دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش: سەۋەبلىرى، ئالامەتلىرى ۋە داۋالاش ئۇسۇللىرى
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش (Diabetic ketoacidosis, DKA) قەنت سىيىش كېسىلى يەنى دىئابېتنىڭ جىددىي ۋە ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزۈشى مۇمكىن. بۇ كېسەللىك بەدەندە ئىنسۇلىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە يېتىشمەسلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. ئىنسۇلىن بولسا ھۈجەيرىلەرنىڭ قاندىكى قەنتنى (گلۇكوزا) ئېنېرگىيە مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىشىگە ياردەم بېرىدىغان مۇھىم ھورمۇن. ئىنسۇلىن يېتەرلىك بولمىغاندا، بەدەن ئېنېرگىيە ئۈچۈن ياغنى پارچىلاشقا باشلايدۇ، بۇ جەرياندا كېتون دەپ ئاتىلىدىغان كىسلاتالىق ماددىلار ھاسىل بولىدۇ. كېتونلارنىڭ قاندىكى مىقدارى بەك كۆپىيىپ كەتسە، قاننىڭ كىسلاتا-ئىشقارلىق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى : دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش
ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى : Diabetic ketoacidosis
تۈركچە ئاتىلىشى : Diyabetik ketoasidoz
خەنزۇچە ئاتىلىشى : 糖尿病酮症酸中毒
قىسقارتىلىشى: DKA
كېسەللىك سەۋەبلىرى ۋە خەتەرلىك ئامىللار
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي يېتىشمەسلىكىدۇر. كۆپىنچە 1-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىدا كۆرۈلىدۇ، ئەمما 2-تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىمۇ بەزى ئالاھىدە ئەھۋاللاردا بۇ جىددىي كېسەل ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
ئاساسلىق كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئامىللار:
- يۇقۇملىنىش: ئۆپكە ياللۇغى، سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى قاتارلىق يۇقۇملىنىشلار بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
- ئىنسۇلىننى توغرا ئىشلەتمەسلىك: ئىنسۇلىن ئۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىش، مىقدارىنى ئۆز بىشىمچىلىق بىلەن مىقتارىنى ئازايتىش ياكى ئىنسۇلىن پومپىسى ئىشلىمەسلىك قاتارلىقلار.
- باشقا كېسەللىكلەر: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭىگە قان چۈشۈش، ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى قاتارلىق جىددىي كېسەللىكلەر.
- جاراھەت ۋە ئوپېراتسىيە: ئېغىر تىپتىكى جىسمانىي زەخىملىنىش ياكى ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى بېسىم.
- بەزى دورىلار: ستېروئىدلىق دورىلار ( يەنى ھورمونلۇق دورىلار ) ۋە بەزى سۈيدۈك ماڭدۇرۇش دورىلىرى قاتارلىقلار.
- ھامىلىدارلىق: ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەننىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان ئېھتىياجى ئۆزگىرىدۇ.
- ھاراق ۋە زەھەرلىك چېكىملىك: ھاراقنى كۆپ ئىچىش ياكى زەھەرلىك چېكىملىك ئىشلىتىش.
كېسەللىك ئالامەتلىرى
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆپىنچە تېز، ھەتتا 24 سائەت ئىچىدە پەيدا بولىدۇ. دەسلەپكى ئالامەتلەر قاندىكى قەنتنىڭ يۇقىرى بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
- قەنتلىك سىيىش كېسىلىنىڭ تىپىك ئالامەتلىرى:
- ئادەتتىن تاشقىرى ئۇسساش (Polydipsia): توختىماي سۇ ئىچكۈسى كېلىش.
- سۈيدۈكنىڭ كۆپىيىشى (Polyuria): دائىم ۋە كۆپ مىقداردا سىيىش.
- ئىشتىھانىڭ ئېشىشى (Polyphagia): ئاچقۇچلۇق دەرىجىدە ئوچقاش.
- كېيىنكى باسقۇچتىكى ئېغىر ئالامەتلەر:
- كۆڭلى ئېلىشىش ۋە قۇسۇش: بۇ بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
- قورساق ئاغرىش: قورساق قىسمىدا ئېغىر ئاغرىق پەيدا بولۇشى مۇمكىن.
- چارچاش ۋە ھالسىزلىنىش: پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش.
- نەپەستىن چىرىگەن ئالما پۇرىقى كېلىش: بۇ قاندىكى كېتون مىقدارىنىڭ يۇقىرىلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى.
