بۈگۈنكى كۈندە كۆپىنچە ئادەم سېمىزلكنى خالىمايدۇ سەۋەبى سېمىز بولغانسىرى كېسەلمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ تېببىي ئىلىمدە سىتاتىسكا قىلىنىشىچە ، سېمىز ئادەملەردە قان تومۇر قېتىش ، يۇقىرى قان بېسىمى ، تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسەللىكى ، دىئابېت كېسەللىكى… قاتارلىق كېسەللىكلەر بولۇشنىڭ نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن.
بىراق بالىلىق ۋاقىتتا بولۇپمۇ 10 ياش ئىچىدە نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئىنتايىن مۇھىم . بۇ ۋاقىتتا بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن بالىلار چوڭ بولغانسىېرى بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىدۇ . تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا 13~10ياش ئەتراپىدىكى سېمىز بالىلار 31 ياشقا بارغاندا 88% ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن . يەنە 13~10 ياش ئەتراپىدىكى بەدەن ئېغىرلىقى نورمال بالىلار 31 ياشقا كىرگەندە 20% ئەتراپىدىكىلەر سېمىز دەپ بېكىتىلگەن . يېقىنقى تەتقىقاتلاردىن بالىلار ئانىلىرىنىڭ قورسىقىدىكى 8 ئايلىقتىن باشلاپ تۇغۇلۇپ بىر ياشقا كىرگىچە ئەگەر ئوزۇقلۇق زىيادە ئارتۇق بولۇپ كەتسە ، كېيىنكى سېمىزلىكنىڭ دەسلەپكى كۆرۈنۈشى ھېسابلنىدۇ . دېمەك ، بالىلار قانچە سېمىز بولسا ، شۇنچە ياخش دېيىش خاتا .
نۆۋەتتە نۇرغۇن ئادەملەر شۇنى تەشەببۇس قىلىدۇكى ، سېمىزلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى بوۋاق ۋاقىتتىن باشلاپ كېرەك . ئوتتۇرا ياشقا كىرگەندىن كېيىن ئورۇقلىسا ، قان تومۇر قېتىش ، يۈرەك تاجىسىمان قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كېچىككەن بولىدۇ .
قان تومۇر قېتىش ، يۈرەك تاجىسىمان قان تومۇر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بوۋاق ۋاقىتتىن باشلاپ يېمەكلىككە دېققەت قىلىش ، ياش -ئۆسمۈر ۋاقىتدىلا چېنىقىپ بېرىش ، نورمال بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاپ قالغاندا ، سەمىرىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ .
بوۋاقلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇق ئانىنىڭ سۈتى . ئانا سۈتى – بالا زېھنىنىڭ تولۇق يېتىلىشى ، بەدەنگە ئېھتىياجلىق ھەر خىل مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ تولۇقلىنىشى ۋە بالىنىڭ ئىممۇنىت قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ ھەرخىل كېسەللەرگە قارشى كۈچىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ . ئانا سۈتىنىڭ ئونىنى ھېچقانداق باشقا سۈنئىي ئوزۇقلۇق باسالمايدۇ . كالا سۈتى ۋە سۈت تەركىبى بولغان قوشۇمچە يېمەكلىكلەر تەركىبىدە ياغ ،شېكەر ، تۇز قاتارلىق ماددىلار زىيادە كۆپ بولۇپ ، بوۋاقلارنى سەمرىتىدۇ . ياش ئۆسمۈرلەر سۈتنى زىيادە ئىچمەسلىكى ، سېمىز گۆش ، ھايۋاناتنىڭ ئىچكى ئەزاسى قاتارلىق تەركىبىدە خولىستېرىن يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى زىيادە يىمەسلىكى ، تاماقنى بەك تويغىچە يېمەسلىكى كېرەك . تاتلىق يېمەكلىكلەر ھەم مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ، تاماقتىن كېيىن قوشۇمچە يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش ، ئۇخلاشتىن بۇرۇن نەرسەيېمەسلىك كېرەك . تېببىي ئالىملار بىر ئادەمنىڭ ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقى 20 ياش ئەتراپىدا كونترول قىلىنىشى كېرەكلىكى ، بۇ سالامەتلىكنىڭ ئاساسىي ئىكەنلىكى ھەمدە ھەممە ئىشنى بالىلىق ۋاقىتتىنلا باشلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەيدۇ .