ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولىدىغانلار قارىغاي ئۇرۇقىنى سۇس ئوتتا قورۇپ ، مېغىزىنى كۈندە بىر ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا 10– 20 گىرامدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە بولىدۇ
ئۈچەينىڭ ئاجىزلىشىشى سەۋەبىدىن قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار كۈدە ئۇرۇقىنى قورۇپ سوقۇپ ، ھەر قېتىمدا ئۈچ گىرامدىن ، كۈنىگە ئۈچ ۋاق قايناق سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .
يېنىك دەرىجىدىكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار بەش دانە ياڭاق مېغىزىغا 30 گىرام ئاق شېكەر ئارىلاشتۇرۇپ ئېزىپ ، ئۇنىڭغا 50 گىرام سېرىق ھاراق قوشۇپ ، سۇس ئوتتا 10 مىنۇت قاينىتىپ ، كۈنىگە ئىككى قېتىمدىن ئىستېمال قىلىپ بەرسە ئوبدان مەنپەئەت قىلىدۇ .
سۇس ئوتتا قورۇپ ، سوقۇپ تەييارلانغان 20 گىرام كۈنجۈت ، بەش دانە چوڭ چىلان ، 100 گىرام پۇرچاقنى كۈندە كەچلىكى ئۇماچ ئېتىپ ئىچىپ بەرسە ، قەۋزىيەتكە شىپا بولىدۇ .