- نەپەس ئېلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە تېزلىشىشى (Kussmaul breathing): بەدەننىڭ كىسلاتالىق ماددىلارنى چىقىرىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئىنكاسى.
- ئاڭنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە ھۇشسىزلىنىش: ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، بىمار ھۇشىدىن كېتىپ، ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.
دىئاگنوز قويۇش
بىمار كۆپىنچە ۋاقىتلاردا يۇقارقى ئالامەتلەر بىلەن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە كېلىدۇ ھەتتا ھۇشسىزلىنىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسى تەرىپىدىن ئەكىلىشى مۇمكىن. دوختۇرلار بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈش، كىلىنىكىلىق ئالامەتلەرنى كۆزىتىش ۋە بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق دىئاگنوز قويىدۇ.
- قان تەكشۈرۈش:
- قاندىكى قەنت مىقدارى: ئادەتتە 250 mg/dL (13.9 mmol/L) دىن يۇقىرى بولىدۇ.
- قاندىكى كېتون مىقدارى: قاندىكى كېتوننىڭ مىقدارى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى بولىدۇ.
- ئارتېرىيە قېنىنىڭ گاز ئانالىزى: بۇ تېز چىقىدىغان، بىمارنىڭ كېسەللىك دەرىجىسىنى باھالاشتا مۇھىم ئوينايدىغان تەكشۈرۈش بولۇپ، قاننىڭ pH قىممىتى 7.3 دىن تۆۋەن بولۇپ، مېتابولىزملىق كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
- ئېلېكترولىتلار: سۇسىزلىنىش ۋە كىسلاتالىق زەھەرلىنىش سەۋەبىدىن قاندىكى كالىي، ناترىي قاتارلىق ئېلېكترولىتلارنىڭ مىقدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.
- سۈيدۈك تەكشۈرۈش: سۈيدۈكتە كۆپ مىقداردا قەنت ۋە كېتون بارلىقى بۇ كېسەللىكنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنىڭ كۆرسۈتكۈچىنىڭ بىرى.
داۋالاش ئۇسۇللىرى
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش جىددىي قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، بىمارنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك. چۈنكى بۇنىڭ داۋالىنىشى پەقەت شارائىت يار بەرگەن دوختۇرخانىدىلا ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ. داۋالاشنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بەدەندىكى سۇيۇقلۇق ۋە ئېلېكترولىتلارنى تولۇقلاش، قاندىكى قەنتنى تۆۋەنلىتىش ۋە كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى تۈزىتىشتىن ئىبارەت.
- سۇيۇقلۇق ۋە ئېلېكترولىت تولۇقلاش: تومۇر ئارقىلىق كۆپ مىقداردا فىزىئولوگىيىلىك تۇز ئېرىتمىسى ۋە باشقا ئېلېكترولىت ئېرىتمىلىرىنى بېرىش ئارقىلىق بەدەننىڭ سۇسىزلىنىش ئەھۋالىنى ياخشىلاش.
- ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاش: تومۇر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز ھالدا تۆۋەن مىقداردىكى ئىنسۇلىننى بېرىپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنى مۇقىم ھالەتتە تۆۋەنلىتىش ۋە كېتوننىڭ ھاسىل بولۇشىنى توختىتىش.
- كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى تۈزىتىش: كۆپىنچە ئەھۋالدا، سۇيۇقلۇق ۋە ئىنسۇلىن بىلەن داۋالاش ئارقىلىق كىسلاتالىق زەھەرلىنىش ئۆزلۈكىدىن تۈزىلىدۇ. ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋاللاردا، دوختۇر ئىشقارلىق دورىلارنى ئىشلىتىشى مۇمكىن.
- كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەبنى داۋالاش: ئەگەر كېسەللىك يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، ئانتىبىئوتىك ئىشلىتىپ يۇقۇملىنىشنى كونترول قىلىش كېرەك.
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش – دىئابېت كېسىلىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك ئەگەشمە كېسىلىنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. بىمار دىققەت قىلمىسا كېسەل ئەھۋالى ئېغىرلاپ ، يېقىندىن كۈزىتىش ئۆيىگە كىرىپ قېلىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا دىئابېت بىمارلىرى بۇ توغرىلىق چوقۇم تولۇق خەۋەردار بولۇشى ، جىددىي ئەھۋاللاردا قانداق قىلىش توغرىلىق بىلىم ئېگەللىۋېلىشى كېرەك!
ئالدىنى ئېلىش
دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قەنتلىك سىيىش كېسىلى بىمارلىرى تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك:
- قاندىكى قەنتنى دائىم ئۆلچەپ تۇرۇش: بولۇپمۇ كېسەل بولغان ياكى بېسىم ھېس قىلغان ۋاقىتتا قاندىكى قەنتنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش.
