ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرىدىئابېت كېسىلىنىڭ تىرىدىكى بەلگىلىرى

دىئابېت كېسىلىنىڭ تىرىدىكى بەلگىلىرى

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

تېرە ئادەم تېنىنى ئوراپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچكى ئەزالاردىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنىڭ تېرىدىكى بەلگىلىرى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:

تېرىدە قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، پۇت-قول بارماقلىرى، ئالقىنى ۋە دۈمبىدە يالغۇز ياكى بىر نەچچە سۇلۇق خالتا پەيدا بولۇپ، بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ، لېكىن يەنە تەكرارلىنىدۇ.تېرە قىچىشىپ تۇرىدۇ.

دىئابېت كېسەلىگە گىرىپتار بولغان تەخمىنەن يەتتە پىرسەنت بىمارنىڭ پۈتۈن بەدىنى ياكى قىسمە جايلىرىنىڭ تېرىسى قۇرغاقلىشىپ قاسىراق تاشلايدۇ، تاتلىق قىچىشىدۇ.گەدەن تۈك خالتىسى ياللۇغلىنىدۇ. گەدەن قىسمىغا ئىسسىقلىق پەيدا بولۇپ بىر نەرسە تەگسىلا ئاغرىيدۇ.

ۋاقتىدا داۋالىمىسا تەرەققىي قىلىپ، كۆنەكسىمان توقۇلما ياللۇغىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. زەردىپى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ قالىدۇ. لېكىن يەنە تەكرارلىنىدۇ.نورمالسىز تەرلەيدۇ، كۆپ تەرلەيدۇ (كۆپىنچە قول ياكى بەدىنى) ياكى ئاز تەرلەيدۇ ( كۆپىنچە پۇت ياكى بەدىنى)، بەزى بىمارلار چىپىلداپ تۇرىدۇ.پۇت قىسمىدا گانگرېنا پەيدا بولىدۇ.

بىمارنىڭ پۇتى ئاغرىپ ئىسسىمايدۇ، قۇرغاقلىشىپ يېرىلىدۇ، يىرىڭدايدۇ، توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇپ ئاسانلىقچە ساقايمايدۇ، ھەتتا پۇتى تېشىلىدۇ.سېرىق ئۆسمە پەيدا بولىدۇ. پۇت-قول بەلدەملىرى، مۈرە، گەدەن، تىز قاتارلىق جايلارنىڭ تېرىسىدە سېرىق مونەكچىلەر ياكى ئۇششاق دۆڭچە ئەسۋىلەر ئۆرلەپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپى قىزىرىپ قىچىشىدۇ، يۇقىرىقى كېسەللىك دىئابېت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى بەلگىلىرى بولۇپ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ بىر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ، قان، سۈيدۈكنى تەكشۈرتۈپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ داۋالىنىشى كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-08-05

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:38:34

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