چاناق سۆڭىكى: كۆزىمىزنىڭ بىخەتەر قورغىنى
كۆز ئىنساننىڭ دۇنيانى كۆزىتىشىدىكى دېرىزىسى بولۇپ، ئۇ ئىنتايىن نازۇك ۋە مۇرەككەپ بىر ئەزادۇر. بۇ قىممەتلىك ئەزا قوغدىنىش ئۈچۈن، باش سۆڭىكىمىز ئىچىدىكى پىرامىدا شەكىللىك بىر سۆڭەك بوشلۇقىغا جايلاشقان، بۇ دەل چاناق سۆڭىكى ياكى كۆز ئويمىنىدۇر. چاناق سۆڭىكى كۆز ئالمىسى، كۆز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللار، كۆرۈش نېرۋىسى، قان تومۇرلار ۋە ياش بېزى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان مۇھىم قۇرۇلمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلارنى تاشقى زەربىدىن ساقلايدىغان مۇستەھكەم بىر قورغان ھېسابلىنىدۇ.
چاناق سۆڭىكى يەككە بىر سۆڭەك ئەمەس، بەلكى يەتتە خىل باش سۆڭىكىنىڭ (پىشانە، مەڭىز، ئۈستۈنكى ئېڭەك، ياش، غەلۋىر، كېپىنەك ۋە تاڭلاي سۆڭەكلىرى) ئۆزئارا نازۇك بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان مۇرەككەپ قۇرۇلمىدۇر. ئۇنىڭ ھەر بىر دىۋارى، ھەر بىر يېرىقى ۋە ھەر بىر تۆشۈكىنىڭ ئۆزىگە خاس ۋەزىپىسى بار بولۇپ، نېرۋا ۋە قان تومۇرلارنىڭ مېڭە بىلەن كۆز ئارىسىدا بىخەتەر ئۆتۈشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. شۇڭلاشقا، چاناق سۆڭىكىنىڭ ئاناتومىيىسىنى ئىنچىكە چۈشىنىش، كۆز كېسەللىكلىرى، نېرۋا تاشقى كېسەللىكلىرى ۋە يۈز-چىراي ئوپېراتسىيەلىرىدە ئىنتايىن زور كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.
رەسىم مەنبەسى: ئادەم ئاناتومىيىسىنىڭ رەڭلىك ئاتلىسى (ئۇيغۇرچە – خەنزۇچە 1993-يىلى)
رەسىم تەرجىمە تەھرىرى: ھەلىمە ئابدۇكېرىم ؛ تەھرىر: سابىت ئىسلام
رەسىم تەرجىمە قىلغۇچىلار: ئاگۇ خەسەنوۋ ، تۇرسۇنجان توقاي ، گۈلنىسا كېرەم ، نۇرمەمەت باغاشار ، ھەىلمە ئابدۇكېرىم
مەزمۇن تەييارلاش ۋە تەھرىر : دوختۇرلار تورى ئەترىتى
چاناق سۆڭىكىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلمىلار
چاناق سۆڭىكى (Orbit ، 眶骨)
چاناق سۆڭىكى، يەنى كۆز ئويمىنى، باش سۆڭەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان، كۆز ئالمىسى ۋە ئۇنىڭ قوشۇمچە ئەزالىرىنى سىغدۇرۇپ تۇرىدىغان سۆڭەك بوشلۇقىدۇر. ئۇنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى نازۇك كۆرۈش ئەزالىرىنى تاشقى زەربىدىن قوغداش ۋە ئۇلارغا تىرەك بولۇشتۇر. پىرامىدا شەكىللىك بۇ بوشلۇقنىڭ ئۇچى ئارقىغا، ئىچكە قارىغان بولۇپ، كۆرۈش نېرۋا نەيچىسى ئارقىلىق چوڭ مېڭە بىلەن تۇتىشىدۇ. ئۇنىڭ تۆت دىۋارى يەتتە خىل سۆڭەكنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، بۇ مۇرەككەپ قۇرۇلما كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ نورمال بولۇشى ئۈچۈن ھالقىلىق رول ئوينايدۇ.
