يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىش: بۇ باكتېرىيە خاراكتېرلىك زەھەرلىنىش، مەسىلەن، چوڭ تاياقچە باكتېرىيەلىك زەھەرلىنىش، خىمىيەلىك زەھەرلىنىش، مەسىلەن، دېھقانچىلىق دورا قالدۇقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن يېمەكلىكلەردىن زەھەرلىنىش، زەمبۇرۇغدىن زەھەرلىنىش، مەسىلەن، موگۇدىن زەھەرلىنىش قاتارلىق بىر نەچچە تۈرگە بۆلىنىدۇ.
يېمەكلىكتىن زەھەرلەنسە، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش ئېغىر بولسا سۇسىزلىنىش ھەتتا شوك بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
سەي پۇرچاقتىن زەھەرلىنىش:تولۇق پىشمىغان سەي پۇرچاق، دانىسى چوڭ ياكى زىيادە ئۇزۇن ساقلانغان سەي پۇرچاقتا زەھەرلىك ماددىلار كۆپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سەي پۇرچاقنى قورۇش ۋاقتى قىسقا، قورۇش تېمپىراتۇرسى يېتەرلىك بولمىسا، زىيانلىق ماددىلار چىقىپ كەتمەيدۇ. بۇنى ئىستېمال قىلسا، ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ، زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، باش قىيىش، دېمى سىقىلىش، سوغۇق تەرلەش، پۇت – قولى ئۇيۇشۇش ۋە مۇزلاش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولىدۇ.
كېسەللىك ئەھۋالى يېنىك بولسا، بىمار بىرنەچچە كۈن ئارام ئالسا، ئۆزلۈكىدىن ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كىرەك.
موگۇدىن زەھەرلىنىش:زەھەرلىك موگۇنى يەپ سالسا،بىر-ئىككى سائەتتىن كېيىن زەھەرلىنىدۇ. ئادەتتە قاتتىق ئۇسساش، ئىچى سۈرۈش، قورساق ئاغرىش، ئاغزىدن سۇ يېنىش، پۇت قوللىرى تىترەش، تۇيۇقسىز روھلىنىپ كېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
زەھەرلىنىش ئەھۋالى يېنىك بولسا بىمارغا دەرھال كۆپ مىقداردا ئىلمان قايناق سۇ ياكى تۇز سۇيى ئىچۈرۈش، ئاندىن مەجبۇرىي ياندۇرغۇزۇۋېتىش كېرەك. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولسا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كېرەك.
نىترتلاردىن زەھەرلىنىش: نىترىتلارنى يەپ سالسا بىماردا مەيدىسى چىڭقىلىش، دېمى سىقىلىش، چىرايى سۆسۈن رەڭگە ئۆزگۈرۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر نىترتلاردىن زەھەرلەنسە، بىمارغا كۆپ مىقداردا سۇ ئىچۈرۈش ۋە دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىش كىرەك.