ئامېرىكىدىكى‹‹ئىچكى كېسەللىكلەر ئارخىپى ››ناملىق ژورنال يېقىندا ئېلان قىلىغان بىر تەتقىقات دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى: تەتقىقاتچىلار ئوخشاش بولمىغان ئۈچ مەھەللىدىكى 45ياشتىن 84ياشقىچە بولغان 2285ئادەمنى ئۇزاق يىل ئىز قوغلاپ تەكشۈردى، تەتقىقات باشلاشتىن بۇرۇن ۋە تەتقىقات مەزگىلىدە ئۇلارنىڭ قېنىدىكى شېكەر تەركىبىنى كۆپ قېتىم ئۆلچىدى، ئۇلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ، يېمەك–ئىچمىكى ۋە ھەركەت بىلەن مەشغۇل بولۇشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى توپلىدى.
بۇ ئۇچۇرلارنى مەھەللىلەر تەمىنلىگەن ساغلاملىق ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى سەۋىيىسىگە بىرلەشتۈرۈپ ئانالىز قىلغاندىن كېيىن ،مۇنداق يەكۈن چىقاردى : ساغلاملىق ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىر قەدەر مۇكەممەل مەھەللىدىكى ئاھالىلەرنىڭ كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتنى %38 ئازىيىدىكەن .
دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلدى ؛ بۇ خىل ساغلاملىق ئەسلىھەلىرى ۋە مۇلازىمىتى بىخەتەر سەيلە قىلىش سورۇنى ، مول باغچە رايونى بايلىقى ، قولاي قاتناش قۇرالى ۋە يېڭى مېۋە بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تۇرمۇش موھىتىنى ئۆزگەرتىش ، ساغلام ھەركەت ئۇسۇلىغا مايىللىشىش ۋە ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئادەتلىنىش دىئابىت كېسىلىنىڭ يامرىشىنى تۇسۇدىغان، ھىچبولمىسا ئالدىنى ئالىدىغان مۇھىم چارە بولسا كېرەك.
شۇڭا مۇنداق دېيىشكە بولىدۇ: كىشىلەرنى دىئابىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىغانغا قارىغاندا ، مەھەللىنىڭ ساغلاملىق موھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ بۇ نىشانىغا يېتىشىگە ياردەم بېرىش تېخىمۇ ئاقىلانە چار.