- چاناق ئۈستى تۆشۈكى (Supraorbital foramen/notch ، 眶上孔)
پىشانە سۆڭىكىنىڭ چاناق ئۈستى گىرۋىكىگە جايلاشقان تۆشۈك ياكى ئويۇق. ئۇنىڭدىن پىشانە قىسمىنىڭ تېرىسىنى ۋە مۇسكۇللىرىنى سەزگۈ بىلەن تەمىنلەيدىغان نېرۋا ۋە قان تومۇرلار ئۆتىدۇ. - كۆرۈش نېرۋا نەيچىسى (Optic canal ، 视神经管)
چاناق ئويمىنىنىڭ ئۇچىغا، كېپىنەك سۆڭىكىنىڭ كىچىك قانىتىغا جايلاشقان سۆڭەك نەيچىسى. كۆرۈش نېرۋىسى (II) ۋە كۆز ئارتېرىيەسى بۇ نەيچە ئارقىلىق چوڭ مېڭە بوشلۇقىدىن چاناق ئويمىنىغا كىرىدۇ. - چاناق تاختىسى (Orbital plate of ethmoid bone ، 眶板)
غەلۋىر سۆڭىكىنىڭ ئىنتايىن نېپىز سۆڭەك تەخسىسى بولۇپ، چاناق ئويمىنىنىڭ ئىچكى تېمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۇنىڭ نېپىز بولۇشى، زەربىگە ئۇچرىغاندا ئاسان سۇنۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. - ياش ئارقا قىرى (Posterior lacrimal crest ، 泪后嵴)
ياش سۆڭىكىنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى تىك سۆڭەك قىرى. ياش خالتىسىنى ئوراپ تۇرىدىغان مۇسكۇلنىڭ بىر قىسمى مۇشۇ قىرغا بىرىكىدۇ. - ياش سۆڭىكى (Lacrimal bone ، 泪骨)
چاناق ئويمىنىنىڭ ئالدى، ئىچكى تەرىپىگە جايلاشقان كىچىك ۋە نېپىز سۆڭەك. ئۇ ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكى بىلەن بىرلىشىپ ياش خالتا ئويمىنىنى ھاسىل قىلىدۇ. - ياش خالتا ئويمىنى (Fossa for lacrimal sac ، 泪囊窝)
ياش سۆڭىكى ۋە ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكى ئورتاق ھاسىل قىلغان ئويمانلىق. كۆز يېشىنى يىغىپ بۇرۇن بوشلۇقىغا يەتكۈزىدىغان ياش خالتىسى مۇشۇ ئويمانلىققا جايلاشقان. - چاناق يۈزى (Orbital surface of maxilla ، 眶面)
ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ چاناق ئويمىنىغا قارىغان ئۈستۈنكى يۈزى. ئۇ چاناق ئويمىنىنىڭ ئاستىنقى تېمىنىڭ (يەنى پولىنىڭ) كۆپ قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ. - مەڭز ئېڭەك چاكى (Zygomaticomaxillary suture ، 颧颌缝)
ياناق سۆڭىكى (مەڭز سۆڭىكى) بىلەن ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ئۆزئارا تۇتاشقان يېرىدىكى چاك. بۇ چاك چاناق ئاستى گىرۋىكىنىڭ بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. - چاناق ئاستى تۆشۈكى (Infraorbital foramen ، 眶下孔)
ئۈستۈنكى ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ ئالدى يۈزىگە، چاناق ئاستى گىرۋىكىنىڭ سەل تۆۋىنىگە جايلاشقان تۆشۈك. چاناق ئاستى نېرۋىسى ۋە قان تومۇرلىرى بۇ تۆشۈكتىن چىقىپ، ئۈستۈنكى كالپۇك، بۇرۇن يېنى ۋە ئۈستۈنكى چىش مىلىكىنى تەمىنلەيدۇ. - چاناق ئاستى ئېرىقى (Infraorbital groove ، 眶下沟)
چاناق ئويمىنىنىڭ ئاستىنقى تېمىدىكى ئېرىق بولۇپ، چاناق ئاستى نېرۋىسى ۋە قان تومۇرلىرى جايلاشقان. بۇ ئېرىق ئالدىغا كېلىپ چاناق ئاستى نەيچىسىگە ئۇلىنىدۇ. - مەڭز يۈز تۆشۈكى (Zygomaticofacial foramen ، 颧面孔)
ياناق سۆڭىكىنىڭ سىرتقى يۈزىدىكى كىچىك تۆشۈك. ئۇنىڭدىن ياناق قىسمىنىڭ تېرىسىنى سەزگۈ بىلەن تەمىنلەيدىغان نېرۋىنىڭ بىر شاخچىسى ئۆتىدۇ. - چاناق ئاستى يېرىقى (Inferior orbital fissure ، 眶下裂)
چاناق ئويمىنىنىڭ ئاستىنقى ۋە يان تېمى ئارىسىدىكى ئۇزۇنچاق يېرىق. ئۇنىڭدىن چاناق ئاستى نېرۋىسى، ياناق نېرۋىسى ۋە بىر قىسىم ۋېنا قان تومۇرلىرى ئۆتىدۇ. - چاناق قانات (Orbital surface of greater wing of sphenoid ، 眶骨大翼)
كېپىنەك سۆڭىكىنىڭ چوڭ قانىتىنىڭ چاناق ئويمىنىغا قارىغان يۈزى. ئۇ چاناق ئويمىنىنىڭ يان تېمىنىڭ كۆپ قىسمىنى ھاسىل قىلىدۇ. - چاناق ئۈستى يېرىقى (Superior orbital fissure ، 眶上裂)
كېپىنەك سۆڭىكىنىڭ چوڭ ۋە كىچىك قاناتلىرى ئارىسىدىكى يېرىق. كۆز ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدىغان كۆپ قىسىم نېرۋىلار (III, IV, VI) ۋە ئۈچ ئاچا نېرۋىنىڭ كۆز شاخچىسى (V1) بۇ يېرىقتىن ئۆتىدۇ. - مەڭز ئۆسۈكى (Zygomatic process of frontal bone ، 颧突)
پىشانە سۆڭىكىنىڭ يان تەرەپتىن تۆۋەنگە قاراپ سوزۇلۇپ، ياناق سۆڭىكى بىلەن تۇتىشىدىغان ئۆسۈكى. ئۇ چاناق ئويمىنىنىڭ يان-ئۈستى گىرۋىكىنى ھاسىل قىلىدۇ. - ياش بەز ئويمىنى (Fossa for lacrimal gland ، 泪腺窝)
چاناق ئويمىنىنىڭ ئالدى، يان-ئۈستى تەرىپىگە، پىشانە سۆڭىكىگە جايلاشقان ئويمانلىق. كۆز يېشىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ياش بېزى مۇشۇ ئويمانلىققا جايلاشقان.
