ئانا سەھىپەساغلاملىقچېنىقىشدائىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، بەدەندىكى بۇ ئۈچ ئورۇن نەپكە ئېرىشىدۇ

دائىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، بەدەندىكى بۇ ئۈچ ئورۇن نەپكە ئېرىشىدۇ

سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەر تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بولدى، ھەرىكەت قىلىش ئۇسۇللىرىمۇ كۆپ خىللىشىشقا قاراپ يۈزلەندى، نۇرغۇن كىشىلەر يەر ئىگىلىمەيدىغان، ھېچقانداق چېنىقىش ئەسۋابى ئىشلەتمەيدىغان، ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا قىلغىلى بولىدىغان چېنىقىش ئۇسۇلى چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئۇسۇلىنى تاللىدى.

دائىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، بەدەندىكى بۇ ئۈچ ئورۇن نەپكە ئېرىشىدۇ

چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش چېنىقىشتىكى بىر خىل ھەرىكەت بولۇپ، دائىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش بەدەنگە ئىنتايىن پايدىلىق، لىكىن تاسادىپىي زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، توغرا قىياپەتتە چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش كېرەك. چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا بەدەندىكى بۇ ئۈچ جاي ناھايىتى ياخشى چېنىقىشقا ئېرىشەلەيدۇ.

 

1. يوتا مۇسكۇلىنى چېنىقتۇرۇش

ھەر كۈنى چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، يوتا مۇسكۇلى تېخىمۇ تەرەققىي قىلىدۇ. ھەر قېتىم زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، كۆپ قىسىم كۈچ يوتىغا مەركەزلىشىپ، يوتىنى ياخشى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ. يوتا تېخىمۇ گۈزەل بولۇپ، يوتىدىكى ئارتۇق مايلار ئازىيىپ، ئورۇقلاشقا ياردىمى بولىدۇ.

 

2. يۈرەك، ئۆپكىنى چېنىقتۇرىدۇ

چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئۆپكە سىغىمچانلىقىنى سىنايدۇ، دائىم چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆپكە سىغىمچانلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ، ئۆپكە سىغىمچانلىقى ئاشقاندىن كېيىن، يۈرەككىمۇ ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرىدۇ. چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا يۈرەك ئىقتىدارىنى تېخىمۇ ياخشى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، يۈرەك ئىقتىدارى كۈچەيسە، بەدەن سالامەتلىكىمۇ تەبىئىي ھالدا بارغانسېرى ياخشىلىنىپ كېتىدۇ، يۈرەك ئىقتىدارىدىن رازى بولمايدىغان كىشىلەر چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى سىناپ باقسا بولىدۇ، دەسلەپتە سانى ئازراق بولسا بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن تەدرىجىي كۆپەيتسە بولىدۇ، لىكىن بەك كۈچەپ كەتمەسلىك، مۇسكۇلنىڭ تارتىشىپ يارىلىنىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

 

3. ساغرا، بىلەك، مۈرە، قورساق قىسمىنى چېنىقتۇرىدۇ.

چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرسا، پۇت قىسمىنى چېنىقتۇرغىلى بولۇپلا قالماي، باشقا ئورۇنلارنىمۇ چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ، چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش بىر خىل بىرىكىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك چېنىقىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش يەنە پۇت ۋە ساغرا قىسمىنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، ساغرا ۋە پۇت مۇسكۇللىرىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، ئارتۇق ماينى ئازايتىپ، مۇسكۇللارنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ھەرىكىتى ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ، بىر خىلى قۇرۇق قول ھالدا چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، يەنە بىر خىلى ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش، ئادەتتە كۆپ ئۇچرايدىغىنى قۇرۇق قول چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش بولۇپ، ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلسا، قىيىنلىق دەرىجىسى بار ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشنى تاللىسا بولىدۇ، لىكىن قارىغۇلارچە ئىش قىلماسلىق، ئۆز لايىقىدا بولۇشقا دىققەت قىلىش، بەدەننىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغاندا، دەرھال توختىتىش كېرەك.

چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا، بەدەننىڭ تىز بوغۇمىغا دىققەت قىلىش كېرەك. تىز بوغۇمى ناھايىتى ئاجىز بولۇپ، سەللا دىققەت قىلمىغاندا تىز بوغۇمى زەخىملىنىدۇ، چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا ئالدى بىلەن بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى ئىشلەش كېرەك. چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا بەدەننىڭ ئېغىرلىق مەركىزىنى كەينىگە قارىتىش، بەدەننى ئالدىغا قىيسايتماسلىق كېرەك. بۇنداق قىلمىغاندا، بەدەننىڭ ئېغىرلىقى تىزىغا يىغىلىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى تىزىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش ئىنتايىن قولايلىق، ئۈنۈملۈك چېنىقىش ئۇسۇلى بولۇپ، بەدەننى چېنىقتۇرۇپ ئورۇقلىتىپلا قالماستىن، يەنە بەدەندىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. چوڭقۇر زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا ھەرىكەتنىڭ قائىدىسىگە دىققەت قىلىش، ئالدىراڭغۇلۇق قىلماسلىق، بەدەن زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/8840769.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-27 / 11:55:49

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