سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا ، پۈتۈن دۇنيادا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ يېرىمدەكى 15~24 ياش ئارىسىدىكى ياشلار بولۇپ ، 12~19 ياش دائىرىسىدىكى ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلىرىنىڭ سانى بارغانسىرى ئۆرلىمەكتە بۇلارنىڭ ئارىسىدا قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەلل
پۈتۈن دۇنيادا كۈنىگە 6000غا يېقىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغان ياشلارنىڭ ئىچىدە ئايال،قىزلار كۆپ قىسىمنى ئېگەللەيدۇ . شۇڭا ياش قىزلارغا جىنسىي مۇناسىۋەتتە ئۆزىنى كونتىرول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ، قانات يايدۇرۇش بەكلا مۇھىم .
نېمە ئۈچۈن قىزلار ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ ؟
- ياش قىزلار قۇرامىغا يەتكەن خانىملاردىن تېخىمۇ ئاسان ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ . ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسىنى ئېلىپ ئېتقاندا ، ئاياللارنىڭ بەدەن قۇرۇلمىسى ئەرلەرنىڭكىدىن نازۇك كېلىدۇ ھەم ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي كېسەللىكلەرگە ئاسانلا گىرىپتار بولىدۇ . يەنە كېلىپ ياش قىزلارنىڭ جىنسىي يولى ھەم بالىياتقۇ بوينى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭكىگە قارىغاندا نازۇك ھەم ئاسان يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭلاشقا ، ياش قىزلار جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە ئاسانلا ئەيدىز كېسىلىگە ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ ، بولۇش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى .
- ياش قىزلارنىڭ ھامىلدار بولۇپ قېلىش خەتىرى قۇرامىغا يەتكەن ئاياللاردىن يۇقىرى . ئەگەر ھامىلدار بولۇپ قالغاندا ، مەيلى ھامىلىنى چۈشۈرۋەتسۇن ياكى بالىنى تۇغۇسۇن ، ئىككىلا ئەھۋالدا باشقا مەسىلىلەر كۆرۈلىشى مۇمكىن . مەسىلەن بالىياتقۇ زەخىمگە ئۇچراش ، قان كۆپ چىقىپ كېتىش ، ھامىلدارلىق مەزگىلى يۇقىرى قان بېسىمى ، بالدۇر تۇغۇش ھەتتا تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆلۈپ كېتىش خەۋپىمۇ بولىدۇ . بۇلارنىڭ نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن خانىملارغا قارىغاندا خېلىلا يۇقىرى . يەنە كېلىپ ، بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن ياش قىزچاق بالىنىڭ كېيىنكى كەلگۈسىگە مەسئۇل بولۇش كېرەك ، بۇ خىل بېسىم ئاسانلا يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ .
- اش قىزلار بالدۇر جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ قويغانلىقتىن ، جەمىيەتكە بالدۇر كىرىشتەك ئەھۋال كۆرۈلىدۇ . لېكىن ياش قىزلاردا تۇرمۇش بىلىملىرى كەمچىل ، ئۆزىنى قانداق قوغداشنى بىلىپ كېتەلمەيدۇ ،شۇڭلاشقا بۇخىل ئەھۋال ئاستىدا ئاسانلا تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ .
- ياش قىزلار يىگىتلەرگە قارىغاندا روھىي جەھەتتىن خېلىلا نازۇك كېلىدۇ . شۇڭلاشقا يىگىتلەر جىنسىي جەھەتتىن ھوزۇرلىنىش ئېلىۋاتقاندا ، ياش قىزچاق بەدەن جەھەتتىن ھەم روھىي جەھەتتىن زور بېسىم تارتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن .
شۇڭلاشقا ياش قىزلار ئۆزىنى تونۇشى ، ئۆزىگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى ، مۇناسىۋەتلىك جىنسىي بىلىملەر ھەم تۇرمۇش بىلىملىرى ، ئەخلاق بىلىملىرىنى ئۆگىنىۋېلىشى لازىم .
قانداق قىلغاندا ئەيدىزدىن يىراق تۇرغىلى بولىدۇ؟
1.تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشنى چەكلەش .
تويدىن بۇرۇن جىنسىي مۇناسىۋەت ھامىلدار بولۇش ، ھامىلىنى سۈنئىي چۈشۈرۈش ، جىنسىي يولى كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشتىكى ئاساسلىق سەۋەبى . تويدىن بۇرۇنقى جىنسىي مۇنسىۋەت بىرخىل مەسئۇلىيەتسىز مۇناسىۋەت ، ھەرگىزمۇ ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . ئۇزۇنغا داۋاملاشمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتنى توي دىن ئىبارەت بۇ قورال قوغداپ تۇرمىسا ئاسانلا ئىتتىك ئاخىرلىشىدۇ .
2.جىنسىي ئەركىنلىكنى تەشۋىق قىلماسلىق .
ھازىر چەتئەلنىڭ يېڭى ئېدىيىسى مەملىكىتىمىزگە، دىيارىمىزغا كىرىش بىلەن بىرگە خىلمۇ خىل چاكىنا ئىدىيىلەرمۇ تەڭلا سىڭىپ كىرىشكە باشلىدى . جىنسىي ئەركىنلىك بۇ تىپىك مىسالى . جىنسىي ئەركىنلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى تاشلىۋېتىش ، جەمئىيەت ئىستىلى بۇلغىنىشنى ئېلىپ كېلىدۇ . يەنە ئېلىپ كەلگىنى شۇ ئەيدىز .