ئەگەر قېشىڭىزدا تاماكا بولسا ، قاتتىق بىرنى شوراپ ، ئىسىنى ئاغزىڭىز ئىچىگە يىغىۋېلىپ ، ئاندىن بىر تازىلىق قەغىزىنى ئاغزىڭىزگە چاپلاپ تۇرۇپ ، تاماكا ئىسىنى قەغەزگە چىقىرىپ بېقىڭ ، تازىلىق قەغىزى شۇ زامانلا سېرىق مايلىق ئارىلاشما نەرسىنى كۆرىسىز
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) تارقاتقان سىتاتسىكىغا ئاساسلانغاندا ، ئادەم ھەر بىر تاماكا چەككەندە 100مىلىيون ئەتراپىدا نىكۇتن ، ئاممىياك ، كوكىس مېيى ، بېنزول (بېنزىن) قاتارلىق راك كەلتۈرگۈچى زەررىلەرنى شۈمۈرىدىكەن . بىر تال تاماكا تەركىبىدىكى نىكۇتىن بىر كىچىك چاشقاننى زەھەرلەپ ئۆلتۈرەلەيدىكەن ؛ كارخانىلار چىقارغان ئىس تۈتەك بېكار گازلار ، ماشىنا قالدۇق ئىسى ، ئاشخانىدىكى ماي ئىستۈتەكلەر قاتارلىقلار ھاۋادىكى ئاساسلىق بۇلغانمىلارنىڭ مەنبەسى بولۇپ ، ھەر بىر ئادەم كۈنىگە 4500مىللىگىرامدىن يۇقىرى زىيانلىق ماددىلار ھەم 10مىڭدىن يۇقىرى زەمبۇرۇغلارنى شۈمۈرۈشىگە سەۋەبچى بولىدىكەن .
ياپونىيە ئالىمىنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا ، 10 يىللىق تاماكا چېكىش تارىخىغا ئېگە بەڭگىلەر ھەم بۇلغانغان ھاۋادا ياشاۋاتقانلارنىڭ ئۆپكىسى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە قارىدىغان ، كاناي ياللۇغى ، ئۆپكە ياللۇغى ، ئۆپكە راكى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا نەچچە ھەسسە يۇقىرى ئىكەن . پۈتۈن دۇنيادا ھەر يىلى 5مىليون ئادەم تاماكا چېكىش ھەم بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلەنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتكەن ، ھەر 6 سىكونتتا بىر ئادەم ئۆلگەن دىيىشكە بولىدۇ . تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكە راكى بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمىگەنلەرگە قارىغاندا 25 ھەسسە يۇقىرى ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكى بولۇش نىسبىتى 18 ھەسسىسى ئىكەن . زىيانلىق نەرسىلەرنى شۈمۈرگەندە ئۇلار كاناي يولى ھەم ئۆپكە پۈۋۋەكچىلىرىگە چاپلىشىۋالىدۇ ، غەيرى زەررىچىلەرنى تازىلاش رولىغا ئېگە مويلار ئۆز ئارا چاپلىشىپ چۈشۈپ كېتىپ ، ئۆپكىدىكى ئەخلەتلەر شەكىللىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە نەپەس يولى ئاجراتمىسى IGA(ئىممونىت شار ئاقسىلى) بىلەن زور يۈتقۇچ ھۆجەيرىلەر كۆرۈنەرلىك ئازلاپ ، بەدەننىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ .
نىكۇتىن—尼古丁
ئاممىياك—氨–ammonia—NH3
كوكىس مېيى—焦油
ئىممونىت شار ئاقسىلى—免疫球蛋白—Immunoglobulin
زور يۈتقۇچ ھۆجەيرە—巨噬细胞—Macrophage,macrophagocyte