سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
1. بەدەن سەمرىپ كېتىش
سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوخشاش ياشتىكىلەرگە قارىغاندا ئېگىز، سېمىز كېلىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقى ئوخشاش ياشتىكىلەردىن كۆپ پەرقلىنىدۇ. پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشى سېمىز ۋە ئېگىز بولسىمۇ، لېكىن سۆڭەك يېشى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، ئۇ يەنىلا ئوخشاش ياشتىكى بالىلار بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بالىلاردىكى سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئادەتتە تېرە ئاستى مېيى ئىنتايىن ئېغىر بولۇپ، كۆپ قىسمى قورساق قىسمى، ساغرا قىسمى ۋە كۆكرەك قىسمىدا بولىدۇ. بۇ بىر قانچە جايدا ياغنىڭ يىغىلىپ قېلىشى بىرقەدەر ئېغىر بولىدۇ.
2. ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى
سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئىشتىھاسى ئادەتتىكى ئوخشاش ياشتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، كۆكتات ياكى مايسىز يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، تەملىك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بولۇپمۇ مايلىق، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ۋە يۇقىرى مايلىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ. ھازىرقى تېز تاماقلاردا مايدا پىشۇرۇلغان توخۇ، بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بالىلارنىڭ سېمىزلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
3. ئىنسۇلىن يۇقىرىلايدۇ
سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ ئىنسۇلىن سەۋىيەسى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئىنسۇلىننىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بالىنى دائىم تەرلىتىپ، پۈتۈن بەدەنلىك سېمىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر قاتار كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
4. تەنتەربىيەنى ياقتۇرماسلىق
سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ئۆزىنىڭ بەدەن شەكلى نىسبەتەن سېمىز بولغانلىقتىن، ئىچكى ئاجراتما قالايمىقانلىشىش ۋە مېتابولىزم خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ، دائىم ئۆزىنىڭ ناھايىتى چارچىغانلىقىنى، ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ. ھەرىكەت قىلغاندا نەپەسلىنىشنىڭ تەكشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پۇتى ئاغرىيدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلىدۇ. شۇڭا كۆپ قىسىم سېمىزلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلار ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، كۆپىنچىسى ئولتۇرۇشنى ياكى يېتىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
گەرچە ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سېمىزلىك كېسىلىنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ناھايىتى زور. سېمىزلىك قانچە ئېغىر بولسا نەپەسلىنىش ۋە ھەزىم قىلىش قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بالىلارنىڭ نورمال تۇرمۇش، ئۆگىنىش ۋە ئالاقىسىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قانۇنىيەتلىك يېمەك-ئىچمەك ۋە ياخشى تۇرمۇش ئادىتىگە كۆپرەك دىققەت قىلىشى، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى، ئىمكانقەدەر زىيادە كۆپ ماي يىغىلىپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئۇنىڭدىن بالىنى كەسپىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ دوختۇرنىڭ پىكرىگە قۇلاق سېلىپ، يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش جەھەتتە بالىغا ماسلىشىپ، قايتىدىن سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17932506.shtml