ئۈندىدار سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
بەدىنىمىزدە نۇرغۇن سىرلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بىز ئادەتتە نۇرغۇن شەيئىلەرگە دىققەت قىلىمىز، لېكىن ئۆزىمىزنىڭ بەدىنىگە ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيمىز. ئەمەلىيەتتە بەدىنىمىزنىڭ تۈزۈلىشى ۋە باشقا تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلار ھەقىقەتەن ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، ھەممەيلەننىڭ ئويلىنىپ بېقىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇنداقتا بەدىنىمىزدە زادى قانداق سىرلار ساقلانغان؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى:

قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ بەدىنى جەمئىي 650 پارچە مۇسكۇل، 206 پارچە سۆڭەك، 100دىن ئارتۇق بوغۇم، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 100 مىڭ چاقىرىم كېلىدىغان قان تومۇر، شۇنداقلا 13 مىليارد نېرۋا سېستېمىسىدىن تۈزۈلگەن.
ئادەم بەدىنىدە چوڭ مېڭىنىڭ ئېغىرلىقى ئومۇمىي بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ %3نى ئىگىلەيدۇ، خورىغان ئوكسىگېن سۈمۈرگەن ئوكسىگىننىڭ پەقەت %20نى ئىگىلەيدۇ، خورىغان ئىسسىقلىق پۈتۈن بەدەن قوبۇل قىلغان ئىسسىقلىقنىڭ %30نى ئىگىلەيدۇ، قان ئايلىنىش مىقدارى بولسا پۈتۈن بەدەندىكى قاننىڭ %15نى ئىگىلەيدۇ.
كۆزىمىزدىكى كۆرۈش پەردىسى پەقەت 650 كۋادرات مىللىمېتىر يەرنى ئىگەللەيدۇ، لېكىن ئۇ 137 مىليون دانە نۇر ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن. كۆزدىكى تۈرلۈك مۇسكۇللار ھەر كۈنى تەخمىنەن 100 مىڭ قېتىم ھەرىكەتلىنىدۇ.
ئاشقازان دىۋارى ھۈجەيرىسى ھەر مىنۇتتا 500 مىڭ قېتىم يېڭى ھۈجەيرە ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر ئۈچ سائەتتە ئاشقازان دىۋارىدىكى ھۈجەيرىلەر پۈتۈنلەي يېڭىلىنىپ بولىدۇ.
بۆرەك تەخمىنەن بىر مىليون دانى بۆرەك شارچىسىدىن تەشكىل قىلغان بولۇپ، بەدەندىكى ئىككى تال بۆرەك ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن 1.3 لېتىر قاننى سۈزەلەيدۇ، ھەر كۈنى يەنە 1.4 لېتىر سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى سۆڭەكنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مىقدارى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئادەتتە سەرەڭگە قېپى بىلەن تەڭ كىچىك بىر پارچە سۆڭەك توققۇز توننا ئېغىرلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، يەنى بۇ ئادەتتىكى بىتوننىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە باراۋەر.
يۈرەك ئادەمنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد قېتىم سوقىدىغان بولۇپ، جەمئىي يەتكۈزگەن ۋە قوبۇل قىلغان قان مىقدارى تەخمىنەن 500 مىليون لېتىرغا يىتىدۇ.
ئۆپكە ئىچىدە تەخمىنەن 300 مىليارد تال مىكرو قان تومۇر بولۇپ، بۇنى بىرلەشتۈرگەندە ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 2400 چاقىرىمغا يىتىدۇ.
قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئومۇمىي قان مىقدارى 4.5 لېتىر بولۇپ، ھەر بىر مىنۇت ئىچىدە تولۇق بىر قېتىم ئۆپكىدىن ئۆتىدۇ.
قىزىل قان شارچىسىنى يىلىك ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ھەر سىكونتتا تەخمىنەن بىر مىليون 200 مىڭ دانە ئىشلەپ چىقىرىدۇ. ھەر بىر قىزىل قان شارچىسىنىڭ ئۆمرى 120-100 كۈنگىچە بولۇپ، بىر كىشىنىڭ پۈتۈن ئۆمىرىدە شەكىللەنگەن قىزىل قان شارچىسىنىڭ ئومۇمىي ئېغىرلىقى تەخمىنەن يېرىم توننا كېلىدۇ.
ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئەزا تېرە بولۇپ، قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بەدىنىدىكى تېرە ئومۇمىي كۆلىمى 1.9 كۋادرات مېتىر، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بولسا 1.6 كۋادرات مېتىر كېلىدۇ. ھەر 18 كۈندە بەدەندىكى تېرە بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ، ئادەمنىڭ بىر ئۆمرىدە چۈشۈپ كەتكەن تېرىسى تەخمىنەن 18 كىلوگرام كېلىدۇ.
قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنى بىر كۈندە تەخمىنەن 50 مىليون دانە ئۇرۇق ئىشلەپ چىقىرىدىغان بولۇپ، ئەگەر تولۇق ئۈنۈملۈك دەپ قارىساق، جەمئىي تۆت ئايدا دۇنيانىڭ ھازىرقى نوپۇسى بارلىققا كېلەلەيدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2025/05/8834883.shtml


