چىراي تاتىرىش دېگىنىمىز، ئادەمنىڭ يۈز تېرىسىنىڭ نورمال قىزىل رەڭگىنى يوقىتىپ، بىر خىل كۈلرەڭ ياكى ئاقۇش رەڭلىك ھالەت شەكىللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.
ئۇيغۇرچە: چىرايى تاتىرىش، يۈزى ئاقىرىش
ئىنگىزچە: Pale face
خەنزۇچە: 面色苍白
تۈركچە: Yüzü soluk
غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، چىرايى تاتىرىش ئادەتتە تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىقىدۇ:
1. قان ئازلىق قان ئازلىق قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى ياكى سۈپىتى يېتەرسىز بولۇش ئەھۋالىنى كۆرسىتىدۇ. بەدەندە يېتەرلىك قىزىل قان ھۈجەيرىسى كەمچىل بولغاندا، ئوكسىگېن بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىغا ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈلمەي، تېرىنى تاتىرىتىۋېتىدۇ.
2. ئايلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسى قان ئايلىنىش سىستېمىسىدىكى مەسىلىلەر، مەسىلەن، تۆۋەن قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارمۇ چىراينىڭ تاتىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇ مەسىلىلەر قاننىڭ ئېقىشى ۋە تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، تېرىنى يېتەرلىك ئوكسىگېن ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ.
3. باشقا كېسەللىكلەر باشقا بەزى كېسەللىكلەر، مەسىلەن، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى قاتارلىقلارمۇ چىرايى تاتىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
چىرايى تاتىرىشنى داۋالاش ئۇسۇلى ئۇنىڭ سەۋەبى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە باغلىق. ئەگەر قان ئازلىقتىن كېلىپ چىققان بولسا، تۆمۈر ماددىسى ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلارنى تولۇقلاش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەگەر ئايلىنىش سىستېمىسى مەسىلىسى ياكى باشقا كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن داۋالاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ساقلاش، مەسىلەن:يېمەك – ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، قېنىپ ئۇخلاش قاتارلىقلارمۇ چىراي تاتىرىش ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا پايدىلىق.