- ئىنسۇلىننى توغرا ئىشلىتىش: دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىنسۇلىننى ۋاقتىدا ۋە يېتەرلىك مىقداردا ئۇرۇش.
- كېتوننى تەكشۈرۈش: قاندىكى قەنت مىقدارى 300 mg/dL دىن ئېشىپ كەتكەندە ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە سۈيدۈك ياكى قاندىكى كېتوننى تەكشۈرۈش. ( بىمارلار ۋە ئائىلە تاۋاباتلىرى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى بىلىدۇ)
- «كېسەل كۈنلەر» پىلانى: كېسەل بولغان ۋاقىتتا قانداق قىلىش كېرەكلىكى توغرىسىدا دوختۇر بىلەن ئالدىنئالا مەسلىھەتلىشىپ، كونكرېت پىلان تۈزۈۋېلىش.
- يېتەرلىك سۇ ئىچىش: بەدەننىڭ سۇسىزلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.
- ساغلام تۇرمۇش ئادىتى: مۇۋاپىق چېنىقىش، روھىي بېسىمنى ئازايتىش ۋە تەڭپۇڭ ئوزۇقلىنىش.
كۆپ سورالغان سوئاللار (FAQ)
تۆۋەندە دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش (DKA) ھەققىدىكى بەزى كۆپ سورالغان سوئاللار ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابلىرى بېرىلدى:
1. بالىلاردا DKA كۆرۈلەمدۇ؟
ھەئە، كۆرۈلىدۇ ھەمدە ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەردە كۆپ كۆرۈلىدىغان جىددىي ئەگەشمە كېسەللىك ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن بالىلارغا تۇنجى قېتىم 1-تىپلىق دىئابېت كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلۇشى دەل DKA سەۋەبىدىن دوختۇرخانىغا كەلگەندە بولىدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنى كىچىك، سۇيۇقلۇق مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئۇلاردا DKA نىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ تېز ۋە خەتەرلىك بولىدۇ.
2. DKA خەتەرلىكمۇ؟
شۈبھىسىزكى، DKA ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىددىي داۋالاشنى تەلەپ قىلىدىغان كېسەللىك. ئەگەر ۋاقتىدا ۋە مۇۋاپىق داۋالانمىسا، ئۇ مېڭە ئىششىقى، يۈرەك توختاش، بۆرەك زەئىپلىشىش، دىئابېتلىق ھۇشسىزلىنىش ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا، DKA نىڭ ھەرقانداق ئالامىتى كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىش ھايات ماماتلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ.
3. DKA بولغاندا ئىنسۇلىن ئۇرسام دوختۇرخانىغا بارمىساممۇ ساقىيامدۇ؟
ياق، مۇمكىن ئەمەس ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۆيدە ئۆزىڭىزگە ئىنسۇلىن ئۇرۇش DKA نى داۋالاشقا قەتئىي يەتمەيدۇ. DKA پەقەت قاندىكى قەنتنىڭ يۇقىرى بولۇشىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كېلىدىغان ئېغىر دەرىجىدىكى سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭسىزلىقى (بولۇپمۇ كالىينىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى) ۋە قاننىڭ كىسلاتالىشىشى قاتارلىق مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى چوقۇم دوختۇرخانىدا، تومۇر ئارقىلىق سۇيۇقلۇق تولۇقلاش، ئىنسۇلىننى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش ۋە ئېلېكترولىتلارنى ئۈزلۈكسىز كۆزىتىپ تۇرۇش ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئۆزىڭىزچە داۋالىنىش ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. يېقىنىڭىزدا DKA دىن شۈبھىلەنسىڭىز قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟
ئەگەر تونۇشىڭىز دەرھال دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئاپىرىڭ ياكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرىڭ. چۈنكى بۇ ھاياتقا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋالدۇر! بۇنى ھەرگىزمۇ ئۆيدە ھەل قىلغىلى بولىدىغان بىر ئەھۋال ئەمەس!
خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، دىئابېت كېتون كىسلاتاسىدىن زەھەرلىنىش قەنتلىك سىيىش كېسىلىنىڭ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى داۋالىغىلى بولىدۇ. بىمارلار ئۆز كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشى چۈشىنىپ، دوختۇر بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، قاندىكى قەنتنى ياخشى كونترول قىلسا، بۇ خەتەرلىك ئەگەشمە كېسەللىكتىن ساقلانغىلى بولىدۇ.