ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرئىچكى ئاجراتما كېسەللىكلىرى1-تىپلىق دىئابېتنىڭ «شېرىن ئاي مەزگىلى» دېگەن نېمە؟

1-تىپلىق دىئابېتنىڭ «شېرىن ئاي مەزگىلى» دېگەن نېمە؟

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

1-تىپلىق دىئابېتنىڭ تەرەققىيات جەريانىدا بىر مەزگىللىك ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىش باسقۇچى بولىدۇ. كلىنكىدا بۇ ۋاقىتنى 1-تىپلىق دىئابېتنىڭ «شېرىن ئاي مەزگىلى» دەپ ئاتايمىز. ئۇنداقتا، بۇ شېرىن ئاي مەزگىلى قانداق پەيدا بولغان؟
ئەسلىدە ئادەم بەدىنىدىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارنىڭ ئۆزلىكىدىن ياخشىلىنىش ئىقتىدارى بولىدۇ.

1-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى دەسلەپتە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۆزىنى تولۇقلاش ئىقتىداىنى يۈرگۈزىدۇ. بىر قىسىم ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ قايتا ئىنسۇلىن ئاجرىتىشىمۇ مەلۇم نىسبەتتە ئەسلىگە كېلىدۇ. نەتىجىدە كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ، بۇ چاغدا ئىنسۇلىن ئىشلىتىش مىقدارىنى ئازايتقىلى ھەم ھېچقانداق دورا ئىشلەتمەيمۇ قان شېكىرىنى نورمال دائىرە ئىچىدە ساقلىغىلى بولىدۇ. بۇ باسقۇچ دىئابېتنىڭ «شېرىن ئاي مەزگىلى» دۇر. بۇ ۋاقىتتا ئائىلىدىكىلەر ۋە بىمارلار ئىنتايىن خوشاللىنىپ دىئابىت ساقايدى، دەپ قارايدۇ. ئەپسۇس، بۇ ۋاقىت ئۇزاققا بارمايدۇ (بەزىدە ئالتە ئاي ئەتراپىدا بولىدۇ).

بىمارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزى ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك 2-قېتىملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ئېغىر زەخىملىنىدۇ. بۇ قېتىمقى زەخىملىنىش ئۆمۈرلۈك زەخىملىنىش بولۇشى مۇمكىن. نەتىجىدە ئاشقازان ئاستى بېزى قايتا ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرالمايدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىمار ئۆمۈر بويى ئىنسۇلىن بىلەن داۋالىنىشقا تايىنىدۇ، شۇڭلاشقا 1-تىپلىق دىئابېتنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يۇقىرىقى ئىككى ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇش لازىم.

بىرىنچى ئۆتكەل بولسا، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇپ، بىمارنىڭ ئاشقازان ئاستى بېزىنىڭ ۋىرۇس ۋە زەھەرلىك ماددىلار تەرىپىدىن زەخىملىنىپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىككىنچى ئۆتكەل بولسا، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان ئاستى بېزىنى زەخىملەندۈرگەن زىيانلىق ماددىلارغا قارىتا ئاشقازان ئاستى بېزىنى زەخىملەندۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. «شېرىن ئاي مەزگىلى» دەپ ئاز مىقداردا ئىنسۇلىن ئىشلىتىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ تۇرسا، ئاشقازان ئاستى بېزىغا قارىتا پايدىسى ئىنتايىن كۆپ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-07-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-06-12 / 07:37:44

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