چاناق سۆڭىكىنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتى
چاناق سۆڭىكىنىڭ قوغداش رولى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا يۈز-چىراي زەخىملىنىشلىرىدە ئەڭ كۆپ زədىلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ مۇشت ياكى توپقا ئوخشاش كۆز ئالمىسىدىن چوڭراق بولغان جىسىملارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندا، چاناق ئىچى بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلىشى مۇمكىن.
بۇ خىل ئەھۋالدا، «سىرتقا پارتلاپ چىقىش خاراكتېرلىك سۇنۇق» (Blowout fracture) دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە سۇنۇق كېلىپ چىقىدۇ. بۇ سۇنۇقتا، چاناقنىڭ مۇستەھكەم گىرۋەكلىرى بۇزۇلماي، ئۇنىڭ ئەڭ ئاجىز بولغان ئاستىنقى تېمى (چاناق يۈزى) ياكى ئىچكى تېمى (چاناق تاختىسى) سۇنۇپ، چاناق ئىچىدىكى توقۇلمىلار (ماي ياكى ھەتتا كۆز مۇسكۇللىرى) تۆۋەندىكى ئۈستۈنكى ئېڭەك كاۋىكىغا ياكى ئىچكىرىدىكى غەلۋىر كاۋىكىغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ:
- قوش كۆرۈش (Diplopia): كۆز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى مۇسكۇللار سۇنۇق سىزىقىغا قىسىلىپ قېلىپ، ئىككى كۆزنىڭ ھەرىكىتى ماسلاشمىغاندا يۈز بېرىدۇ.
- كۆزنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشى (Enophthalmos): چاناق ئىچىدىكى بوشلۇق چوڭىيىپ، كۆز ئالمىسى ئارقىغا ياكى تۆۋەنگە يۆتكىلىپ قالىدۇ.
- ياناق ۋە ئۈستۈنكى كالپۇكنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى: چاناق ئاستى نېرۋىسى زەخىملەنگەندە يۈز بېرىدۇ.
- كۆز ھەرىكىتىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى: بولۇپمۇ يۇقىرىغا قاراشتا قىيىنچىلىق بولىدۇ.
چاناق سۇنۇقلىرىنى داۋالاشتا كومپيۇتېرلىق توموگرافىيە (CT) ئارقىلىق سۇنۇقنىڭ ئورنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئېنىقلاش ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئەگەر قوش كۆرۈش، كۆزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئىچىگە كىرىپ قېلىشى ياكى مۇسكۇلنىڭ قىسىلىپ قېلىشى قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئوپېراتسىيە ئارقىلىق قىسىلىپ قالغان توقۇلمىلارنى بوشىتىش ۋە سۇنغان سۆڭەكنىڭ ئورنىنى تىتان تورى ياكى باشقا ماتېرىياللار بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
بۇنىڭدىن باشقا، چاناق ئويمىنىدا ئۆسمە پەيدا بولۇشى ياكى ئۇنىڭغا قوشنا بولغان بۇرۇن بوشلۇقىدىكى ياللۇغنىڭ تارقىلىشى (orbital cellulitis) كۆرۈش قۇۋۋىتىگە ۋە ھەتتا ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىمۇ، چاناق سۆڭىكىنىڭ مۇرەككەپ ئاناتومىيىسىنى ئېنىق بىلىش، ئوپېراتسىيە جەريانىدا كۆرۈش نېرۋىسى ۋە باشقا مۇھىم قۇرۇلمىلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئاساسىدۇر.