرىپدار بۇلۇش خەۋىپىنى ئازايتىدۇ ـ يېقىنقى تەتقىقاتلار شۇنى ئۇقتۇرۇپ بەردىكى ، بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىش سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى ئازايتىدۇ ـ بۇۋاقلارنىڭ ئانا سۈتىگە بولغان ئېھتىياجى4 ـــ 5ئاي ئىچىدە ئاساسىي جەھەتتىن قاندۇرلىدۇ ـ ئەگەرشەرت ـــ شارائىت يار بەرسە ، بۇۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن ئېمىتىشنى 10ئاي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-02-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-02-06 / 10:13:35

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